ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم، بۈگۈن رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي سوتىنىڭ خوتەن ۋە قەشقەر ۋەقەسىگە چېتىشلىق پىدائىيلارنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلغانلىقىغا قارىتا پىكىر بايان قىلدى.
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2011.09.15
rabiye-qadir-aliy-kengesh-1-305.jpgرابىيە قادىر خانىم شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇر ئالىي كېڭىشىدە. 2011-يىلى 2-ماي.

RFA

خوتەن ۋە قەشقەردىكى ۋەقەلەرنىڭ خىتاي دۆلىتى بىلەن ئۇيغۇر مىللىتى ئارىسىدىكى توقۇنۇش ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن رابىيە خانىم، مەزكۇر ۋەقەلەرگە خىتاي سوتلىرىدىن ئادىل ھۆكۈم چىقىشىنىڭ مۇمكىنسىزلىكىنى تەكىتلىدى.

رابىيە خانىم خىتاي دۆلىتىنىڭ ئۆلۈم جازالىرى ئارقىلىق رايونغا يەنە ئۈستىلەپ ئۆچ-ئاداۋەت ۋە ئىنتىقام ئۇرۇقى چېچىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، خەلقئارادىكى تەرەپسىز ئورگانلارنى رايون ۋەزىيىتى ئۈستىدە مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا چاقىردى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.