2011.09.11
فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بېيجىڭدىن خەۋەر قىلىشىچە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى خىتاينى خەلقئارا تېررورىزمغا قارشى كۈرەشنى باھانە قىلىپ، نەچچە مىڭلىغان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى تۈرمىلەرگە تاشلىغانلىقى ۋە زەربە بەرگەنلىكىنى ئەيىبلىگەن.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم بايانات ئېلان قىلىپ، «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 11-سېنتەبىر ۋەقەسىنى ئۇيغۇرلارنىڭ تىنچ سىياسىي ھەرىكىتىنى ۋە ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت كۆز قارىشى ئوخشىمىغان كىشىلەرنى باستۇرۇشتىكى ئەڭ ياخشى پۇرسەت دەپ بىلىپ، سىياسىي كۆز قارشى ئوخشىمىغان ئۇيغۇرلارنى باستۇرغانلىقىنى كۆرسەتكەن.
خەلقئارا ئاگېنتلىقلارنىڭ بۈگۈنكى بۇ ھەقتىكى خەۋەر ئانالىزلىرى چەتئەللەردە چىقىدىغان خىتاي تىلىدىكى توربەتلەردىمۇ كۆچۈرۈپ ئېلان قىلىندى.