24 ‏-سېنتەبىر باشلانغان خەلقئارالىق ئۇيغۇر ئاياللىرىنى تەربىيىلەش كۇرسى بۈگۈن يەنى دۈشەنبە كۈنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتى. ئىستونىيە پايتەختى تاللىندا ئېچىلغان بۇ يىغىنغا، ئامېرىكا، ياۋروپا ۋە ئاسىيا قىتئەسىدىكى 9 دۆلەتتىن كەلگەن 70تىن كىشى قاتناشتى.
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2011.09.26

3 كۈن داۋام قىلغان تەربىيىلەش كۇرسىدا، ئالاقىدار خەلقئارالىق قانۇن ۋە دىپلوماتىيە بىلىملىرى ھەققىدە لېكسىيە سۆزلەنگەندىن باشقا، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىدە ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش، ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى ئانىلار ۋە بالىلار مەسىلىلىرىنى خەلقئارا سەھنىگە قانداق ئېلىپ چىقىش قاتارلىق تېمىلاردا مۇھاكىمە ۋە مۇزاكىرىلەر ئېلىپ بېرىلدى.

تاللىندىكى دۆلەت كۇتۇپخانىسىدا ئېچىلغان بۇ كۇرسنىڭ يېپىلىش مۇراسىمى ئىستونىيە پارلامېنت زالىدا ئۆتكۈزۈلدى. مۇراسىمغا كۇرسانتلار ۋە لېكسىيە سۈزلىگۈچىلەردىن باشقا بىر تۈركۈم ئىستونىيە پارلامېنت ئەزالىرى ۋە خەلقئارا ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرى ئىشتىراك قىلدى.

مۇراسىم ئاخىرىدا ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ يولباشچىسى رابىيە قادىر خانىم مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئېچىپ، نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.