2011.08.02

مەلۇماتلاردىن قارىغاندا بىر قىسىم خىتاي پۇقرالىرى قورقۇنچ ئىچىدە ئويدىن سىرتقا چىقالمايۋاتقان بولسا، يەنە بەزىلىرى «قوغدىنىش» نامى ئاستىدا كالتەك-چوماقلار بىلەن كوچىلارنى ئايلانماقتا. خىتاي دائىرىلىرى بۇرۇن ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە قوللىرىدا كالتەك-چوماق كۆتۈرگەن خىتاي پۇقرالىرىنى «ئۆزىنى قوغدىغۇچىلار» دەپ چاپان ياپقان. ئەمما، قولىدا ھېچقانداق قاتىللىق قورالى بولمىغان نامايىشچى ۋە قارشىلاشقۇچىلارنى «دۆلەتنىڭ دۈشمىنى» دەپ قاراپ نەق مەيداندا ئېتىپ تاشلىغان.
ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن ئىليار شەمشىدىن ئەپەندى ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىنى بايان قىلدى. بۇ تېمىدا پىكىر بايان قىلغان ئېلشات ھەسەن ئەپەندىمۇ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ۋەقەدە ھەدىدىن ئارتۇق كۈچ قوللانغانلىق مەسىلىسى تەكىتلىدى.
تۈنۈگۈن رادىئويىمىزدا بايانات بەرگەن رابىيە قادىر خانىممۇ، خىتاينىڭ خوتەن ۋە قەشقەردىكى ۋەقەلەردە ھەددىدىن ئارتۇق كۈچ قوللانغانلىقىنى ئەيىبلىگەن. بۇ نۇقتىدا نورۋېگىيىنىڭ زور بىر تېررورلۇق ۋەقەسىگە قانداق پوزىتسىيە تۇتقانلىقىنى مىسال قىلىپ كۆرسەتكەن ئىدى.