2011.09.09
رابىيە قادىر: خىتاي تاجاۋۇزچىلىق، باستۇرۇش بىلەن ھېچقاچان تىنچ تەرەققىي قىلالمايدۇ
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم خىتاينىڭ تىنچ تەرەققىيات ھەققىدىكى ئاق تاشلىق كىتابىغا ئىنكاس قايتۇرۇپ، مەزكۇر كىتابنىڭ خىتاينىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن ئەمەسلىكىنى كۆرسەتتى. 6-سېنتەبىر خىتاي دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى ئاخبارات ئىشخانىسى «جۇڭگونىڭ تىنچ تەرەققىياتى» ئاق تاشلىق كىتابىنى ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىنچ تەرەققىيات يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي ماڭىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.
خىتاي بۇ ئاق تاشلىق كىتابتا، دۆلەت پۈتۈنلۈكىنىڭ خىتاينىڭ ئەڭ ئالىي مەنپەئىتى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە، دۇنيانى خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىققا ئاگاھلاندۇردى. رابىيە قادىر خانىم كىتاب ھەققىدە توختىلىپ: خىتاي تاجاۋۇزچىلىق،
باستۇرۇش بىلەن ھېچقاچان تىنچ تەرەققىي قىلالمايدۇ، دەپ كۆرسەتتى ۋە «تىنچ تەرەققىيات» دېگەن بۇ ئاتالغۇنىڭ خىتاينىڭ ئەمەلىيىتىگە ماس كەلمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
خىتاي7 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنى تېررورلۇق جىنايىتى بىلەن قولغا ئالغان
بىرلەشمە ئاگېنتلىقى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، «11-سېنتەبىر ۋەقەسى» دىن كېيىن پۈتۈن دۇنيا بويىچە جازالانغان 35 مىڭ ئادەمنىڭ 7 مىڭدىن كۆپرەكى خىتايدا بولۇپمۇ، ئۇيغۇر ئېلىدە قولغا ئېلىنغانلار ئىكەن.
خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، خىتاي «11-سېنتەبىر ۋەقەسى» دىن كېيىن ئالغان تېررورلۇققا قارشى قانۇن بەكمۇ مۈجمەل بولۇپ، خىتاي بۇ جەرياندا «دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سالغان» دېگەندەك جىنايەتلەرنىمۇ تېررورلۇق دەپ قاراپ 7 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنى قولغا ئالغان.
خەۋەردە مۇنداق دېيىلگەن: خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئېلان قىلغان مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا بۇ كىشىلەرنىڭ كۆپ قىسمى ئۇيغۇر ئېلىدە قولغا ئېلىنغان.
توققۇزاقتا كەڭ كۆلەملىك ئۆي ئاختۇرۇش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلماقتا
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، مۇشۇ ئاينىڭ 2-كۈنى كەچتە خىتاي ساقچى ئورگانلىرى قەشقەرنىڭ توققۇزاق ناھىيىسىدە كەڭ كۆلەملىك ئۆي ئاختۇرۇش ئېلىپ بېرىپ، ناھىيىدىكى 13 يېزىدىن 3000 نۇقتىلىق ئائىلىنى بىرمۇ-بىر تەكشۈرۈپ چىققان.
باياناتچى دىلشات رىشىتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، توققۇزاقتىكى ئۆي ئاختۇرۇش ھەرىكىتىگە بىر مەركىزى كوچىدىكى چىراغ تۈۋرۈكىگە چاپلانغان مىللىي مۇستەقىللىق مەزمۇنىدىكى 3 پارچە تەشۋىقات ۋارىقى سەۋەب بولغان.
تەشۋىقات ۋارىقىدا «ياشىسۇن مۇستەقىل ئۇيغۇرلار!»، «خىتاي كۆچمەنلىرى ۋەتىنىمىزدىن يوقالسۇن» دېگەنگە ئوخشاش شوئارلار ئۇيغۇرچە ۋە خىتايچە بولۇپ ئىككى خىل تىلدا يېزىلغان ئىكەن. مەزكۇر ھەرىكەتتە، ھازىرغا قەدەر قانچىلىك ئادەمنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى مەلۇم ئەمەس.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى 17 ئۇيغۇرنىڭ ئىز-دېرىكىنى سورىدى
باش شتابى نيۇيوركتىكى كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاي ھۆكۈمىتىدىن يېقىندا مالايشىيا، تايلاند ۋە پاكىستان قاتارلىق مەملىكەتلەردىن خىتايغا مەجبۇرىي قايتۇرۇپ كېلىنگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلدى.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاي ھۆكۈمىتىنى باشقا دۆلەتلەرگە بېسىم ئىشلىتىپ، ئۇيغۇرلارنى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىشقا مەجبۇرلىماسلىققا دەۋەت قىلغان.
ئۆتكەن ئايدا مالايشىيا ھۆكۈمىتى شۇ يەردە تۇرۇۋاتقان 17 نەپەر ئۇيغۇرنى تۇتقۇن قىلىپ، ئۇلارنىڭ 11 نەپىرىنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەن ھەمدە باشقا بەش نەپىرى ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
4-نۆۋەتلىك خەلقئارالىق ئۇيغۇر ئاياللىرىنى تەربىيىلەش كۇرسى ئېستونىيە پايتەختى تاللىندا ئۆتكۈزۈلىدۇ
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، 4-نۆۋەتلىك خەلقئارالىق ئۇيغۇر ئاياللىرىنى تەربىيىلەش كۇرسىنىڭ مۇشۇ ئاينىڭ 24-كۈنىدىن 26-كۈنىگىچە ئېستونىيە پايتەختى تاللىندا ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
ئۇقتۇرۇشتا بىلدۈرۈلۈشىچە، كۇرستا «ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىك ھەرىكەتلەرگە ئىشتىراك قىلىشىنىڭ مۇھىملىقى» دېگەن تېمىدا مەخسۇس مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىلىدىكەن.
ئۇقتۇرۇشتىن ئاشكارىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى كۇرسىنى ئېستونىيە پارلامېنت ئەزاسى جۇكۇ-كاللە راىد ئەپەندى، خەلقئارالىق ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە فوندى، ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى ۋە ئامېرىكا دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى بىرلىكتە تەشكىللەيدىكەن.
بەشتە ياخشى ئىمام ئوسمان ئابدۇللا جامائەت تەرىپىدىن يېتىم قالدۇرۇلدى
بىر نەپەر رادىئو ئاڭلىغۇچىنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، ئاقسۇ ئاۋات ناھىيىسى غورۇچۈل يېزىسىدىكى تولۇقئالتۇن مەسچىتىنىڭ ئىمامى ئوسمان ئابدۇللا ئۆتكەن ئاي باشلانغان مەسچىتلەردە خىتاينىڭ دۆلەت بايرىقىنى ئېسىش ھەرىكىتىگە ئاكتىپلىق بىلەن ماسلاشقانلىقى ئۈچۈن مەھەللە جامائىتى تەرىپىدىن يېتىم قالدۇرۇلغان.
مەھەللىدىكى ھېچقانداق بىر توي-تۆكۈن ۋە ئۆلۈم-يېتىم مۇراسىملىرىغا چاقىرتىلمىغان. ھەتتا، كوچىدا ئۇچراشقان كىشىلەرنىڭ سالام سائىتىگىمۇ مۇيەسسەر بولالمىغان ئوسمان ئابدۇللا، ئاخىرىدا ئۆز بىخەتەرلىكىدىنمۇ ئەندىشە قىلىشقا باشلىغان.
11- سېنتەبىر ۋەقەسىدە قازا قىلغانلار ئىچىدە ئۇيغۇرلارمۇ بار ئىدى
10 يىل ئاۋۋال ئامېرىكىدا يۈز بەرگەن 11-سېنتەبىر تېررورلۇق ھۇجۇمىدا ھەر ئىرق، ھەر مىللەتتىن بولۇپ 3000 غا يېقىن بىگۇناھ ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى. بۇ پاجىئە ئاتا-ئانىلارنى بالىلىرىدىن، بالىلارنى ئاتا-ئانىسىدىن، بەزلەرنى ھەمراھلىرى ۋە دوست -يارەنلىرىدىن ۋاقىتسىز ئايرىدى.
شۇ پاجىئەنىڭ بىۋاسىتە قۇربانىغا ئايلانغانلار ئىچىدە ئەينى چاغدا نيۇيوركتىكى سودا مەركىزىدە ئىشلەيدىغان ئۇيغۇر قىزى گۆھەر سېيتمەمەتمۇ بار ئىدى. ئارىدىن ئون يىل ئۆتكەن بولسىمۇ، گۆھەرنىڭ ئاتا-ئانىسى قىزىنى ھازىرمۇ «ھايات» دېگەن ئۈمىدىنى ئۈزمىدى. گۆھەر سېيتمەمەت ئەينى يىلى ئەمدىلا 24 ياشتا ئىدى.