مۇخبىرىمىز ۋەلى
2011.10.03
2011.10.03
ۋاشىنگتوندىكى خىتاي باش ئەلچىخانىسى ئالدىدا ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى. 2011-يىلى 3-ئۆكتەبىر، ئامېرىكا.بۇ نامايىشقا ۋاشىنگتون ئالاھىدە رايونى ئەتراپىدىكى شتاتلار ۋە باشقا شتاتلاردىن كەلگەن بىر قىسىم ئۇيغۇرلار قاتناشتى.

نامايىشتا ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم سۆز قىلىپ، خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى بېسىۋالغانلىقىغا 62 يىل تولغانلىقى، خىتاينىڭ بۇ جەرياندا ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېغىر بېسىم ۋە دەپسەندە قىلىش سىياسىتى يۈرگۈزۈپ كەلگەنلىكىنى ئەيىبلىدى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن نامايىشنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.