خىتاي دائىرىلىرى ئۆتكەن ھەپتە ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزگەن ياۋرۇئاسىيا يەرمەنكىسىگە 5000 دىن ئارتۇق چەتئەللىك سودا-كارخانىچى قاتناشقان ۋە بۇلارنىڭ بىر قىسمى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى ئارىسىدا بىر قاتار سودا ۋە قۇرۇلۇش تۈرلىرى بويىچە كېلىشىملەر تۈزۈلگەن ئىدى.
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2011.09.12

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن تۈنۈگۈن ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم رادىئومىزدا بايانات بېرىپ، ئۇيغۇر ئېلىگە مەبلەغ سالماقچى بولغان چەتئەللىكلەرنى ئىنسانپەرۋەرلىك نۇقتىسىدىن مەسئۇلىيەتچان بولۇشقا چاقىردى.

باياناتتا، ئالدى بىلەن مەزكۇر رايوندىكى زېمىن ۋە زېمىن بايلىقلىرىنىڭ ئىگىلىرى رايوندىكى ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك مىللەتلەر ئىكەنلىكى، رايوندا ئۇيغۇرلار بىلەن خىتاي دۆلىتى ئارىسىدا ئۇزۇندىن بېرى توقۇنۇش داۋام قىلىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلىپ، رايونغا مەبلەغ سېلىشنىڭ ئالدىدا يەرلىك خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى نەزەردىن ساقىت قىلماسلىقنى، جۈملىدىن، خىتاي كۆچمەن ئېقىنىنىڭ تېزلىشىپ كېتىشىگە ۋە ئۇيغۇرلارغا قارىتا بېسىمنىڭ كۈچىيىپ كېتىشىگە سەۋەب بولۇپ قالماسلىققا چاقىردى.

باياناتتا يەنە رايوننىڭ نۆۋەتتىكى مۇقىمسىز ۋەزىيىتى تىلغا ئېلىنىپ چەتئەللىكلەرنى ئۆز مەبلىغىنىڭ كەلگۈسىدىكى بىخەتەرلىك مەسىلىسىنىمۇ ئوبدان ئويلىشىشقا، خىتاينىڭ بۇ جەھەتتىكى ھەرقانداق ۋەدىلىرىگە ئىشىنىپ كەتمەسلىككە چاقىردى.