مۇخبىرىمىز جۈمە
2011.08.05

قەشقەردە خىتاي ساقچى ۋە پۇقرالىرىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى

30-ۋە 31-ئىيۇل قەشقەردە ئىككى قېتىم خىتاي ساقچى ۋە پۇقرالىرىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى. دائىرىلەر ۋەقەدە ئۆلگەنلەرنىڭ 18 كىشىگە يەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

بۇ ھەقتە ھازىرغىچە ئاشكارىلانغان خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، 30-ئىيۇل قەشقەردىكى «ئانا دىيار» دوختۇرخانىسى ئالدىدا ئاپتوموبىل پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەرگەن.

خىتاي ئاخباراتلىرى دەسلەپتە تارقاتقان خەۋەرلەرگە قارىغاندا، 31-ئىيۇل ئىككى ئۇيغۇر ياش قەشقەردە كۆچمەن خىتايلار توپلىشىپ بازار شەكىللەندۈرگەن يېڭى بازار رايونىغا ئاپتوموبىل بىلەن ھۇجۇم قىلىپ، 8 خىتاي پۇقراسىنى ئۆلتۈرگەن ۋە 28 نەپىرىنى يارىدار قىلغان.

بۇ ئىككى قېتىملىق ۋەقەدە بىر قىسىم ئۇيغۇر ھۇجۇمچىلارنىڭمۇ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بولسىمۇ، جەمئىي قانچە ئادەمنىڭ ئۆلگەن ۋە يارىلانغانلىقى ھازىرچە مۇقىم ئەمەس.

قەشقەردىن كەلگەن خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ۋەقەدىن كېيىن قەشقەردىكى پۈتۈن يول ئېغىزلىرىنى قامال قىلىپ، كىملىك تەكشۈرۈشكە باشلىغان.

رابىيە قادىر: ھۇجۇمدا ھەر ئىككى تەرەپتىن ئۆلگەنلەرگە خىتاي ھۆكۈمىتى جاۋابكار

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاينىڭ ھۇجۇمچىلار ئۈستىدىكى ئەيىبلەشلىرىنى رەت قىلدى.

30-ۋە 31-ئىيۇل قەشقەر شەھىرىدە يۈز بەرگەن خىتاي ساقچى ۋە پۇقرالىرىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى ھەققىدە 1-ئاۋغۇست قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكوم ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئايرىم-ئايرىم ھالدا بايانات ئېلان قىلىپ، ھۇجۇمنى «زوراۋانلىق ۋە تېررورلۇق ھەرىكىتى» دەپ ئەيىبلىدى.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاينىڭ ھۇجۇمچىلار ئۈستىدىكى ئەيىبلەشلىرىنى رەت قىلدى.

ھۇجۇمچىلارنى «شۇ خىل قارشىلىق يولىغا مەجبۇرلانغان كىشىلەر» دەپ ئاتىغان رابىيە خانىم، ھۇجۇمدا ھەر ئىككى تەرەپتىن ئۆلگەنلەرگە خىتاي ھۆكۈمىتى جاۋابكار دەپ كۆرسەتتى.

ئۇيغۇرلار رامزاننى دىنىي ۋە سىياسىي بېسىملار ئىچىدە باشلىدى

بۇ يىللىق مۇبارەك روزى ئېيى ئاۋغۇستنىڭ 1-كۈنى باشلاندى. ئىگىلىشىمىزچە، ئۇيغۇرلار بۇ روزا ئېيىنى پەقەت ئىقتىسادىي بېسىملا ئەمەس، بەلكى يەنە ئېغىر سىياسىي ۋە روھىي بېسىملار ئىچىدە باشلىغان.

قەشقەر سېرىق بويا بازىرىدىكى بىر ئۇيغۇر ئايال، ۋەزىيەتنىڭ ئىلگىرىكىدىن چىڭلىقىنى، بۇنىڭدا قەشقەردە 8-ئاي كىرگەندىن بۇيان يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنىڭمۇ تەسىرى بارلىقىنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن تىلغا ئالدى.

قەشقەر تەۋەسىدىكى بىر ئۇيغۇر دېھقان نۆۋەتتىكى قېيىن ۋەزىيەتنى قىسقىلا چۈشەندۈرۈپ: كىرىم ئۆرلىمىدى؛ بىراق مال باھاسى ئۆرلەپ توختىمىدى، دېدى.

خىتاي دائىرىلىرى قەشقەر «يېڭى بازار ۋەقەسى» گە چېتىلىپ تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان ئىككى ئۇيغۇر ياشنى ئېتىۋەتكەنلىكىنى بىلدۈردى

خىتاي دائىرىلىرى قەشقەر «يېڭى بازار ۋەقەسى» گە چېتىشلىقى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغان ئىككى ياشنى قەشقەر شەھەر ئەتراپىدىكى بىر شاللىقتا ئېتىپ تاشلىغان.

خىتاي ساقچى دائىرىلىرى مۇھەممەتئىلى تىلىۋالدى ۋە تۇرسۇن ھەسەننىڭ 30-ۋە 31-ئىيۇل كۈنلىرى يۈز بەرگەن قەشقەر «يېڭى بازار ۋەقەسى» بىلەن چېتىشلىقى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بۇ ئۇيغۇرلارنى تۇتۇپ بەرگەنلەرگە 100 مىڭ يۈەندىن مۇكاپات بېرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ھۆكۈمەت باياناتچىسى خۇ خەنمىن دۈشەنبە كۈنى قەشقەردە مۇخبىرلارغا، مۇھەممەتئىلى تىلىۋالدى ۋە تۇرسۇن ھەسەننىڭ خىتاي ئامانلىق كۈچلىرى تەرىپىدىن قەشقەر شەھەر سىرتىدىكى بىر شاللىقتىكى توقۇنۇشتا ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

«ئەركىنلىك لوڭقىسى» نى گوللاندىيە ئۇيغۇر ياشلار پارتىيىسى كوماندىسى ئۇتتى

27-ئىيۇلدىن باشلاپ گوللاندىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ «ئەركىنلىك لوڭقىسى»نى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىدە گوللاندىيە ئۇيغۇر ياشلار پارتىيىسى كوماندىسى، شۋېتسىيە«ئۇيغۇرىستان» كوماندىسىنى يېڭىپ، چېمپىيون بولدى.

3-لىكىنى تالىشىش ئۈچۈن مۇسابىقىلەشكەن گېرمانىيە «فچۇيغۇر» كوماندىسى بىلەن فرانسىيە «تارىم» كوماندىسى ئىچىدە گېرمانىيە كوماندىسى يېڭىپ 3-بولدى.

نەتىجىدە گوللاندىيە 1-لىكىنى، شۋېتسىيە 2-لىكنى، گېرمانىيە 3-لىكنى ئالدى. مۇسابىقە ئىنتايىن ھاياجان ۋە ئىپتىخارلىق ئىلىكىدە ئاياغلاشتى. مۇسابىقىدە ئۇتۇپ چىققۇچىلارغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەييارلىغان ھەرخىل دەرىجىدىكى لوڭقىلار تارقىتىپ بېرىلدى.

ئۇيغۇرلار دۈشەنبە كۈنى خىتاينىڭ ۋېنادىكى باش ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش قىلدى

ئۇيغۇرلار دۈشەنبە كۈنى خىتاينىڭ ئاۋسترىيە پايتەختى ۋېنادىكى باش ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يېقىندىن بۇيان خوتەن، قەشقەر قاتارلىق جايلاردا يۈرگۈزگەن زوراۋانلىق ھەرىكىتىگە نارازىلىق بىلدۈردى.

20 نەچچە كىشىلىك نامايىشچى «ئۇيغۇرلارغا دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق»، «شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى قىرغىن قىلىش توختىتىلسۇن» دېگەندەك لوزۇنكىلارنى كۆتۈرۈپ، خىتايغا قارشى شوئارلارنى توۋلىدى.

بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋسترىيە پايتەختى ۋېنادا خىتايغا قارشى ئېلىپ بارغان تۇنجى نامايىشتۇر.

قەشقەردىكى بىر خىتاي ئايال: ئۆيىمىزگە مۆكۈنۈپ ئولتۇرۇپ، تالاغىمۇ چىقالمايۋاتىمىز

30-ۋە 31-ئىيۇل قەشقەردە يۈز بەرگەن ۋەقەلەر قەشقەردىكى خىتاي پۇقرالىرى ئارىسىدا ۋەھىمە پەيدا قىلغان.

ئۆزىنىڭ قەشقەردە تۇغۇلغانلىقىنى بىلدۈرگەن بىر خىتاي زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، قەشقەردىكى خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ۋەھىمە ئىچىدە ئۆيىدىن تالاغا چىقالماس بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ خىتاي پۇقراسى ئۆز ئەندىشىسىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى: ئۆزىمىزنىڭ ھاياتىغىمۇ كاپالەت يوقلۇقىنى بىلدۇق. ئۆيىمىزگە مۆكۈنۈپ ئولتۇرۇپ، تالاغىمۇ چىقالمايۋاتىمىز. بۇ خىل ئەندىشىلەرنى قەشقەردىكى باشقا خىتاي پۇقرالىرىمۇ يەنە باشقا خەلقئارا ئاخباراتلارغىمۇ بىلدۈرگەن ئىدى.

«4-ئاۋغۇست سەمەن يولى ۋەقەسى» نىڭ ئۈچ يىللىقى خاتىرىلەندى

2008-يىلى 4-ئاۋغۇست يۈز بەرگەن «سەمەن يولى ۋەقەسى» نىڭ ئۈچ يىللىق خاتىرە كۈنى يېتىپ كەلدى. بىر قىسىم ئۇيغۇرلار ھەر يىلى مەزكۇر ۋەقەدىكى ئىككى ئۇيغۇر پىدائىينى ئەسلەپ، بۇ كۈننى ھەرخىل شەكىللەردە خاتىرىلىمەكتە.

2008-يىلى 8-ئاينىڭ 8-كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسى مۇناسىۋىتى بىلەن دۇنيانىڭ كۆزى خىتايغا تىكىلگەن بىر چاغدا، يەنى 8-ئاينىڭ 4-كۈنى قەشقەر سەمەن يولىدا ئابدۇراخمان ئازاد ۋە قۇربانجان ھىمىت ئىسىملىك ئىككى پىدائىي قەشقەر چېگرا مۇداپىئە قوراللىق ساقچى ئەترىتىگە ھۇجۇم قىلىپ، 17 ساقچىنى ئۆلتۈرۈپ، 16 ساقچىنى يارىلاندۇرۇپ، دۇنيا مەتبۇئاتلىرىنى لەرزىگە كەلتۈرگەن ئىدى.