د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنقى ۋەزىيىتى ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بەردى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تۈركىيە پارلامېنتىنىڭ كۈن تەرتىپىگە ئېلىپ كېلىشىنى تەلەپ قىلدى.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2011.09.09
reshat-doghru-uyghur-heyet-bilen-305.jpgم ھ پ مۇئاۋىن باشلىقى رىشات دوغرۇغا ئاييۇلتۇزلۇق كۆك بايراق بىلەن كۆكبايراق ژۇرنىلىنى سوۋغات قىلىندى. 2011-يىلى 8-سېنتەبىر.

RFA/Erkin Tarim

تۈركىيە پارلامېنتىدىكى ئىككى چوڭ ئۆكتىچى پارتىيىدىن بىرى بولغان مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى دوكتور رىشات دوغرۇ ئەپەندى 9-ئاينىڭ 8-كۈنى چۈشتىن كېيىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى، شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئەنقەرە شۆبىسى باشلىقى خەيرۇللاھ ئەپەندى، شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ياشلار كومىتېتى مەسئۇلى ئاتىللا ئەپەندى ۋە ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر قانچە ئۇيغۇردىن تەركىب تاپقان ھەيئەتنى مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسى مەركىزىدىكى ئىشخانىسىدا قوبۇل قىلدى.

قوبۇل جەريانىدا ئالدى بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنقى ۋەزىيىتى ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بەرگەندىن كېيىن، مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسىگە بولغان بەزى تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى سۆزىدە يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركلەرنىڭ قېرىندىشى ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئۈستىگە مۇسۇلمان ئىكەنلىكىنى، شۇڭا تۈركىيىدىكى پۈتۈن سىياسىي پارتىيىلەرنىڭ، بولۇپمۇ مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىشى كېرەكلىكىنى، 10-ئايدا ئېچىلىدىغان يېڭى پارلامېنت مەزگىلىدە م ھ پ نىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تۈركىيە پارلامېنتىنىڭ كۈن تەرتىپىگە ئېلىپ كېلىشىنى تەلەپ قىلدى. ئاخىرىدا دوكتور رىشات دوغرىنىڭ پارتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولۇپ ئۆسكەنلىكىنى تەبرىكلىدى، ئۇيغۇرلار نامىدىن ئۇنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلىرىدە مۇۋەپپەقىيەتلەر تىلىدى.

reshat-doghru-we-erkin-tarim-385.jpg
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم تۈركىيە مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى دوكتور رىشات دوغرۇ ئەپەندى بىلەن. 2011-يىلى 8-سېنتەبىر.
RFA/Erkin Tarim

 

كېيىن مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسى مۇئاۋىن باشلىقى دوكتور رىشات دوغرۇ ئەپەندى ئۇيغۇر ھەيئىتىدىكىلەرگە سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى:
«بۇ يەردە شەرقىي تۈركىستانلىق، ئىراق تۈركى ۋە تۈركىيە تۈركى دەپ گەپ يوق، ھەممىمىز تۈرك ئىرقىدىن، ھەممىمىز قېرىنداش. ئادرىياتىك دېڭىزىدىن سەددىچىنگىچە بولغان زېمىن ئاتىلىرىمىزنىڭ يۇرتلىرى، قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئانا ۋەتىنى. شۇڭا شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى ئۈچۈن ھەممە ئادەم قولىدىن كەلگەننى قىلىشى كېرەك دەپ ئويلايمەن. بىزمۇ بۇرۇندىن تارتىپ بۇ ھەقتە بىر ئىشلار قىلىشقا تىرىشىۋاتىمىز. ئەمما تېخىمۇ كۆپ ئىشلارنى قىلىشنى خالايمىز.»

ئۇ سۆزىدە رابىيە قادىر خانىمنى قوللاپ قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىنى ئاڭلىتىپ مۇنداق دېدى:
«رابىيە قادىر خانىم ھەقىقەت بەك ياخشى ئىشلارنى قىلىۋاتىدۇ. مەن ئۇنىڭغا ئاپىرىن ئوقۇيمەن. رابىيە خانىمنىڭ پائالىيەتلىرىنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتىمەن. ئۇ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتىدۇ. بىز ئۇنى قوللاپ-قۇۋۋەتلىشىمىز كېرەك. ئۇيغۇرلار مەيلى چەتئەلدە بولسۇن، مەيلى شەرقىي تۈركىستاندا بولسۇن ئىنتايىن قېيىن ۋەزىيەتتە خىتايغا قارشى پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. بۇ پائالىيەتلىرىڭلار ئۈچۈن سىلەرگە ۋە باشقا ئۇيغۇرلارغا ئاپىرىن ئوقۇيمەن. ئەگەر خىتاينىڭ بۇ سىياسىتى يەنە 20-30 يىل داۋاملىشىدىغان بولسا ئۇيغۇر تۈركلىرى بۈيۈك خەۋپكە ئۇچرايدۇ. شۇڭا بۇنىڭدىن كېيىن بۇ ھەقتە نېمىلەرنى قىلىش كېرەكلىكى ھەققىدە داۋاملىق ئۇچرىشىپ مۇزاكىرە ئېلىپ بارايلى.»

مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسى مۇئاۋىن باشلىقى دوكتور رىشات دوغرۇ ئەپەندىنىڭ سۆزى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئۇنىڭدىن سوئال سورىدۇق.

10-ئايدا تۈركىيە پارلامېنتى خىزمىتىنى باشلايدۇ. سىزمۇ يېقىندا بۇ پارتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولۇپسىز، تۈركىيە پارلامېنتىدا بۇنىڭدىن كېيىن ئۇيغۇرلار ئۈچۈن نېمە خىزمەتلەرنى قىلماقچىسىز دېگەن سوئالىمىزغا ئۇ مۇنداق جاۋاب بەردى:
«تۈرك دۇنياسىنى بىر پۈتۈن دەپ قارايمىز. تۈرك دۇنياسىنىڭ ئاغىزكا تۈركلىرى مەسىلىسى، ئەزەربەيجان مەسىلىسى، ئىراق تۈركمەنلىرى مەسىلىسىگە ئوخشاش نۇرغۇن مەسىلىلىرى بار. بۇ مەسىلىلەرگە ھېچكىم سەل قارىماسلىقى كېرەك، بولۇپمۇ ھۆكۈمەت بۇ مەسىلىلەرگە كۆڭۈل بۆلۈشى شەرت. ئەپسۇسكى، ھازىرقى ھۆكۈمەتنىڭ ئەرەب دۇنياسىغا كۆڭۈل بۆلگەندەك تۈرك دۇنياسىغا كۆڭۈل بۆلمەيۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز. مەنچە بۇ خاتا سىياسەت. تۈركىيىنىڭ كېلەچىكى بىزنىڭ ئۆتمۈشىمىزدە يوشۇرۇنغان. ئۆتمۈشىگە ئىگە چىقمىغان مىللەتنىڭ كېلەچىكى پارلاق بولمايدۇ. تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلىتى تۈركىي مىللەتلەرنىڭ مەسىلىلىرىگە كۆڭۈل بۆلۈشى، ئۇلارغا ياردەم قىلىشى كېرەك.»

دوكتور رىشات دوغرۇ ئەپەندى سوئالىمىزغا جاۋاب بەرگەندە تۈرك دۇنياسىنىڭ مەسىلىلىرى ئىچىدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ ئالاھىدە ئورۇنغا ئىگە ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:
«تۈرك دۇنياسىنىڭ مەسىلىلىرى ئىچىدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ئالاھىدە ئورۇنغا ئىگە. شەرقىي تۈركىستان خەلقى مۈشكۈل ۋەزىيەتتە مىللىي دەۋا قىلىۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ قانداق بىر مىللىي دەۋا ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بىز بەك ياخشى بىلىمىز. بىز مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن ئېتىبارەن پارلامېنتتا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئېچىش، پارلامېنت ئەزالىرى ئومۇمىي يىغىنىدا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ھەققىدە سۆز قىلىش، تۈرك پارلامېنتىغا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ھەققىدە تەكلىپلەرنى بېرىش ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى ئۈچۈن خىزمەت قىلىمىز.»

ئەڭ ئاخىرىدا ئۇيغۇر ھەيئەت م ھ پ مۇئاۋىن باشلىقى رىشات دوغرۇغا ئاييۇلتۇزلۇق كۆك بايراق بىلەن كۆكبايراق ژۇرنىلىنى سوۋغات قىلدى.