تىبەتلىكلەرنىڭ روھانىي داھىيسى دالاي لامانىڭ 22-ئاۋغۇست باشلانغان گېرمانىيە زىيارىتى 24-ئاۋغۇست كۈنى ئاخىرلاشتى. دالاي لاما ئۆز نۇتۇقلىرىدا تىبەت مەسىلىسىدىن باشقا، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىمۇ تىلغا ئېلىپ ئۆتتى.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2011.08.25
Rabiye-xanim-Dalay-Xawel-Pragda-09112009-305.jpgﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، 11 – ﺳﯧﻨﺘﻪﺑﯩﺮ، ﭘﺮﺍﮔﺪﺍ، ﺭﺍﺑﯩﻴﻪ ﺧﺎﻧﯩﻢ، ﻧﻮﺑﯩﻞ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﯩﻐﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﯜﭼﻰ، ﺳﺎﺑﯩﯩﻖ ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻲ ﺋﺎﻓﺮﯨﻘﺎ ﭘﺮﯦﺰﯨﺪﯦﻨﺘﻰ ﻓﺮﻩﺩﯦﺮﯨﻚ ﯞﯨﻠﻠﯩﻴﺎﻡ ﺩﻯ ﻛﻼﺭﻙ (ﺳﻮﻟﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﯨﻨﺠﻰ ﻛﯩﺸﻰ) ، ﺳﺎﺑﯩﻖ ﭼﯧﺦ ﭘﺮﯦﺰﯨﺪﯦﻨﺘﻰ ﯞﺍﺳﻼﯞ ﺧﺎﯞﯦﻞ ﯞﻩ ﺩﺍﻻﻱ ﻻﻣﺎﻻﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ.

AFP Photo

گېرمانىيە ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدىكى مەلۇماتلارغا كۆرە، دالاي لاما 23-ئاۋغۇست كۈنى ھېسسېن فېدىرال جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەركىزى ۋېسبادىندا گېرمانىيە، ئەنگلىيە، گوللاندىيە، فىرانسىيە، شىۋېتسىيە، شىۋېتسارىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن 60تىن ئارتۇق خىتاي مۇھاجىرلار ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەندە، ئۇيغۇرلار توغرىلىق سۆز قىستۇرۇپ ئۆتكەن. ئۇ سۆزىدە «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىغا ھەربىي كۈچ يۆتكەپ، ئۇيغۇرلارنى قاتتىق باستۇرۇشقا باشلىدى. بۇ، مەسىلە ھەل قىلىشنىڭ يولى ئەمەس. بۇنداق قاتتىق باستۇرۇشلار زىددىيەتنى تېخىمۇ ئۆتكۈرلەشتۈرۈۋېتىدۇ» دېگەن. دالاي لاما يەنە ئامېرىكىدا بۇرۇن رابىيە قادىر خانىم بىلەن ئۇچراشقاندا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇنى «مىللىي بۆلگۈنچى بىلەن كۆرۈشتى» دەپ ئەيىبلىگەنلىكىنى تىلغا ئالغان. ئۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ، ئۆزىنىڭ رابىيە خانىمغا ئوتتۇرا يول سىياسىتىنى تونۇشتۇرغانلىقىنى ۋە ئىككىسىنىڭ قانداق قىلغاندا مىللىي ھوقۇقلىرىنى تىنچلىق بىلەن قولغا كەلتۈرگىلى بولىدىغانلىقى ھەققىدە سۆزلەشكەنلىكىنى، قائىدە بويىچە، بۇنىڭ ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزىگە رەھمەت ئېيتىشى كېرەكلىكىنى سۆزلىگەن.

دالاي لاما ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرى بىلەن ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئالاقە قىلىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ئىلگىرى د ئۇ ق نىڭ سابىق رەئىسى ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى بىلەن كۆپ قېتىم ئۇچراشقان. كېيىن رابىيە خانىم بىلەن ئامېرىكىدا سۆھبەتلەر ئېلىپ بارغان. ئۇيغۇرلار دالاي لامانى تەقدىرداش بىر مىللەتنىڭ داھىيسى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ دوستى، دەپ قارايدۇ. دالاي لامانىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى ھەققىدە د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ئۆز قاراشلىرىنى بىلدۈرۈپ ئۆتتى.

دالاي لاما بۇ قېتىمقى گېرمانىيە زىيارىتى جەريانىدا ئۆزىنىڭ ئوتتۇرا يول سىياسىتىدىن ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى، خىتاي-تىبەت ئوتتۇرىسىدىكى مەسىلىلەرنى دىئالوگ بىلەن ھەل قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى تەكرارلىدى ھەمدە خىتاي خەلقىنى تىبەت ھەرىكىتىنى قوللاشقا چاقىردى. تىبەتلىكلەرنىڭ 1974-يىلىدىن باشلاپ مۇستەقىللىقتىن ۋاز كېچىپ، ئالىي ئاپتونومىيىنى تاللىغانلىقىنى، 1979-يىلى ئۆزىنىڭ بىر ۋەكىلى بېيجىڭغا بارغاندا، دىڭ شياۋپىڭنىڭ «مۇستەقىللىقتىن ۋاز كەچسەڭلار، ھەممە مەسىلە توغرىلىق سۆزلىشەلەيمىز» دېگەنلىكىنى، بىراق ھازىرقى خىتاي رەھبەرلىرى بىلەن سۆزلەشكىلى بولمايۋاتقانلىقىنى ئېيتقان.

تىبەت يازغۇچىسى جامياڭ نوربۇ تەرىپىدىن تۈزۈلگەن «تىبەت مۇستەقىللىقىنىڭ تارىخى ھەقىقەتلىرى» ناملىق كىتابتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىرلەر ۋە تارىخى پاكىتلار دالاي لامانىڭ تىنچلىق تەشەببۇسىغا ئانچە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. كىتابتا تىلغا ئېلىنغان «چەتئەل ھەربىي كۈچلىرىنىڭ تاجاۋۇزچىلىقى تىنچلىق بىلەن ئازاد قىلىش ھېسابلانمايدۇ» ناملىق تېما ئاستىدا تىبەتلىكلەرنىڭ تىنچلىققا تايانمىغان قارشىلىق ھەرىكەتلىرى مۇنداق بايان قىلىنىد:
-1950-يىلى 1-ئاينىڭ 22-كۈنى ماۋ زېدۇڭ ستالىن بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۆزلىرىنىڭ تىبەتكە كىرىشىنى قوللىشىنى تەلەپ قىلغاندا، ستالىن «سىزنىڭ تىبەتكە بېسىپ كىرمەكچى بولغىنىڭىز ياخشى بىر ئىش، تىبەتلىكلەر بويسۇندۇرۇلۇشقا موھتاج» دېگەن. 1950-يىلى 10-ئاينىڭ 5-كۈنى خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ 40 مىڭدىن ئارتۇق ئەسكىرى تىبەت چېگرىسى بولغان جىنشاجاڭ دەرياسى ساھىلىغا تۇيۇقسىز تاجاۋۇز قىلىپ كىردى. بۇ جاي 1933-يىلىدىن بۇيان خىتاي-تىبەت ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇش توختىتىش بىتەرەپ لىنىيىسى ئىدى. تىبەتنىڭ بۇ جايدا 3500 ئەسكىرى ۋە 2 مىڭ كىشىلىك پارتىزانلار ئەترىتى بار ئىدى. خىتاي ئارمىيىسىنىڭ ھۇجۇمىغا قارشى تىبەت ئارمىيىسى ئاخىرقى بىر ئادەم قالغۇچە دېگۈدەك قەيسەرلىك كۆرسىتىپ جەڭ قىلغان. جەڭدە 10 مىڭدىن ئارتۇق تىبەتلىك ئۆلگەن. ئەسىرلەر ھاقارەتلەنگەن ۋە ئۆلتۈرۈلگەن.

«چەتئەل ھەربىي كۈچلىرىنىڭ تاجاۋۇزچىلىقى تىنچلىق بىلەن ئازاد قىلىش ھېسابلانمايدۇ» ناملىق تېما ئاستىدا يەنە شۇنداق بايانلار ئورۇن ئالغان:
-1956-يىلى تىبەتتە زور قوزغىلاڭ پارتلىدى. 1959-يىلى 3-ئايغا كەلگەندە، بۇ قوزغىلاڭ پۈتۈن تىبەت رايونىغا كېڭەيدى. تىبەت پارتىزانلىرىنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرى ئامېرىكا مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ قوللىشى ئاستىدا تاكى 1974-يىلىغىچە داۋاملاشتى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق باستۇرۇشلىرى داۋام قىلىۋاتقان بولسىمۇ، تىبەتلىكلەرنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرى 1987-يىلى ۋە 1990-يىلى ھەمدە 2008-يىللىرىمۇ يەنە مەيدانغا كەلدى. مانا بۇلار، تىبەت خەلقىنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ ئەزەلدىن توختاپ قالمىغانلىقىنى، ھەتتا بۈگۈنگە قەدەر داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

«تىبەت مۇستەقىللىقىنىڭ تارىخى ھەقىقەتلىرى» ناملىق كىتابتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان پۈتۈن پىكىرلەر ۋە دەلىللەر تىبەتنىڭ مۇستەقىللىقىغا مەنسۇپ بولۇپ، گەرچە دالاي لاما داۋاملىق ئالىي ئاپتونومىيە تەلىپىنى تەكىتلەپ تۇرسىمۇ، ئەمەلىيەتتە تىبەتلىكلەرنىڭ مۇستەقىللىقنى ئارزۇ قىلىۋاتقانلىقى ۋە تىبەتنىڭ مۇستەقىل بولۇش ھەققىگە تامامەن ئىگە ئىكەنلىكى يورۇتۇپ بېرىلگەن.