خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 62 يىللىقىنى، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئۆز دۆلەتلىرىدىكى خىتاي ئەلچىخانىلىرى ئالدىدا نارازىلىق نامايىشى بىلەن خاتىرىلىدى.
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2011.10.03

بۈگۈن ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشقا، ۋاشىنگتون ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى شتاتلاردا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن 50دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى.

خىتاي باش ئەلچىخانىسى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتا، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم سۆز قىلدى. ئۇ سۆزىدە 1-ئۆكتەبىرنى، ئۇيغۇرلار بۈگۈن دۇچ كېلىۋاتقان زۇلۇم ۋە بالايىئاپەتلەرنىڭ باشلانغۇچ نۇقتىسى دەپ كۆرسەتتى.

ئۇيغۇرلار 20-ئەسىردە ئىككى قېتىم مۇستەقىللىق جاكارلاپ، شەرقى تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ۋە شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى نامىدا دۆلەت قۇرغان. 1944-يىلى قۇرۇلغان 2-قېتىملىق شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھاكىمىيىتىگە، 1949-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن خاتىمە بېرىلگەن.

بۈگۈن يەنە شۋېتسىيىنىڭ ستوكھۇلىم، كانادانىڭ ۋانكوۋېر ۋە تورونتو شەھەرلىرىدىمۇ خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈلۈپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇستەملىكىچىلىكىگە نارازىلىق بىلدۈرۈلدى.