2011.08.15

2009-يىلى ئۈرۈمچى ۋەقەسى يۈز بەرگەندە ئۇيغۇر رايونىدا بولغان بىر گۇۋاھچىنىڭ بايانلىرى ئاساسىدا يېزىپ چىقىلغان مەزكۇر دوكلات كىرىش سۆز، ئارقا كۆرۈنۈش، 2009-يىلى 5-ئىيۇل كۈنى قەشقەر، نەتىجە ۋە ئاخىرقى سۆز قاتارلىق قىسىملاردىن تەركىب تاپقان. بۇ دوكلاتنى تەييارلىغان گۇۋاھچى ئۆزىنىڭ ئىسمىنى پەقەتلا ر. ئا دېگەن ئىككى ھەرپ بىلەنلا تونۇشتۇرغان بولۇپ، بۇ دوكلات مەركىزى لوندوندا تۇرۇشلۇق بولغان مۇستەقىل ئورگان ئىسلام كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان.
«بىر گۇۋاھچىنىڭ ئۈرۈمچى ۋەقەسى ۋە ئۇندىن كېيىنكى ئەھۋاللار ھەققىدىكى بايانلىرى» ناملىق دوكلاتنىڭ كىرىش سۆزىدە ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىدىكى بىر قارا داغ ئىكەنلىكى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز ئىچىدىكى پەرقلىق مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەتلىرىگە ھۆرمەت قىلىپ، ئۇلارغا خاتىرجەم ياشاش مۇھىتى يارىتىشى كېرەكلىكى ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتى قىلىشقا تېگىشلىك نۇرغۇن خىزمەتلەرنىڭ بارلىقى ئەسكەرتىلگەن.
دوكلاتنىڭ كىرىش سۆز قىسمىدا ئاپتور ئالدى بىلەن ئۈرۈمچى ۋەقەسىگە سەۋەب بولغان ئامىللار ھەققىدە توختىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتلىرى، ئۇيغۇر ۋە خىتايدىن ئىبارەت ئىككى مىللەتنىڭ ئۆز -ئارا مۇناسىۋەتلىرى ۋە رايوندىكى ئومۇمىي ۋەزىيەتتىن چۈشەنچە بېرىشكە تىرىشقان. ئۇ بۇنىڭدا ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىشسىزلىق مەسىلىسى، خىتاي كۆچمەنلىرى مەسىلىسى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئېتىبار بېرىش سىياسىتى بىلەن «غەربنى ئېچىش» چاقىرىقىغا ئاساسەن ئۇيغۇر ئېلىگە كەلگەن خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ئۇيغۇرلاردا نارازىلىق پەيدا قىلىشى ۋە بۇ ئىككى مىللەت ئارىسىدا ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئۆز-ئارا نەپرەت، ئىشەنمەسلىكنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى بايان قىلغان. ئۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ياللانما ئىشچى قاتارىدا خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەش سىياسىتى ئۈستىدە توختىلىپ، شاۋگۈەندىكى شۈرى-ئويۇنچۇق زاۋۇتىدا يۈز بەرگەن ۋەقە ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەرگەندىن كېيىن مۇنداق دېگەن:
-ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئارىسىدىكى بۇ ئېتنىك ئايرىمىچىلىق شاۋگۈەن ۋەقەسى بىلەنلا باشلانغان ئەمەس. بۇ بىر قانچە ئەسر ئاۋۋالغا بېرىپ تاقىلىدىغان سۈركىلىش بولۇپ، ھەر ئىككىلا مىللەت مەزكۇر رايوننىڭ ئۆزىگە تەۋە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەندىن بېرى بار ئىدى. ئۈرۈمچىدە بولغان بۇ ۋەقە مەيلى بالدۇر، مەيلى كېيىن بەرىبىر بىر كۈنى پارتلىغان بولاتتى، شياۋگۈەن ۋەقەسى پەقەت ئۇنى تېزلەتتى خالاس.
ئاپتور شياۋگۈەن ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ۋەقەگە ئالاقىدار بارلىق خەۋەرلەرنى دەرھال قامال قىلغانلىقى، جىنايەتچىلەرنى قولغا ئېلىپ، ئۇلارنى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلغانلىقىغا دائىر ھېچقانداق بىر ئۇچۇر بەرمىگەنلىكى، شۇڭا بۇنىڭ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا قاتتىق نارازىلىققا سەۋەب بولغانلىقى ۋە بۇنىڭ بىلەن 5-ئىيۇل كۈنى 1000 غا يېقىن ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىسى قوللىرىدا خىتاي بايرىقىنى كۆتۈرگەن ھالدا ئادالەت تەلەپ قىلىپ كوچىغا چىققان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ساقچىلىرىنىڭ قاتتىق زەربە بېرىشىگە ئۇچرىغانلىقى، بۇنىڭ بىلەن چوڭ بازار ئەتراپىدىكى نەچچە مىڭلىغان ئۇيغۇرنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن تىنچلىق بىلەن باشلانغان كىچىك بىر نامايىشنىڭ زور بىر ۋەقەگە ئايلىنىپ كەتكەنلىكىنى بايان قىلىنىدۇ. ئاپتور گەرچە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بارلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە 5-ئىيۇل كۈنى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ خىتاي ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرسىمۇ، بۇنىڭغا ئىسپات كۆرسەتمىگەنلىكىنى، ئەمما ئۆزى سۆزلەشكەن نۇرغۇن ئۇيغۇرلار ۋە باشقا چەتئەللىكلەرنىڭ ۋەقە كۈنى كېچىدە ئاپتوماتلاردىن توختىماي چىققان ئاۋازلارنى ئاڭلىغانلىقىنى بايان قىلغان. ئۇ مۇنداق دېگەن:
-بىر فرانسۇز ساياھەتچى شۇ كۈنى ئۆزلىرىنىڭ چوڭ بازاردىكى بىنانىڭ ئۆگزىسىگە چىقىرىۋېتىلگەنلىكىنى ۋە ئۇ يەردىن ئوق ئاۋازلىرىنى ئاڭلىغانلىقىنى، قوللىرىدىكى كامېرالىرىنى خىتاي ساقچىلىرىنىڭ تارتىۋالغانلىقىنى ئېيتتى. خىتاي رەسمىي دائىرىلىرى ئۆلگۈچىلەرنىڭ ئاساسەن خىتايلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئۇلار ئۆلگەنلەرنىڭ كوچىدا قاتار ياتقۇزۇلغان رەسىملىرىنى ئېلان قىلىپ تارقاتتى. ئەمما بۇ يەردە ئۇلارنىڭ خىتايلىقىنى ئىسپاتلايدىغان ئېنىق ئىسپات يوق. چۈنكى ئۇ جەسەتلەر كۆپىنچىسى دۈم ياتقۇزۇپ قويۇلغان، ياكى قاندىن يۈزلىرى تونۇغۇسىز بولۇپ كەتكەن. شۇڭا ئۇلارنىڭ مىللىتىنى ئايرىش مۇمكىن ئەمەس. ئۇ يەردىكى كىشىلەر ۋە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار ئۆلگۈچىلەرنىڭ سانىنىڭ ئېلان قىلىنغاندىنمۇ جىقلىقى ۋە ۋەقەدە نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ئۆلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى بىر ئۇيغۇر ياش ماڭا شۇنداق دېدى: «مەن يېرىم كېچىدە ياتىقىمغا قايتقىنىمدا ساقچى ۋە قوراللىق قىسىملار، ھەربىي ئاپتوموبىللار مەكتەپنى پۈتۈنلەي قورشىۋالغان ئىكەن. بىز شۇ كۈنى كېچە توختىماي ئوق ئاۋازى ئاڭلىدۇق. ئەتىسى سەھەردە ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ سىرتى ۋە يېقىنىدىكى كوچىلار ھەممىسى قىپقىزىل قانغا تولۇپ كەتكەن ئىدى» دېدى. نۇرغۇن كىشىلەر شۇ كۈنى كېچىدە خىتاي ھەربىيلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان داۋان رايونىنىڭ توكلىرىنى ئۆچۈرۈپ، تازىلاش ئېلىپ بارغانلىقىنى دەلىللىدى.
ئاپتور دوكلاتىدا ۋەقە مەزگىلىدە خىتاي رەسمىي دائىرىلىرىنىڭ ۋەقەنى تەشۋىق قىلىش ئۇسلۇبىغا ئالاھىدە دىققەت قىلغان بولۇپ، ئۇ شاۋگۈەن ۋەقەسىنى جىمجىت باستۇرۇۋەتكەن خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ئەكسىچە، ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە توختىماي قۇتراتقۇلۇق قىلىپ، خىتاي پۇقرالىرىنىڭ كوچىغا چىقىشىغا سەۋەب بولغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. ئۇ مۇنداق دەيدۇ:
-خىتايدىكى دۆلەتكە ئائىت بولغان ئاخبارات ئورگانلىرى ھەممىسى ئاساسەن دېگۈدەك، تاياق يەۋاتقان، قولغا ئېلىنغان، ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ كۆرۈنۈشلىرىنىڭ ئورنىغا يارىدار بولغان ۋە ئۆلگەن خىتاي پۇقرالىرىنىلا كۆرسەتتى. مەن بىر قانچە ھەپتىدىن كېيىن قەشقەردىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىنمۇ 3-4 مىنۇتلۇق بۇ كۆرۈنۈشلەرنىڭ قايتا-قايتا قويۇلغانلىقىنى بايقىدىم. ئۇيغۇر رايونىنىڭ رەئىسى نۇر بەكرى شاۋگۈەن ۋە ئۈرۈمچىدىكى ۋەقەلەرنىڭ ھەممىسىنى چەتئەللەردىكى بۆلگۈنچىلەر تەرىپىدىن پىلانلانغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ لىدىرى رابىيە قادىرنى ئەيىبلىدى. س س ت ۋ باشچىلىقىدىكى بارلىق دۆلەتكە ئائىت قاناللار ھەممىسى ئۈرۈمچىگە كىرگەن ھەربىي قىسىملارنى، قاتىرىسىغا تىزىلىپ مېڭىۋاتقان ھەربىي ئاپتوموبىللارنىڭ كۆرۈنۈشلىرىنى تارقاتتى. بۇ ناھايىتى ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا خەلقنى ئالداپ، چەتئەللىك بۆلگۈنچىلەرنىڭ شىنجاڭدىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى بۇزۇش ئۈچۈن تەھدىت پەيدا قىلىۋاتقانلىقىدەك بىر يالغان خەۋەر ئارقىلىق ۋەقەنىڭ ھەقىقىي سەۋەبىنى بۇرمىلاشقا ئۇرۇنۇشتىن باشقا نەرسە ئەمەس ئىدى.
دەرۋەقە، مەن ئۈرۈمچىدە تۇرۇپ سۆزلەشكەن نۇرغۇن خىتايلار 5-ئىيۇل كۈنى ئۇيغۇرلارنىڭ نېمە ئۈچۈن نامايىش قىلغانلىقىنى سەۋەبىنى بىلمەيتتى، شاۋگۈەندە يۈز بەرگەن ۋەقەدىن ئۇلارنىڭ خەۋىرى يوق ئىدى. ئۇلار ئۇيغۇرلارنى چەتئەلنىڭ جاسۇسى، دىنىي رادىكال دەپ، ئۇلار بۆلگۈنچىلەر شىنجاڭنى جۇڭگودىن بۆلۈپ چىقىپ كەتمەكچى، دەپ قارايتتى.
ئاپتور 7-ئىيۇل كۈنىدىكى خىتايلارنىڭ ئۆچ ئېلىش ھەرىكىتى ھەققىدە مۇنۇلارنى بايان قىلىدۇ:
-خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ۋەقەگە قايتۇرغان ئىنكاسى قالايمىقانچلىقىنىڭ داۋام قىلىشىغا سەۋەب بولدى. خىتاي پۇقرالىرى «تاشقى تەھدىت كۈچلەر» گە قارشى بىرلىشىش دېگەننى «ئۇيغۇرلارغا قارشى» بىرلىشىش دەپ چۈشەندى. ئۇلار ئۇيغۇرلارنى ئۆز رايونىدا چەتئەللىك كۈچلەر دەپ قارىدى. بىرلىشىشكە چاقىرىشنى خىتاي پۇقرالىرى خىتاي ساقچىلىرى سېنى قوغدىيالمىسا، ئۆزۈڭنى ئۆزۈڭ قوغدا دېگەنلىك دەپ چۈشەندى. بۇنىڭ بىلەن پىچاق، كالتەك، زەيتىن توپ توقمىقى قاتارلىقلار بىلەن قوراللانغان خىتايلار كوچىلارغا چىقتى. بۇلارنىڭ بەزىلىرى كوچىدا ئۇيغۇر ئوۋلىدى، بەزىلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىش يەرلىرىنى، دۇكانلىرىنى قورشىۋالدى، ئۇلارنى كۆيدۈردى، چاقتى، بۇلىدى. 5-ئىيۇل كۈنى كوچىلارغا چىققان ئۇيغۇرلار بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئۇ كۈنىدىكى ئۇيغۇرلار بىر قانچە يۈز بولسا، خىتايلار بولسا بىر قانچە مىڭدىن ئاشىدۇ. ئۇلار 7-ياشتىن 70 ياشقىچە بولغان بارلىق قاتلامدىكى كىشىلەرنى مەسىلەن، ھاللىق ئوتتۇرا قاتلامدىكى كىشىلەر، ئىشچى-خىزمەتچىلەر، ئاياللار ۋە ئەرلەر، بالىلار ۋە ھەتتا ياشانغانلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇلار ھەممىسى ئۇيغۇر ئوۋلاش ئۈچۈن قوراللانغان ئىدى.
ئاپتور، خىتاي قوراللىق قىسىملىرىنىڭ بۇ كىشىلەرنى توسمىغانلىقىنى، كوچىدا بېرە خىتاينىڭ ساقچىلار تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىۋاتقانلىقىدەك مەنزىرىنى كۆرۈشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى، بۇ خىتايلارنىڭ كوچىلاردىكى چەتئەللىك مۇخبىرلارغىمۇ ھۇجۇم قىلغانلىقىنى بايان قىلغاندىن كېيىن بىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنىڭ شۇ بايانىغا يەر بېرىدۇ:
-بىز خىتاي ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھۇجۇم قىلىشىدىن قورقۇپ بىر قانچە كۈن ياتىقىمىزدا سولىنىپ قالدۇق. بىر نەچچە مېتىر نېرىدا خىتاي ساقچىلىرى بولسىمۇ، ئۇلار خۇددى بىزگە بىر ئىش بولۇشىنى ئارزۇ قىلغاندەك، بىزنى قوغدىمىدى. ئاپتور بايانىنى شۇنداق داۋام قىلىدۇ:
-چوڭ بازاردا بىر ئۇيغۇر ئايال ماڭا دۈشەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن خىتاي ساقچىلىرىنىڭ بۇ يەرگە كېلىپ 300 دەك ئادەمنى گۇمان بىلەن تۇتۇپ ئەكەتكەنلىكىنى ئېيتىپ بەردى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە بۇ ئايالنىڭ ئېرىمۇ بار ئىكەن. ئۇ ھازىر ئېرىنىڭ نەدىلىكىنىمۇ بىلمەيدىكەن.
بۇ گۇۋاھچىنىڭ بايانلىرى ئاساسىدا تەييارلانغان دوكلاتنىڭ داۋامىدا ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن بىر قانچە كۈن كېيىن، قەشقەردە يۈز بەرگەن نامايىش ھەققىدىمۇ مەلۇماتلار بېرىلگەن. بىز كېيىنكى پروگراممىمىزدا بۇ ھەقتە سىلەرگە داۋاملىق مەلۇمات بېرىمىز.