مۇخبىرىمىز جۈمە
2011.08.12

رابىيە قادىر خانىم: خىتايلار ئۇيغۇرلارنى ئۆلتۈرۈشنى داۋاملاشتۇردى، لېكىن ئۇيغۇرلارمۇ توختاپ قالمايدۇ

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم: ئۇيغۇرلار ئۆزىنى ئۆزى ئازاد قىلىدۇ، ياكى قۇربان بولىدۇ، دېدى. ئۇ، بۇ ھەقتىكى سۆزلەرنى ئەركىن ياۋروپا رادىئوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئوتتۇرىغا قويدى.

قەشقەر ۋە خوتەنلەردە يېقىدا يۈز بەرگەن بىر قاتار ۋەقەلەرنىڭ 2009-يىلىدىكى «ئۈرۈمچى ۋەقەسى» بىلەن چېتىشلىقى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن رابىيە قادىر خانىم: مېنىڭچە بۇ قېتىملىق ھەرىكەتكە ئارىلاشقانلار، 2009-يىلىدىكى ئاشۇ ۋەقەلەردە ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بولۇشى مۇمكىن. «ئۈرۈمچى ۋەقەسى» بىر چوڭ ۋە ئېچىنىشلىق ۋەقە بولسىمۇ، ھېچكىم يېتەرلىك كۆڭۈل بۆلمىگەن ئىدى، دېدى.

رابىيە قادىر خانىم ئاخىرىدا مۇنداق دېدى: مەنچە خىتايلار ئۇيغۇرلارنى ئولتۇرۇشنى داۋاملاشتۇردى، لېكىن ئۇيغۇرلارمۇ توختاپ قالمايدۇ. ئۇلار، خىتاي سىياسىتىنى ئۆزگەرتمىگۈچە توختىمايدۇ.

بۇيلۇقلۇقلار: بىز ھەرگىز كۆچمەيمىز!

ئۇيغۇر ئېلىدىكى داڭلىق ساياھەتگاھى تۇرپاندىكى بۇيلۇقنىمۇ بىر كۆچمەن خىتاي ھۆددىگە ئېلىۋالغان ۋە يەرلىك ئۇيغۇرلارنى بۇيلۇقتىن كۆچۈشكە مەجبۇرلىغان.

يەرلىكلەردىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرلىرىمىزغا قارىغاندا، بۇ يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىغان. بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر بويلۇق ئۇيغۇر: ئاتا-بوۋىمىز ياشاپ كەلگەن، بىزگە نان بېرىۋاتقان بۇ ماكاندىن ھەرگىز كۆچمەيمىز! دېدى.

يېقىندا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تۇرپاندىكى بويلۇقنى 5 ئا دەرىجىلىك ساياھەت رايونى قىلىپ كېڭەيتىپ قۇرۇش پىلانىغا كىرگۈزگەنلىكى ۋە پىلانغا ئاساسەن بەش يىل ئىچىدە بۇ جايدا ئولتۇرۇشلۇق 1500 ئائىلىنى كۆچۈرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

ئۇيغۇر ئەرزدارلار «قەشقەر يېڭى بازار ۋەقەسى» ئىجراچىلىرىنى «يۈرىكى بالىلار ئىكەن» دەپ تەرىپلىدى

بېيجىڭدا ئەرز قىلىۋاتقان ئۇيغۇر ئەرزدارلار رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، «قەشقەر يېڭى بازار ۋەقەسى» ھەققىدە توختالدى ۋە ئۇ ۋەقە ئىجراچىلىرىنى «يۈرىكى بالىلار ئىكەن» دەپ تەرىپلىدى.

يەنە بىر ئۇيغۇر ئەرزدار، قەشقەرگە يېڭى كەلگەن خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ قىسقا ۋاقىتتىلا بېيىپ، مىليونېر بولۇپ كېتىدىغانلىقى، يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ بولسا ھەقسىزلىق ۋە ناھەقچىلىكلەرنىڭ دەردىدە سەرسان ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى ۋە: شۇڭا چىقىدۇ بۇنداق ۋەقە، دېدى.

ئالدىنقى كۈنى رويتېرسنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بىر قەشقەرلىك ئۇيغۇر ئەرزدارمۇ قەشقەر ۋەقەسى ھەققىدە توختىلىپ: ئۇلار تېررورچى ئەمەس، ئۇلارنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق دەردى بار، دېگەن ئىدى.

يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەقە ھەققىدىكى قاراشلىرى، خىتاي دائىرىلىرى ۋەقەنى «تېررورلۇق ۋەقەسى» دەپ ئاتىغان ۋە ئۇيغۇر ئېلىدە «تېررورلۇققا قاتتىق زەر بېرىدىغانلىقى» نى جاكارلىغان مەزگىلگە توغرا كەلدى.

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خوتەن ۋە قەشقەر ۋەقەسى مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلدى

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خوتەن ۋە قەشقەر ۋەقەسى مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر ئېلى ۋەزىيىتىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەخمەت داۋۇتوغلۇ مۇخبىرلارغا بايانات بېرىپ مۇنداق دېدى: بىز، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بىخەتەر، مۇقىم ۋە خاتىرجەم ھايات كەچۈرۈشىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرمەكتىمىز.

داۋۇتئوغلۇ يەنە، ئۇيغۇر رايونىدا مۇقىملىق ۋە ئامانلىقنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشىنى ۋە جىددىيچىلىكنىڭ ئۇلغىيىپ كەتمەسلىكىنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئاقسۇدا ھۆكۈمەتكە قارشى تەشۋىقات ۋەرەقىلىرى تارقالدى، ئاقسۇ ۋەزىيىتى جىددىيلەشتى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خوتەن ۋە قەشقەردە ئارقىمۇ -ئارقا يۈز بەرگەن ۋەقەلەردىن كېيىن، ئاقسۇ ۋىلايىتىدە خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى تەشۋىقات ۋەرەقىلىرى تارقالغان، نۆۋەتتە ساقچى دائىرىلىرى ئاقسۇدا ئۆي ئاختۇرۇش ۋە تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتى ئېلىپ بارماقتا ئىكەن.

ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن تارقىتىلغان تەشۋىقات ۋەرەقىلىرىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقلىرى ئىپادىلەنگەندىن باشقا، خىتايدىن كەلگەن كۆچمەنلەرنىڭ ئۆز يۇرتىغا قايتىپ كېتىشى تەلەپ قىلىنغان، ئۇيغۇرلار بىرلىك-ئىتتىپاقلىققا چاقىرىلغان.

رادىئومىز ئاقسۇدىكى ساقچى دائىرىلىرىگە تېلېفون قىلىپ ئەھۋال ئىگىلىگىنىدە، دائىرىلەر تەشۋىقات ۋەرەقىلىرى ۋە ئۆي ئاختۇرۇش ھەققىدىكى ئىنكاسلارنى ئىنكار قىلدى.

ئاھالىلەر بولسا رامزان كىرگەندىن بۇيان ئاقسۇ ۋەزىيىتىنىڭ جىددىيلەشكەنلىكىنى، ئۇيغۇرلارغا قارىتا كىملىك تەكشۈرۈشىنىڭ يەنىمۇ كۈچەيتىلگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.

پاكىستان بەش ئۇيغۇرنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەردى

پاكىستاندىكى ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، 11-ئاۋغۇست پاكىستان بىخەتەرلىك خادىملىرى بىنەزەر بۇتتو ئايرودرومىدا 5 نەپەر ئۇيغۇرنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن.

بۇلارنىڭ ئىچىدە 1 ئايال ۋە ئىككى بالا بار بولۇپ، بۇ، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىدى.

خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتى 9-ئاۋغۇستتىكى باياناتىدا: پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قىلمىشى بىر رەزىللىك بولۇپلا قالماستىن، بەلكى كىشىلىك ھوقۇققا قىلىنغان ئېغىر تاجاۋۇز، دەپ كۆرسەتتى.

بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ بىر يىلدىن بېرى پاكىستاندا تۈرمىدە يېتىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بولۇپ،  بۇلارنىڭ  قەشقەردە يۈز بەرگەن «يېڭى بازار ۋەقەسى» دىن كېيىنلا خىتاي ئۆتكۈزۈپ بېرىلىشى دىققەتنى تارتماقتا.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى تايلاندتىن خىتايغا قايتۇرۇلغان بىر ئۇيغۇر مۇساپىرنى سۈرۈشتۈردى

تايلاند مەزكۇر دۆلەتكە قېچىپ چىققان ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىدىن نۇر مۇھەممەتنى 6-ئاۋغۇست خىتايغا تاپشۇرۇپ بېرىپ، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرىدى.

مەركىزى ئامېرىكىنىڭ نيۇ-يورك شەھىرىدىكى كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قىلمىشىنى تەنقىدلەپلا قالماي، تايلاند ۋە خىتاي دائىرىلىرىدىن نۇر مۇھەممەت بىلەن دەرھال كۆرۈشۈشكە رۇخسەت قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

نۇر مۇھەممەتنىڭ تايلاندقا قاچان قېچىپ چىققانلىقى ئېنىق ئەمەس، ئەمما خىتاي دائىرىلىرىنىڭ نۇر مۇھەممەتنى 2009-يىلى يۈز بەرگەن «5-ئىيۇل ۋەقەسى» دە جىنايەت سادىر قىلغان دەپ ئەيىبلىگەنلىكى مەلۇم.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى تۈنۈگۈن ئېلان قىلغان باياناتىدا ئاگاھلاندۇرۇپ، نۇر مۇھەممەتنىڭ خىتايدەك ئۇيغۇرلارغا تەن جازاسى بېرىش، ئىز-دېرەكسىز يوقىتىۋېتىش ۋە قانۇنسىز تۇتقۇن قىلىش خاتىرىسىگە ئىگە بىر دۆلەتكە قايتۇرۇلۇشى، ئۇنى تەن جازاسىغا ئۇچراشتىن ئىبارەت ئېغىر خەۋپكە دۇچار قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

شېكەركۆل يېزىسى يەر تەۋرەشنىڭ ۋەيرانچىلىقىغا ئۇچرىدى

8-ئاينىڭ 11-كۈنى شۇ جاي ۋاقتى چۈشتىن كېيىن سائەت 4 دىن 6 مىنۇت ئۆتكەندە قەشقەرنىڭ پەيزاۋات ناھىيىسى  شېكەركۆل يېزىسىدا 5.8 بال يەر تەۋرىدى.

پەيزاۋات ناھىيىسىدىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرلىرىمىزدىن بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەشنىڭ شېكەر كۆلى يېزىسىغا ئېغىر ئاپەت ئېلىپ كەلگەنلىكى، ئۆيلەرنىڭ ئۆرۈلۈپ، يارىلىنىش ئەھۋاللىرى كۆرۈنگەنلىكى مەلۇم بولدى.

پەيزاۋات ناھىيىلىك ھۆكۈمەت ئىشخانىسىدىكى  بىر خىتاي كادىر ئاپەت يۈز بەرگەنلىكىنى رەت قىلىپ «بۇ دېگەن ئىغۋا» دېگەن بولسىمۇ، پەيزاۋات ناھىيىسى شېكەركۆل يېزىسىدىكى يەر تەۋرەشتە يارىلانغانلارنى جىددىي قۇتقۇزۇشقا قاتنىشىۋاتقان بىر سېسترا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، يېزىدا ساق ئۆيلەرنىڭ قالمىغانلىقىنى، ھەتتا دوختۇرخانىنىڭمۇ بىر قىسىم جايلىرى ئۆرۈلۈپ ۋە دەز كەتكەچكە يارىدارلارنىمۇ باشقا ياققا يۆتكەۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.