خىتاي ھۆكۈمىتى «جۇڭگونىڭ تىنچ تەرەققىياتى» ئاق تاشلىق كىتابىنى ئېلان قىلىپ، دۇنياغا ئۆزىنى «مەن تەھدىت ئەمەس» دەپ جاكارلىدى.
مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2011.09.07
aq-tashliq-kitab-xitay-herbiy-305.jpgىتاي ھۆكۈمىتى ئاق تاشلىق كىتابىنى ئېلان قىلغان مەزگىلدە، خىتاي قوراللىق كۈچلىرىنىڭ بېيجىڭ سىرتىدا يىغىلغان كۆرۈنۈش. 2006-يىلى 29-دېكابىر.

EyePress News

نۆۋەتتە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار، خىتاي دېموكراتچىلىرى ۋە تىبەت پائالىيەتچىلىرى خىتاينىڭ مەزكۇر تىنچلىق جاكارنامىسىنى ئېلان قىلىشىدىكى سەۋەب ۋە مەقسىتى ھەققىدە مۇلاھىزىلەر يۈرگۈزمەكتە. ئالدىنقى ئاڭلىتىشىمىزدا ئۇيغۇر مىللىي رەھبىرى رابىيە قادىر خىتاينىڭ تىنچلىق تەرەققىيات ئاق تاشلىق كىتابىنىڭ جۇڭگونىڭ ئەمەلىيىتى بىلەن زىددىيەتلىك ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ «خىتاي بۇ ئەھمىيەتسىز بايانلىرى بىلەن دۇنيانى ئالدىيالمايدۇ، خەلقىنىمۇ تېخىمۇ ئالدىيالمايدۇ» دېگەن ئىدى. ئۇنداقتا خىتاي دېموكراتچىلىرى ۋە تىبەت پائالىيەتچىلىرى مەزكۇر ئاق تاشلىق كىتابقا قانداق باھا بېرىدۇ؟

خىتاينىڭ ئىقتىسادىي، ھەربىي، سىياسىي، دىپلوماتىيە، پەن تېخنىكا، ھەر ساھەدە بارغانچە ئىلگىرىلەپ كۈچىيىپ بېرىشى بىلەن دۇنيادا خىتاي تەھدىتىمۇ بارغانچە ماس قەدەمدە كۈچەيمەكتە ئىدى. مانا مۇشۇنداق بىر ۋەزىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى 6-سېنتەبىر «جۇڭگونىڭ تىنچ تەرەققىيات» ئاق تاشلىق كىتابىنى ئېلان قىلىپ، «جۇڭگو ھېچقاچان تاجاۋۇزچىلىق قىلمايدۇ، ھېچقاچان كېڭەيمىچىلىك قىلمايدۇ ۋە دۇنياغا ھۆكۈمران بولۇشنى تالاشمايدۇ ۋە ھۆكۈمران بولمايدۇ» دەپ جاكارلىدى.

خىتاينىڭ بىر تەرەپتىن ھەربىي تەييارلىقلارنى بارغانچە تەرەققىي قىلدۇرۇپ يەنە بىر تەرەپتىن «مەن پەقەت تىنچ يولدا تەرەققىي قىلماقچى، ھېچكىمگە تاجاۋۇز قىلىش نىيىتىم يوق» دەپ جاكارلىشىدىكى مەقسىتى نېمە؟ خىتاي بۇنىڭ بىلەن دۇنيادا ئۇلغىيىۋاتقان خىتاي تەھدىتىنى پەسەيتەلەمدۇ؟ بۇ سوئاللىرىمىزغا ئامېرىكىدىكى خىتاي سىياسىي ئانالىزچىلاردىن SETON-HALL ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دەم ئېلىشقا چىققان پروفېسسورى Winston Yang جاۋاب بەردى:
‏-خىتاينىڭ بۇ ئاق تاشلىق كىتابتا بەرمەكچى بولغان ئاساسلىق سىگنالى بولسا دۇنياغا قارىتىلغان، ئۇ شۇنى تەكىتلىمەكچى «جۇڭگو بىر تىنچلىقپەرۋەر دۆلەت، بىز ھېچكىمگە تاجاۋۇز قىلمايمىز». خىتاينى بۇنداق دېيىشكە مەجبۇر قىلغان نەرسە، ئابرۇي مەسىلىسى يەنى خىتاي خەلقئارادا يۈزىنى تىكلەشكە ئۇرۇنۇۋاتىدۇ، چۈنكى ئۇنىڭ يۈزى قالمىدى. نېمىشقا دېسىڭىز، ئۇنىڭ دېگىنى بىر، قىلغىنى باشقا بولۇپ كەلمەكتە. دۇنيا ئۇنىڭغا ئىشەنمەيدۇ. تاشقى سىياسەتتە مەن تىنچلىقپەرۋەر دەيدۇ، ھەربىي تەييارلىقىنى كۈچەيتىپ تەيۋەنگە توختىماي تەھدىت سالىدۇ، ئەتراپتىكى دېڭىز چېگرالىرىدا كېڭەيمىچىلىك قىلىدۇ. ئىچكى سىياسىتىگە قاراپ باقساق، ھاكىمىيىتىنىڭ مۇقىملىقى ئۈچۈن خەلقنىڭ نارازىلىقىنى قورال بىلەن باسىدۇ، شىنجاڭ، شىزاڭ مەسىلىلىرىدە تېخىمۇ قاتتىق باستۇرىدۇ، پەقەت بىر پارتىيە ھۆكۈمەتنى باشقۇرۇپ، كوممۇنىست پارتىيىنىڭ مەنپەئىتىگە توغرا كەلمىگەن ھەر قانداق نەرسىنى يوقىتىدۇ، بۇ قانداقلارچە تىنچلىق يولى بولسۇن. بۇ كۈندە بۇنىڭغا ھېچكىم ئىشەنمەيدۇ.

-خىتاينىڭ تېز تەرەققىي قىلىشى نېمە ئۈچۈن دۇنياغا تەھدىت ھاسىل قىلالايدۇ؟
-خىتاينىڭ ئىقتىسادلا ئەمەس، ھەممە ساھەدە تېز تەرەققىي قىلىپ دۇنيادا ئىككىنچى چوڭ كۈچكە ئايلىنالىشىدا بىر قوللۇق سىياسىي، ئىقتىسادىي تاكتىكىسى بار، ئۇنىڭ كۆتۈرۈلۈشى بىر پارتىيىلىك تۈزۈم بىلەن كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈشتە. ئۇ بۇنىڭ نەتىجىسىنى كۆردى، بۇ خىتاي دۆلىتى ياكى خەلقىنىڭ تەرەققىياتى ئەمەس، خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ تەرەققىياتى، چۈنكى بۇ كۈچ خالىغان نەرسىنى بىر قارار بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرەلەيدۇ، مەسىلەن، ئۆتكەندە سارس دوختۇرخانىسىنى بىر ئاي ئىچىدىلا قۇرۇپ چىقتى. نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى، ئۇ ئامېرىكا ۋە باشقا دۆلەتلەردەك ئىقتىسادى، مۇھىت قاتارلىق مىنىستىرلىقلارنىڭ، پارلامېنتنىڭ تەستىقلىشىنى كۈتمەيدۇ. ئۆزى بىۋاسىتە قارار ئېلىپ بۇيرۇق بەرسىلا ھەممىنى قىلالايدۇ. مانا بۇ خەتەرلىك، بۇ ھۆكۈمرانلىق تەھدىتى. ھازىر ھەتتا ئامېرىكىنىمۇ تەھدىت ھېس قىلدۇرۇۋاتقان نەرسە، خۇددى گېتلىرگە ئوخشاش خىتاينىڭ تۇتقان بىر پارتىيە ھەممىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان سىياسىي قۇرۇلمىسى. بۇ غەرب ئەللىرىنىڭ كۆزىدە خىتاي تەھدىتى ھاسىل قىلغان تەرەپ.

-ئۇنداقتا خىتاينىڭ مەن تاجاۋۇز قىلمايمەن دېگەندەك ۋەدىلىرى دۇنيانىڭ كۆزىدىكى خىتاي تەھدىتىنى يۇمشىتالامدۇ؟
‏-ئاق تاشلىق كىتابنىڭ ئىسمى بەك چىرايلىق بوپتۇ، لېكىن باشقا دۆلەتلەرمۇ ئەخمەق ئەمەس-تە، خىتاينىڭ دېگىنىگىلا ئىشىنىدىغان. پەقەت خىتاينىڭ سىياسىتى ئۆزگەرگەندە يەنى ئۇ دېموكراتىيىلىك بىر دۆلەتكە ئايلانغاندىلا ئاندىن بۇ تەھدىت تۈگىشى مۇمكىن. شۇ چاغدا ئۇ ئۆزى دەۋاتقان تىنچ تەرەققىي قىلىش يولىغا كىرگەن بولىدۇ. ئەگەر ئۇ ئۆزى دېگەندەك تىنچ يولدا ماڭغان بولسا نېمە ئۈچۈن ئاۋىئاماتكا ياساۋېتىپتۇ، ئامېرىكىنىڭ خىتاينىڭ ھەربىي تەييارلىقلىرى ھەققىدىكى ئەڭ يېڭى دوكلاتىدا ئېيتقاندەك خىتاينىڭ ھازىرقى ھەربىي تەييارلىقى ئۆزىنى قوغداشقا زۆرۈر بولغان تەييارلىقتىن كۆپ ئېشىپ كەتكەن. خىتاي ئۆزىنىڭ ئوبرازىنى ياخشىلاشقا تىرىشىۋاتىدۇ، ئەمما ئۇنى قۇرۇق ۋەدە شوئارلىرى بىلەن ئۆزگەرتەلمەيدۇ.

تىبەت پائالىيەتچىسى يەنى تىبەت دىنىي داھىيسى دالاي لامانىڭ سابىق قوغدىغۇچىسى ھازىر ئامېرىكا كالىفورنىيە شتاتىدا تۇرۇۋاتقان جامياڭ تارجې، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر ئاتالمىش تىنچلىق تەرەققىياتى ئاق تاشلىق كىتابنى ئېلان قىلىشتىكى سەۋەبىنى ئانالىز قىلىپ «خىتاي كرىزىستا قالدى. ئۇ بولسىمۇ ئىشەنچ كرىزىسى» دەيدۇ:
‏-خىتاي كرىزىستا، دۇنيا ئۇنىڭغا ئىشەنمەيدۇ؟ خەلقىمۇ ئۇنىڭغا ئىشەنمەيدۇ. ئەگەر بىر ئادەم ھەقىقىي تىنچ بولسا، ئۇ ئۆزىنى مەن تىنچلىقپەرۋەر دەپ ۋارقىراپ يۈرمەيدۇ. قانچە قاتتىق ۋارقىرىسا، ئۇنىڭ تىنچسىزلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئاددىي لوگىكا. توغرا، ھازىرچە خىتاي بىرەر دۆلەتكە تاجاۋۇز قىلمىدى. ئەمما، ئۇنىڭ تىبەت ۋە ئۇيغۇرلارغا ئىشلىتىۋاتقان باستۇرۇش ۋاسىتىلىرىدىن ئۇنىڭ تاجاۋۇزچى ياۋۇزلۇقى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. ئەمەلىيەتتە خىتاينى دۇنياغا تەھدىت كۆرسىتىۋاتقان نەرسە ئۇنىڭ ھەربىي كۈچىمۇ ئەمەس، ئىقتىسادىي كۈچىمۇ ئەمەس، ئۇنىڭ ئىشەنچسىز تەرىپى يەنى خىتايغا ھەر قانداق ساھەدە ئىشەنگىلى بولمايدۇ، بۇ تەھدىت ھاسىل قىلىۋاتقان تەرەپ. دۇنيانىڭ كۆزىدە خىتاينىڭ سىياسىتى ئىشەنچسىز، خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلغان نەرسە ئىشەنچسىز، چۈنكى كۈندە تۇرمۇشتا ئۇچرىشىۋاتقان خىتاينىڭ بارلىق نەرسىسى ئىشەنچسىز، يالغان.

شۇڭا دۇنيا ئۇنىڭ يالغان ۋەدىلىرىگە ئىشىنىپ كەتمەيدۇ، مېنىڭچە، خىتايدىكى كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ ئەزالىرىمۇ ئىشەنمەيدۇ. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى يەنىلا تەشۋىقاتنى مەقسەت قىلىپ، دۆلەت سىرتىدىكى ئۆزىگە مايىل ئوبزورچىلارنىڭ تەشۋىقاتى بىلەن دۆلەت ئىچىدە ئۇنى ھەزىم قىلماقچى.

-ئۇنداقتا خىتاينىڭ مەزكۇر ئاق تاشلىق كىتابىنىڭ ئۇيغۇر، تىبەت مەسىلىسى بىلەن قانداق مۇناسىۋىتى بار؟

‏-ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر، تىبەت مەسىلىلىرى خىتايغا نىسبەتەن چوڭ تەھدىت ئەمەس. ئەڭ چوڭ تەھدىت ئۆزىنىڭ خەلقىنىڭ يەنى بىر مىليارد ئۈچ يۈز مىليون خىتاي پۇقراسىنىڭ خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىگە ئىشەنمەسلىكى. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر تىبەتلەرنىڭ نارازىلىقلىرىنى تېررورلۇققا، بۆلگۈنچىلىككە ئارتىپ تۈرلۈك ۋاسىتىلەر ئارقىلىق باستۇرالايدۇ، شۇنداق قىلىپ كەلدى،ھەتتا ۋاقتى كەلسە خىتاي مىللەتچىلىكىنى ئويغىتىپمۇ قارشى تۇرالايدۇ. ئەمما، ئۆزىنىڭ خىتاي خەلقىنىڭ ئىشەنچىگە ئېرىشىش ئۇنداق ئاسان ئەمەس. ئۇ مەيلى ئاق تاشلىق بولامدۇ، كۆك تاشلىق ياكى قارا تاشلىق كىتاب دەپ ئېلان قىلسۇن، پەقەت تاشقى دۇنياغا تەشۋىقات تارقىتىپ ئۇنىڭدىن ھاسىل بولغان ئۆزىگە پايدىلىق ئىنكاسنى سۇيىئىستېمال قىلىپ خەلقىدە ھاكىمىيىتىگە بولغان پەخىرلىنىش، ئىشەنچ تۇيغۇسى ھاسىل قىلماقچى خالاس.