2011.07.29


كېيىن تۈركىيە بۈيۈك بىرلىك پارتىيىسى رەئىسى مۇستافا دەستىچى ئەپەندى سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى:
-بۈيۈك بىرلىك پارتىيىسىنىڭ پەلسەپىسى شۇ، پارتىيىمىز پەقەتلا تۈركىيە خەلقنىڭ پارتىيىسى ئەمەس. مەن ئۆتكەن ھەپتە ئۈچ سىياسىي پارتىيىنىڭ رەئىسى بىلەن ئۇچراشتىم. ئۇلاردىن باشقا تۈرك دۇنياسىغا مەسئۇل دۆلەت مىنىستىرى بېكىر بوزداغ ئەپەندى بىلەنمۇ ئىككى كۈن بۇرۇن كۆرۈشتۈم، پىكىر ئالماشتۇردۇم. پۈتۈن دۇنيا دۆلەتلىرى شۇنى بىلىدۇ، غاززەدىكى پەلەستىنلىكلەر، شەرقىي تۈركىستانلىقلار، چېچەنلەر، ئەزەربەيجانلىقلار، قىرىم تاتارلىرى، كوسوۋو ۋە ماكېدونىيىدىكى تۈركلەرمۇ قىسقىسى دۇنيادىكى ئېزىلگەن مىللەتلەرنىڭ ھەممىسى تۈركىيىنىڭ قولىغا قارايدۇ، تۈركىيىدىن ئۈمىد كۈتىدۇ. پارتىيىمىزنىڭ مەرھۇم رەئىسى مۇھسىن يازىجىئوغلۇ ئەپەندى پارتىيىمىزنى تۈرك دۇنياسى ئۈچۈن، ئېزىلگەن مىللەتلەر ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ دەپ قۇرغان. شۇڭا بىز بۇرۇندىن تارتىپ تۈرك دۇنياسىنىڭ مەسىلىلىرىگە، بولۇپمۇ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتىمىز، ئۇيغۇرلارنىڭ دەردىنى تۈرك جامائەتچىلىكىگە، خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئاڭلىتىۋاتىمىز. بىر يىل ئىچىدە خىتاينىڭ ئەنقەرە ئەلچىسى 3 قېتىم پارتىيىمىزنى زىيارەت قىلدى. بىز خىتاي ئەلچى ۋەكىلى شياۋغا بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتىنى پاكىتلار بىلەن ئاڭلاتتۇق. شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزغا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنى توختىتىشىنى تەلەپ قىلدۇق.
بۈيۈك بىرلىك پارتىيىسى رەئىسى مۇستافا دەستىچى ئەپەندى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بېرى تارتىۋاتقان دەرد-ئەلەملىرىنى ياخشى بىلىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:
-بىزنىڭ شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا كۆڭۈل بۆلۈشىمىزدىكى مەقسەت، ئۇ يەردە قالايمىقانچىلىق چىقىرىش ياكى ئۇ يەردىكى مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش پەيدا قىلىش ئەمەس. بىز ئۇلارنىڭ بەخت-سائادەت ئىچىدە بىخەتەر ياشىشىنى ئارزۇ قىلىمىز. ئەمما بىز شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بېرى قانچىلىك قېيىن ۋەزىيەتتە تۇرمۇش كۆچۈرۈۋاتقانلىقىنى ياخشى بىلىمىز. بۇ زۇلۇمنىڭ بالدۇرراق تۈگىشىنى ئارزۇ قىلىمىز. خىتاي ئەلچىسى مېنى شەرقىي تۈركىستانغا تەكلىپ قىلىۋاتىدۇ. پارتىيە مەركىزىي رەھبەرلىك كومىتېتى بۇ ھەقتە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىپ قارار قىلىمىز.
بۈيۈك بىرلىك پارتىيىسى تۈركىيىدىكى ئوڭچى مىللەتچى پارتىيىلەردىن بىرى بولۇپ، بۇ پارتىيىنىڭ قۇرغۇچىسى مۇھسىن يازىجىئوغلۇ ئايروپىلان ۋەقەسىدە قازا تاپقاندىن كېيىن، پارتىيە رەئىسلىكىگە يالچىن توپچۇ ئەپەندى سايلانغان ئىدى. بۇ يىل 7-ئاينىڭ 2-كۈنى چاقىرىلغان پارتىيە قۇرۇلتىيىدا پارتىيىنىڭ سابىق باش كاتىپى مۇستافا دەستىچى ئەپەندى پارتىيە رەئىسلىكىگە سايلاندى.
بۈيۈك بىرلىك پارتىيىسىنىڭ رەئىسى مۇستافا دەستىچى ئەپەندى بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈركنىڭ ئۇچرىشىشى بىر سائەت ئەتراپىدا داۋاملاشتى. ئۇچرىشىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن مىكروفونىمىزنى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندىگە ئۇزاتتۇق.