يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرى قەشقەردىكى «يېڭىبازار ۋەقەسى» نى قوزغىغانلارنىڭ بىرىنىڭ پاكىستاندا تەربىيە ئالغانلىقى ۋە «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» بىلەن ئالاقىسى بارلىقىنى ئېلان قىلغان.
مۇخبىرىمىز ئەركىن
2011.08.03
pakistan-xitay-president-305خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ پاكىستان پرېزىدېنتى ئاسىف ئالىي زاردارى بىلەن كۆرۈشتى 2010-يىل 18-دېكابىر

AFP

قەشقەردە يۈز بەرگەن 30 ۋە 31-ئىيۇل كۈنلىرىدىكى ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرىدىن كېيىن، يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرى 1‏-ئاۋغۇست ئاخبارات ئېلان قىلىپ، «يېڭىبازار ۋەقەسى» دەپ ئاتالغان ھۇجۇمنى ئېلىپ بارغان گۇرۇھنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىر كىشىنىڭ، پاكىستاندا تەربىيە ئالغانلىقى ۋە «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» بىلەن ئالاقىسى بارلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. دائىرىلەرنىڭ بۇ پىكرى ماددىي پاكىتلارغا تايانمىغان، پەقەت ۋەقەدە تىرىك قولغا چۈشۈپ قالغان «بىر ئەسىرنىڭ ئىقرارىنى ئاساس قىلغان» بولسىمۇ، لېكىن بۇ پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ جىددىي ئىنكاسىنى قوزغىغان. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇرۇن ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بەرگەن نۇرغۇن ۋەقەلەرنى «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» گە باغلىغان بولسىمۇ، بىراق ھۇجۇمچىلارنىڭ پاكىستاندا تەربىيە ئالغانلىقىنى ئاشكارا تىلغا ئېلىپ باقمىغان ئىدى. بۇ قېتىم ئۇ ھۇجۇمچى گۇرۇھنىڭ بىر رەھبىرىنىڭ پاكىستاندا تەربىيە ئالغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

پاكىستان ھۆكۈمىتى بولسا بۇنىڭغا جىددىي ئىنكاس قايتۇرۇپ، بىر تەرەپتىن پاكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئارقىلىق بايانات ئېلان قىلىپ خىتاينى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرسە، يەنە بىر تەرەپتىن پاكىستان مۇشتەرەك ئىستىخبارات مۇدىرىيىتىنىڭ مەسئۇلى ئەخمەت شۇجاھ پاشانى بېيجىڭغا يوللىغان. پاكىستان ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ پاكىستان ئىستىخبارات ئەمەلدارلىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ بەرگەن بۇ ھەقتىكى خەۋەرلىرىدە، قەشقەردە يۈز بەرگەن ۋەقە شۇجاھ پاشىنىڭ بېيجىڭغا قىلغان سەپىرىنىڭ مۇھىم كۈنتەرتىپلىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ يەنە قەشقەردە توختاپ ئۆتىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

پاكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ قەشقەردە ئېلىپ بارغان باستۇرۇش ھەرىكىتىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشى ۋە پاكىستان مۇشتەرەك ئىستىخبارات مۇدىرىيىتى رەھبىرىنىڭ تۇيۇقسىز قىلغان بېيجىڭ ۋە قەشقەر سەپىرىنىڭ «يېڭىبازار ۋەقەسى» بىلەن ئالاقىدار ئىكەنلىكىگە دائىر خەۋەرلەر دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. قۇرۇلتاي رەئىسى رابىيە قادىر خانىم بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بۈگۈن رادىئومىزغا سۆھبەت ئېلان قىلىپ، خىتاي-پاكىستان ھەمكارلىقىغا ئىنكاس قايتۇردى.

پاكىستان ئىستىخبارات ئىدارىسى باشلىقىنىڭ خىتاي زىيارىتىدە خىتاي بىخەتەرلىك ئورگانلىرى بىلەن قانداق مەسىلىلەرنى سۆزلەشكەنلىكى، ئىككى تەرەپنىڭ كونكرېت قانداق ھەمكارلىق ئېلىپ بارىدىغانلىقىغا دائىر تەپسىلىي دېتاللار مەلۇم ئەمەس. بىراق مۇلاھىزىچىلەر خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ چارشەنبە كۈنى پاكىستاننى تېررورلۇق، دىنىي ئەسەبىيلىككە قارشى مۇستەھكەم شېرىك، دەپ ماختاپ، قەشقەر ۋەقەسىنىڭ خىتاي-پاكىستان مۇناسىۋىتىگە كۆرسىتىدىغان سەلبىي تەسىرىنى چەتكە قېقىشىدىن، ئۇلارنىڭ بەزى مەسىلىلەردە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلغانلىقىنى پەرەز قىلىش مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ما جاۋشۈ مىنىستىرلىق تور بېتى ئارقىلىق ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا ئىسلامئابادنى ماختاپ، «پاكىستان خەلقئارا تېررورلۇققا قارشى كۈرەشنىڭ مۇھىم فرونتى. تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە پەۋقۇلئاددە تۆھپىسى بار» دەپ تەكىتلىگەن. ما جاۋشۈ باياناتتا قەشقەردە يۈز بەرگەن ۋەقەنى تىلغا ئالمىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ، جۇڭگو بىلەن پاكىستاننىڭ دوستانە قوشنىلاردىن ئىكەنلىكى، ئۇلارنىڭ تېررورلۇققا قارشى ساغلام ھەمكارلىق ئورناتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. بەزى مۇلاھىزىچىلەر ما جاۋشۈنىڭ باياناتىنىڭ ئەخمەت شۇجاھ پاشا بېيجىڭنى زىيارەت قىلغاندىن كېيىن ئېلان قىلىنغانلىقى دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغان نۇقتىلارنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.

ئالدىنقى كۈنى پاكىستان ھۆكۈمىتى ئەخمەت شۇجاھ پاشىنىڭ خىتايغا زىيارەتكە ماڭغانلىقىغا دائىر خەۋەرلەرگە توغرىلاپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتىگە قارشى ئېلىپ بارغان ھەرىكىتىنى قوللايدىغانلىقى ۋە ئۇنىڭ بىلەن تولۇق ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. پاكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئايال باياناتچىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى باياناتتا، پاكىستاننىڭ خىتاينى قوللايدىغانلىقى ۋە ئۇنىڭ بىلەن ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ قالماي، شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرىنى يەنە «تېررورچى، بۆلگۈنچى ۋە دىنىي ئەسەبىيلەردىن ئىبارەت ئالۋاستى كۈچلەر» دەپ تەرىپلىگەن. لېكىن رابىيە قادىر خانىم پاكىستان دائىرىلىرىنىڭ يۇقىرى تەبىرىنى تەنقىدلەپ، ئىسلامئابادنىڭ ئىككى يۈزلىمىچىلىك قىلىۋاتقانلىقى، ئۇنىڭ بىر تەرەپتىن ھىندىستانغا قارشى تېررورلۇقنى قوللىسا، يەنە بىر تەرەپتىن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىغا ھەمنەپەس بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. رابىيە خانىم يەنە، دۇنيانىڭ بۇ قېتىم خوتەن ۋە قەشقەر يۈز بەرگەن ۋەقەلەرگە سۈكۈت قىلغانلىقى، بىراق بۇ ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئۈزۈل-كېسىل تۈگىتىۋېتىشكە قاراپ تۇرىدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ.

بەزى مۇلاھىزىچىلەر پاكىستاننىڭ قەشقەردە يۈز بەرگەن ۋەقەدە خىتاينى قوللايدىغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، ئۇنىڭغا يېقىنلىشىشىنى ئامېرىكا-پاكىستان مۇناسىۋىتىنىڭ يىرىكلىشىشىگە باغلايدۇ. بۇ قاراشتىكى مۇلاھىزىچىلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بۇ يىل 5-ئايدا ئەل-قائىدە رەھبىرى ئۇساما بىن لادىن ئامېرىكا ئالاھىدە قىسىملىرى تەرىپىدىن ئىسلامئاباد ئەتراپىدا ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، خەلقئارا جامائەتچىلىك پاكىستاننىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش نىيىتىنىڭ سەمىمىيلىكىدىن گۇمانلىنىشقا باشلىغان. بۇ پاكىستاننىڭ دۇنيادا ئىلگىرىلەپ يېتىم قېلىش ئېھتىماللىقىنى كۈچەيتكەن. مۇلاھىزىچىلەر، پاكىستان دۇچ كەلگەن بۇ خىل ۋەزىيەتنىڭ ئىسلامئابادنى خىتايغا يېقىنلاشتۇرغانلىقى، ئۇنىڭ قەشقەر «يېڭىبازار ۋەقەسى» گە جىددىي ئىنكاس قايتۇرۇپ، دەرھال بايانات ئېلان قىلىشى ۋە ئىستىخبارات ئىدارىسى باشلىقىنى دەرھال خىتايغا ئەۋەتىشىدە بۇنىڭ تۈرتكىلىك رولى بارلىقىنى بىلدۈرمەكتە.