مۇخبىرىمىز جۈمە
2011.09.16

رابىيە قادىر خانىم: قەشقەر-خوتەن ۋەقەسىدە ھەقىقىي قاتىل يەنە جازاسىز قالدى

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم، رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي سوتىنىڭ خوتەن ۋە قەشقەر ۋەقەسىگە چېتىشلىق پىدائىيلارنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلغانلىقىغا قارىتا پىكىر بايان قىلدى.

خوتەن ۋە قەشقەردىكى ۋەقەلەرنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ئۇيغۇر مىللىتى ئارىسىدىكى توقۇنۇش ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن رابىيە خانىم، مەزكۇر ۋەقەلەرگە خىتاي سوتلىرىدىن ئادىل ھۆكۈم چىقىشىنىڭ مۇمكىنسىزلىكىنى تەكىتلىدى.

رابىيە خانىم خىتاي دۆلىتىنىڭ ئۆلۈم جازالىرى ئارقىلىق رايونغا يەنە ئۈستى-ئۈستىلەپ ئۆچ-ئاداۋەت ۋە ئىنتىقام ئۇرۇقى چېچىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، خەلقئارادىكى تەرەپسىز ئورگانلارنى رايون ۋەزىيىتى ئۈستىدە مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا چاقىردى.

خوتەن ۋە قەشقەر ۋەقەسىگە چېتىشلىق پىدائىيلاردىن 4 نەپىرى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىندى

13-سېنتەبىر خىتاينىڭ خوتەن ۋە قەشقەر ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى ھۆكۈم ئېلان قىلىپ، خوتەن ۋە قەشقەر ۋەقەلىرىگە چېتىشلىق پىدائىيلاردىن 4 نەپىرىنى ئۆلۈم جازاسىغا، 2 نەپىرىنى 19 يىللىقتىن قاماق جازاسىغا بۇيرۇغان.

ھۆكۈمدە خوتەن ۋەقەسىگە چېتىشلىق پىدائىيلاردىن ئابدۇغېنى يۈسۈپنى ئۆلۈم جازاسىغا، ئابدۇللا ئېلى ۋە تۇراپ مەمەتنى 19 يىللىقتىن قاماق جازاسىغا بۇيرۇغان.

قەشقەر ۋىلايەتلىك سوت مەھكىمىسى، ئابلىكىم ھەسەن، مۇختەر ھەسەن ۋە مەمەتنىياز تۇرسۇن قاتارلىق 3 پىدائىينى ئۆلۈمگە بۇيرۇغان. گېرمانىيىنى مەركەز قىلغان خەتەر ئاستىدىكى خەلقلەر تەشكىلاتى خىتاينى بۇ 4 ئۇيغۇرنىڭ سوتىنى سىياسىيلاشتۇرۇش بىلەن تەنقىد قىلدى.

مالايشىيادىن قايتۇرۇلغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىز-دېرىكى يوقلۇقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە

بىز ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا قارىغاندا، 18-ئاۋغۇست مالايشىيادىن خىتايغا قايتۇرۇلغان 11 ئۇيغۇر ئارىسىدا قۇربانجان ھاجىم ئىسىملىك 28 ياشلىق بىر ئۇيغۇر ياشمۇ بار بولۇپ، ئاتا-ئانىسى ئۇنىڭ دېرىكىنى ئالالمىغان.

قۇربانجان ھاجىمنىڭ نۆۋەتتە سەئۇدى ئەرەبىستانىدا تۇرۇۋاتقان دادىسى سىراجىئەخمەت ھاجىم مالايشىيا ھۆكۈمىتىنىڭ ئوغلىنى تۇتۇپ، خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەنلىكىنى ئۇققاندىن كېيىن، جىددىي تەييارلىق قىلىپ، خوتەندىكى تونۇشلىرىنى ئىشقا سالغان ۋە دائىرىلەردىن ئوغلىنىڭ دېرىكىنى قىلغان.

ھالبۇكى، خوتەندىكى ھەر دەرىجىلىك ساقچى ۋە خەۋپسىزلىك ئورگانلىرى بۇنداق بىر دېلودىن خەۋىرى يوقلۇقىنى، قۇربانجان ھاجىم ئىسىملىك مەھبۇسنىڭ تىزىملىكتە يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن. قۇربانجان ھاجىم ئەسلى خوتەن شەھەر ئىچىدىن. ئۇ، 2006-يىلى 9-ئايدا مالايشىياغا ئوقۇش ئۈچۈن كەلگەن ۋە مالايشىيادا 10 يىللىق قانۇنلۇق تۇرۇش رۇخسەتنامىسىگە ئېرىشكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، قۇربانجان ھاجىم بۇ يىل خوتەندىن مالايشىياغا چىققان ئاتا-ئانىسىنى ئېلىپ، 29-ئىيۇل سەئۇدى ئەرەبىستانىغا كەلگەن. شۇ ئارىلىقتا قۇربانجان ھاجىم مالايشىيادىن كەلگەن جىددىي تېلېفوننى ئالغاندىن كېيىن، مالايشىياغا قايتقان.

بىز ئىگىلىگەن ئۇچۇرغا قارىغاندا، قۇربانجان مالايشىياغا قايتقاندىن كېيىن، ساقچىلارنىڭ قولىغا چۈشكەن بولۇشى مۇمكىن. ھالبۇكى، قۇربانجانغا كىمدىن تېلېفون كەلگەنلىكى ۋە تېلېفوندا نېمىلەر دېيىلگەنلىكى ھازىرچە نامەلۇم.

ئامېرىكىنىڭ دىنىي ئەركىنلىك دوكلاتىدا ئۇيغۇرلارغا كەڭ ئورۇن بېرىلدى

13-سېنتەبىر، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يىللىق خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك دوكلاتىدا ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىك ۋەزىيىتىگىمۇ ئالاھىدە ئورۇن بېرىلگەن.

دوكلاتتا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىنى تۈرلۈك قانۇن-تۈزۈملەر ئارقىلىق بوغقانلىقى كۆرسىتىلگەن. دوكلاتتا يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە دىنىي كىتابلارنى سېتىشنى، دۆلەت كادىرلىرى ۋە 18 ياشقا توشمىغان بالىلارنىڭ مەسچىتكە بېرىشىنى ۋە ئاياللارنىڭ بېشىغا ياغلىق سېلىشىنى چەكلىگەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

بۇ دوكلاتتا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ تۈرمىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئىككى ئوغلىنىڭ ئەھۋالىمۇ ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان.

مۇتەخەسسىسلەر خىتاينى ئۇيغۇر ئېلىدە يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش مۇداپىئە سىستېمىسىنى كۈچەيتىشكە چاقىردى

يېقىندا خوتەندە بالىلاردا تارقىلىدىغان يۇلۇن ياللۇغى ۋىرۇسى بايقىلىپ، بىر بالىنىڭ ئۆلگەنلىكى ۋە 8 بالىنىڭ مەزكۇر ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغانلىقى ئېلان قىلىنغان ئىدى.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان مۇتەخەسسىسلەر خىتاينى ئۇيغۇر ئېلىدە يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش مۇداپىئە سىستېمىسىنى كۈچەيتىشكە چاقىردى.

ئامېرىكىنىڭ نيۇ-يورك شەھىرىدىكى بىر دوختۇرخانىنىڭ تەتقىقاتچىسى مۇھەممەت ئەپەندى، ۋاكسىنا ئارقىلىق بۇ ۋىرۇسنىڭ  ئالدىنى ئېلىشقا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ب د ت سەھىيە ئورگىنىڭ خادىمى روسېنبېير، چارە-تەدبىرلەرنى قوللىنىش ئارقىلىق كېسەللىكنىڭ خەۋپىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈشكە بولىدىغانلىقىنى، مۇھىمى ۋىرۇس بايقالغاندا ئالمان-تالمان تەدبىر ئېلىش ئەمەس، بەلكى ۋىرۇسقا قارشى ئالدىنئالا مۇداپىئە تەدبىرلىرىنى ئېلىش كېرەكلىكىنى كۆرسەتتى.

قازاقىستاندا غېنى باتۇر تۇغۇلغانلىقىنىڭ 110 يىللىقى خاتىرىلەندى

ئۇيغۇر مۇستەقىللىق ئۇرۇشى قەھرىمانى غېنى باتۇر تۇغۇلغانلىقىنىڭ 110 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، 13‏-سېنتەبىر ئالماتادا خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. پائالىيەتكە يۈزلىگەن ئۇيغۇرلارنىڭ قاتناشقانلىقى مەلۇم.

غېنى باتۇر تۇغۇلغانلىقىنىڭ 110 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىنى ئۇيۇشتۇرۇشقا قازاقىستان ئۇيغۇر ياشلىرى بىرلىكى تەشكىلاتى كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن.

مەرھۇمنىڭ قەبرىسى بىر يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيان قايتا رەتلىنىپ ۋە كېڭەيتىپ ياسالغان بولۇپ، 13‏-سېنتەبىر دىكى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە 44-يىلدىكى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ئارمىيىسىنىڭ كاپىتانى مەسۇمجان زۇلپىقارۇف قاتناشقان ۋە يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغان. ئۇيغۇر ئەركىنلىك جەڭچىسى غېنى باتۇر 81-يىلى قازاقىستاندا قازا قىلغان قىلغان ئىدى.

ميۇنخېندىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىغا سۇقۇنۇپ كىرىۋالغان جاسۇس سوتلاندى

گېرمانىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 12-سېنتەبىردىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، خىتاي تەرىپىدىن گېرمانىيىنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىغا كىرگۈزۈلگەن خىتاي جاسۇسى 11-سېنتەبىر سوتقا تارتىلغان.

ئىلگىرى ميۇنخېندىكى تۆت نەپەر ئۇيغۇرنىڭ خىتايغا جاسۇسلۇق قىلغانلىق گۇمانى بىلەن ئۆيلىرىنىڭ ئاختۇرۇلغانلىقى خەۋىرى مەتبۇئاتلاردا يەر ئالغان ۋە ئۇيغۇرلار ئارىسىدا كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىغان ئىدى. بۇ قېتىم سوتقا تارتىلغان خىتاي جاسۇسى شۇلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ گېرمانىيە بىخەتەرلىك دائىرىلىرى تەرىپىدىن سەككىز كۈن تۇتۇپ تۇرۇلۇپ سوراق قىلىنغان.

خەۋەردە بۇ جاسۇسنىڭ ئىسىم، فامىلىسى تىلغا ئېلىنمىغان. ئۇنىڭ 63 ياشلىق بىر كىشى بولغانلىقى، ئىلگىرى ئۇيغۇر ۋەتىنىدە ئوقۇتقۇچىلىق بىلەن شۇغۇللانغانلىقى، خىتايغا سېتىلغاندىن كېيىن، خىتاينىڭ ميۇنخېندىكى كونسۇلى بىلەن مەخپىي ئالاقىلىشىپ، ئۇلارنى ئۇيغۇرلارغا ۋە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىغا ئائىت ئاخباراتلار بىلەن تەمىنلىگەنلىكى سۆزلەنگەن.

بۇ قېتىمقى سوتنىڭ مەتبۇئاتلاردىكى خەۋىرىدىن ۋاقىپ بولغان ميۇنخېندىكى ئۇيغۇرلاردىن تۇرسۇن ئەپەندى سوتقا تارتىلغان بۇ كىشىنىڭ ئەسلى ئىسمىنىڭ لەنساڭ بولغانلىقىنى، گېرمانىيىگە كەلگەندىن كېيىن ئۆزىنى شۆھرەت دېگەن ئۇيغۇرچە ئىسىم بىلەن ئاتاپ يۈرگەنلىكىنى، مىللىتىنىڭ شېۋە ئىكەنلىكىنى، ئىلگىرى غۇلجىدا ئوقۇتقۇچىلىق بىلەن شۇغۇللانغانلىقىنى ۋە ئۇيغۇرچىنى راۋان سۆزلەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئامېرىكىدا 11-سېنتەبىر ۋەقەسىنىڭ 10 يىللىقى خاتىرىلەندى

11-سېنتەبىر 2001-يىلىدا 9-ئاينىڭ 11-كۈنى ئامېرىكىدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ۋەقەسىنىڭ 10 يىللىقى خاتىرىلەندى.

خاتىرىلەش مۇراسىمى نيۇ-يورك شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، بۇ مۇراسىمغا ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما ۋە رەپىقىسى، سابىق پرېزىدېنت جورج بوش ھەم باشقا دۆلەت رەھبەرلىرى قاتناشقان.

پرېزىدېنت ئوباما ۋە باشقىلار نيۇ-يورك شەھىرىدىكى دۇنيا سودا مەركىزىنىڭ ئورنىغا سېلىنغان خاتىرە مەركىزىگە بېرىپ، 11-سېنتەبىردە ھاياتىدىن ئايرىلغان بىگۇناھ كىشىلەرگە تەزىيە بىلدۈرگەن.

11-سېنتەبىر كۈنىدىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىنىڭ قۇربانلىرى قاتارىدا ئۆزبېكىستاندىن كەلگەن 24 ياشلىق ئۇيغۇر قىزى گۆھەر سېيىت مۇھەممەدمۇ بار ئىدى.