2011.09.08

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك بىلەن شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئەنقەرە شۆبىسىنىڭ باشلىقى خەيرۇللاھ ئەفەندىگىل ئەپەندى باشچىقىلىدىكى ھەيئەتنى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى چۈشتىن كېيىن تۈركىيە دۆلەت مىنىستىرى ۋە باش مىنىستىر مۇئاۋىنى بۈلەنت ئارىنچ ئەپەندى باش مىنىستىرلىق بىناسىدىكى ئىشخانىسىدا قوبۇل قىلدى. سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى ئالدى بىلەن بۈلەنت ئارىنچ ئەپەندىگە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلگەنلىكى ئۈچۈن رەھمەت ئېيتتى.

بۈلەنت ئارىنچ ئەپەندىنىڭ بۇ قېتىمقى پارلامېنت سايلىمىدا قايتا سايلىنىپ دۆلەت مىنىستىرى ۋە باش مىنىستىر مۇئاۋىنى بولغانلىقىنى تەبرىكلىگەن سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى، بۈلەنت ئارىنچقا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى، پاكىستان ۋە مالايشىيادا تۇتۇلۇپ قالغان ئۇيغۇرلار ھەققىدە مەلۇمات بەردى.
بۇلاردىن باشقا ئۇ دۆلەت مىنىستىرى ھۆكۈمەت باياناتچىسى بۈلەنت ئارىنچ ئەپەندىگە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ 3 تەلىپىنى يەتكۈزدى. بۇلارنىڭ بىرىنچىسى ھېچ قانداق ئۇيغۇرنىڭ تېررورىست ئەمەسلىكى، ئىككىنچىسى تۈركىيىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ۋىزا بېرىشتە قۇلايلىق يارىتىپ بېرىشى، ئۈچىنچىسى تۈركىيىنىڭ خەلقئارادا ئۇيغۇرلارنى قوللاپ قۇۋۋەتلىشى كېرەكلىكىدىن ئىبارەت.
بۈلەنت ئارىنچ ئۇيغۇرلارغا قاتتىق ئىچى ئاغرىتقان كەيپىياتتا ھەيئەتتىن ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ھەققىدە مەلۇمات ئالدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك باشچىلىقىدىكى ھەيئەت ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىگە بولغان تەلەپلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتكەندىن كېيىن، بۈلەنت ئارىنىچقا كۆك بايراق ژۇرنىلى بىلەن ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقنى سوۋغات قىلدى. بۈلەنت ئارىنچمۇ ھەيئەتكە سوۋغات بەردى. بىز ئۇچرىشىش ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى بىلەن خەيرۇللاھ ئەفەندىگىل ئەپەندىگە مىكروفونىمىزنى ئۇزاتتۇق.