مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2011.08.28
2011.08.28
ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتون ئەتراپىدا ياشاۋاتقان 100 گە يېقىن ئۇيغۇر قاتناشقان مەزكۇر ئىپتار پائالىيىتىدە ئالدى بىلەن ئېغىز ئېچىلىپ، شام ناماز ئوقۇپ بولۇڭ ئاندىن كېيىن، رابىيە قادىر خانىم سۆز قىلىپ، كۆپچىلىكنىڭ رامزان ئېيىنى تەبرىكلىدى ھەمدە كۆپچىلىكنىڭ خۇشال-خۇرام رامزان ئۆتكۈزۈشىگە بولغان تىلەكداشلىقلىرىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە كۆپچىلىكنى ئىتتىپاقلىق، ئۆملۈك ۋە قېرىنداشلىقنى تېخىمۇ كۈچەيتىشكە چاقىردى.
يۇقىرى ئىسمى ئاتالغان تەشكىلاتلار ھەر يىلى ئىپتار پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ كەلمەكتە، مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرى جەمئىيىتى يەنە بۇ يىل بارلىق ئۇيغۇرلار ئۈچۈن روزا ھېيتلىق پائالىيىتى ئۆتكۈزۈشنىمۇ پىلانلىغان.