2011.08.03

سەلچۇق تەپەلى ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلغان پروگراممىدا تەتقىقاتچى ژۇرنالىست ئەسەدۇللاھ ئوغۇز ئەپەندى ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدىكى كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى.
ئەسەدۇللاھ ئوغۇزخان ئەپەندى تۈركىيەنىڭ بۈگۈن مەزلۇم ئەرەبلەرگە ئىگە چىقىۋاتقانلىقىنى، مىسىر، لىۋىيە ۋە سۈرىيەدىكى ھۆكۈمەتكە قارشى كۈچلەرنى قوللاپ قۇۋۋەتلەۋاتقانلىقىنى، شۇڭا تۈركىيە قېرىنداش ئۇيغۇرلارغىمۇ ئىگە چىقىشى كېرەكلىكىنى، قەشقەر ۋەقەسىدىن كېيىن جىم تۇرۇۋالغان تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەقتە بايانات بېرىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
45 مىنۇت داۋاملاشقان پروگراممىدا كۆرۈنۈشلەر بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ يەر ئاستى ۋە يەر ئۈستى بايلىقلىرىمۇ ئاڭلىتىلدى. خەۋەر تۈركتە ھەر كۈن چۈشتە تارقىتىلغان تۈركىيەنىڭ تاشقى سىياسىتى تېما قىلىنغان بۇ پروگراممىدا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە مەخسۇس يەر بېرىلىشى، تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە باشلىغانلىقىنىڭ بېشارىتى.
خابەر تۈرك تېلېۋىزىيىسىدىكى پروگراممىدا ئالدى بىلەن قەشقەر يېڭى بازاردا بولغان ۋەقە ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىلگەندىن كېيىن، پروگرامما رىياسەتچىسى شۇلارنى دېدى: بىز بەرگەن بۇ خەۋەرلەر خىتاي خەۋەر ئاگېنتلىقلىرىدىن ئېلىنغان، چەتئەللىك مۇخبىرلارنى قەشقەرگە كىرگۈزمىگەچكە توغرىلىقى گۇمانلىق. پروگراممىنىڭ بېشىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭمۇ قەشقەر ۋەقەسى ھەققىدىكى باياناتىغا يەر بېرىلدى. رابىيە قادىر خانىم مۇنداق دېگەن: خىتاينىڭ بېسىمىدىن بىزار بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ گۇناھى يوق، بۇ ۋەقەدە ئۆلگەنلەرنىڭ جاۋابكارى خىتاي ھۆكۈمىتى. پروگرامما رىياسەتچىسى، مۇبارەك روزى ئېيىغا كىرگەن كۈنىمىزدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىمىنى تېخىمۇ كۈچەيتكەنلىكىنى تەكىتلىدى. كېيىن تەتقىقاتچى ژۇرنالىست ئەسەدۇللاھ ئوغۇز ئەپەندى بىلەن سۆھبەتكە باشلىدى.
5-ئىيۇل ۋەقەسىدە خىتاي ھۆكۈمىتى چەتئەللىك مۇخبىرلارنىڭ ئۈرۈمچىگە كىرىشىگە رۇخسەت قىلغان ئىدى. دۇنيادا خىتايغا قارشى بىر نارازىلىق پەيدا بولغان ئىدى. خىتاي بۇنىڭدىن ساۋاق ئېلىپ ئۆز ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق دۇنياغا مەلۇمات تارقىتىۋاتىدۇ. خىتاي ئاخباراتلىرى بەرگەن مەلۇماتلار بىلەن چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار بەرگەن مەلۇمات ئوخشىمايدۇ. بىتەرەپ ژۇرنالىستلار قەشقەرگە كىرەلمىگەنلىكى ئۈچۈن قايسى ئۇچۇرنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى بىلەلمەيۋاتىمىز.
پروگرامما رىياسەتچىسى سەلچۇق تەپەلى ئەپەندىنىڭ، چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتىدۇ. خىتايلار بولسا ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەقە چىقىرىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتىدۇ، بۇلارنىڭ قايسىسى توغرا؟ دېگەن سوئالىغا ئەسەدۇللاھ ئوغۇز ئەپەندى مۇنداق جاۋاب بەردى:
«ئوت يوق يەردىن تۈتۈن چىقمايدۇ دېگەن بىر گەپ بار. ئۇ يەردە راستىنىلا بىر مەسىلە بار بولغاچقا بۇ ۋەقەلەر چىقىۋاتىدۇ. مەن ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا قارىغاندا 2009-يىلىدىكى ۋەقەدە مىڭلارچە كىشى قولغا ئېلىنغان ئىكەن، بۇ كىشىلەرنىڭ ئاقىۋىتى تېخىغىچە نامەلۇم. خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ئۇيغۇرلار پىچاق بىلەن ئادەم ئۆلتۈردى، ماشىنا ئۇرۇپ ئۆلتۈردى دەپ خەۋەر تارقىتىۋاتىدۇ، ئەمما ئۇ يەردە ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئېغىر بېسىم بار. ئۇيغۇرلار ئۆز تۇپرىقىدا چەتكە قېقىلىۋاتىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ تەلەپلىرىنى ئاڭلىشى، مەسىلىنى تەلتۆكۈس ھەل قىلىشى كېرەك، بولمىسا قەشقەردىكىدەك ۋەقەلەر يەنە مەيدانغا كېلىدۇ.»
ت ۋ پروگرامما رىياسەتچىسى سەلچۇق تەپەلى ئەپەندىنىڭ، بىز ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ نېمە ئەھمىيىتى بار؟ نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلىمىز؟ تۈرك-خىتاي مۇناسىۋىتىدە ئۇيغۇرلارنىڭ رولى نېمە؟ دېگەن سوئالىغا ئەسادۇللاھ ئوغۇز ئەپەندى مۇنداق جاۋاب بەردى:
«ئىككى يىل بۇرۇنقى ۋەقەدە باشمىنىستىرىمىز رەجەپ تاييىپ ئەردوغان خىتايلار ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ، دەپ ئەيىبلەپ، ئۇيغۇرلارنى قوللىغان ئىدى. يېقىنقى يىللاردىن بېرى تۈركىيە بىر رايون خاراكتېرلىك چوڭ دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن قوشنا دۆلەتلىرىنىڭ مەسىلىلىرىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە باشلىدى. تۈركىيە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مەسىلىلەرنى، پاكىستان بىلەن ئافغانىستان ئوتتۇرىسىدىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا تىرىشىۋاتىدۇ. شەرقىي تۈركىستان بىزنىڭ قان قېرىنداشلىرىمىز بولغان ئۇيغۇرلار ياشاۋاتقان بىر رايون. ئۇنىڭ ئۈستىگە شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلارنىڭ زېمىنى. تۈركىيە نەدە قان تۆكۈلسە ئۇ ھەقتە بايانات بېرىپ، ئېزىلگەن خەلقنى قوللاپ قۇۋۋەتلەۋاتىدۇ. ئوتتۇرا شەرقتىكى ئېزىلگەن ئەرەبلەرنى قوللاۋاتىمىز. شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلار تۈركىيەدىن ئۈمىد كۈتۈۋاتىدۇ، شۇڭا ئۇلارنى ئۈمىدسىزلەندۈرمەسلىك ئۈچۈن تۈركىيە ھۆكۈمىتى قەشقەر ۋەقەسى ھەققىدە پوزىتسىيە بىلدۈرۈشى كېرەك.»
پروگرامما رىياسەتچىسى سەلچۇق تەپەلى ئەپەندىنىڭ 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە تۈركىيە بىلەن ئىراندىن باشقا ھېچقانداق مۇسۇلمان دۆلىتى ھەتتا ئورتا ئاسىيا تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرىمۇ خىتاينى ئەيىبلىمىدى بۇنىڭغا قانداق قارايسىز؟ دېگەن سوئالىغا ئەسادۇللاھ ئوغۇز ئەپەندى مۇنداق جاۋاب بەردى:
«تۈركىيەنىڭ ئىشىمۇ تەس، تۈركىيە بىر تەرەپتىن قېرىنداشلىرىغا ئىگە چىقىشنى خالىسا يەنە بىر تەرەپتىن خىتاي بىلەن بولغان ئىقتىسادىي مۇناسىۋىتىگە زىيان يەتكۈزمەستىن بۇ ئىشلارنى قىلىشنى خالايدۇ. ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن بۈگۈنگىچە بولغان ئىككى يىل ئىچىدە خىتاينىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىدە ھېچ قانداق ئۆزگىرىش بولمىدى. ئەمما تۈركىيە خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تىرىشىۋاتىدۇ، بۇ ئۇيغۇرلارنى ئۈمىدسىزلەندۈرۈۋاتىدۇ. ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ كۆپى خىتاي بىلەن چېگرىداش، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئەزاسى، خىتاي بىلەن تىجارەتلىرى بار شۇڭا ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقالمايۋاتىدۇ.»
تۈركىيە خەۋەر تۈرك تېلېۋىزىيىسىدە تارقىتىلىۋاتقان ئەكسەن پروگراممىنىڭ رىياسەتچىسى تەپەلى ئەپەندى ئەسادۇللاھ ئوغۇز ئەپەندىگە ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئوتتۇرىسىدىكى مەسىلە زادى نېمە مەسىلە؟ دەپ سورىدى.
«شەرقىي تۈركىستان 1949-يىلى خىتايلارنىڭ قولىغا ئۆتتى. ئۇنىڭدىن بۇرۇن ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىل دۆلەتلىرى بار ئىدى. ئىشغالدىن كېيىن خىتايلار سىستېمىلىق ھالدا ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشقا باشلىدى، خىتاي نوپۇسى كۆپەيدى. 1949-يىلى شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي نوپۇسى 3% ئىكەن، بۈگۈن 50%ge چىقتى. دۆلەت كۆچمەن خىتايلارغا ياخشى ئىش بېرىۋاتىدۇ، ئۇيغۇر قازاقلارغا خىزمەت يوق، يەرلىك خەلقلەر ئۆز تۇپرىقىدا كەمبەغەل بېسىم ئاستىدا ياشاشقا مەجبۇر قېلىۋاتىدۇ. بۇنىڭغا ئۇيغۇرلار نارازى. شۇڭا خىتاي دۆلىتى ئەگەر ھازىرقى سىياسىتىنى ئۆزگەرتمىسە قەشقەردىكىدەك ۋەقەلەر چىقىشقا داۋام قىلىدۇ.»
8-ئاينىڭ 3-كۈنى خابەر تۈرك تېلېۋىزىيىسىدە تۈركىيە سائىتى چۈشتە تارقىتىلىشقا باشلانغان 45 مىنۇت داۋاملاشقان ئەكسەن پروگممىسىدا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە يەر بېرىلدى. ئەتىكى پروگراممىدا سۈرىيەدىكى ۋەقەلەر ئاڭلىتىلىدىكەن.