2011.07.29
«ئەركىنلىك لوڭقىسى» پۇتبول مۇسابىقىسى باشلاندى
ئۇيغۇر تارىخىدىكى تۇنجى قېتىملىق «ئەركىنلىك لوڭقىسى» نى تالىشىش مۇسابىقىسى 27-ئىيۇل گوللاندىيىنىڭ دەنھاخ شەھىرىدە غەلىبىلىك باشلاندى.
ياۋروپا تۇپراقلىرىدا ياشاۋاتقان مىڭغا يېقىن ئۇيغۇر ئۆز-ئارا قۇچاقلاشتى. ھەرقايسى كوماندىلار ئالقىش سادالىرى ئىچىدە ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقنى كۆتۈرۈپ ھاياجان ئىلىكىدە مەيدانغا كىرىپ كەلدى. ئىستىقلال مارشى ئوقۇلدى ۋە ۋەتەن ئىچى-سىرتىدىكى شېھىتلەرنىڭ روھىغا سۈكۈت بىلەن ھۆرمەت بىلدۈرۈلدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەھبەرلىرىدىن سەمەت ئابلا ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋى ئانىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ سالىمىنى يەتكۈزدى. ئامېرىكىدا تۇرۇپ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان رابىيە قادىر خانىم «پۇتبولچى باللىرىمنىڭ ئۇرغان ھەر بىر توپى خىتايغا بىر زەربە، ئۇيغۇر خەلقىمگە بىر ئىلھام!» دېدى.
يېشىل مەيداندىكى ئۈمىدلىك سادا «ئۆزىمىزنىڭ مۇستەقىل كەسپىي پۇتبول كوماندىسىنى قۇرساق»
دەنھاختا ئۆتكۈزۈۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك «ئەركىنلىك لوڭقىسى» نى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسى بۈگۈن 3-كۈنىگە كۈنىگە قەدەم قويدى.
مۇسابىقە پىلان بويىچە ئىنتايىن رەتلىك، قىزىقارلىق ۋە يۇقىرى كەيپىياتتا داۋاملاشماقتا. بىز بۇ ئارىدا مۇسابىقە مەيدانىدىكى ئەزىمەتلەر، مەشقاۋۇل ۋە ھەۋەسكارلارنى تېلېفون ئارقىلىق زىيارەت قىلدۇق. ئۇلار بىردەك «بىزنىڭمۇ ئۇيغۇر توپچىلاردىن تەشكىللەنگەن بىر كەسپى كوماندىمىز قۇرۇلغان بولسا…» دېگەن ئارزۇسىنى بايان قىلىشتى.
1-كۈنى گوللاندىيە بىلەن نورۋېگىيە، شۋېتسىيە بىلەن بېلگىيە ۋە ئامېرىكا بىلەن گېرمانىيە كوماندىلىرى تۇتۇشتى. گوللاندىيە ئۇيغۇر ياشلار پارتىيىسى كوماندىسى 1 گە قارشى 2 نەتىجە بىلەن نورۋېگىيە ئۇيغۇر كوماندىسىنى ئۇتقان. شۋېتسىيە ئۇيغۇر كوماندىسى 1 گە قارشى 4 نەتىجە بىلەن بېلگىيە ئۇيغۇر كوماندىسىنى، گېرمانىيە ئۇيغۇر كوماندىسى 0 قارشى 1 نەتىجە بىلەن ئامېرىكا ئۇيغۇر كوماندىسىنى يەڭگەن ئىدى.
ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك «ئەركىنلىك لوڭقىسى» نى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ئىككىنچى كۈنى
ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك «ئەركىنلىك لوڭقىسى» نى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ئىككىنچى كۈنى گوللاندىيە بىلەن گېرمانىيە، ئامېرىكا بىلەن نورۋېگىيە، فرانسىيە بىلەن بېلگىيە كوماندىلىرى تۇتۇشتى. گوللاندىيە كوماندىسى 2 گە قارشى 4 نەتىجە بىلەن گېرمانىيە كوماندىسىنى يەڭدى. ئامېرىكا بىلەن نورۋېگىيە 1=1 تەڭلىشىپ قالدى. فرانسىيە بىلەن بېلگىيىمۇ 1=1 نەتىجە بىلەن تەڭلىشىپ ئاخىرلاشتى.
3-كۈنى گوللاندىيە بىلەن ئامېرىكا، گېرمانىيە بىلەن نورۋېگىيە، شۋېتسىيە بىلەن فرانسىيە ئۇيغۇر كوماندىلىرى مۇسابىقىلىشىدۇ.
مەزكۇر مۇسابىقە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارغا ئىپتىخارلىق، ئۈمىد ۋە ئىشەنچ تۇيغۇلىرىنى ئاتا قىلدى.
گوللاندىيىدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش
ھەرقايسى دۆلەتلەردىن «ئەركىنلىك لوڭقىسى» نى تالىشىش مۇسابىقىسىگە كەلگەن ئۇيغۇرلار 28-ئىيۇل گوللاندىيىدە تۇرۇشلۇق خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش قىلىپ خىتاينىڭ «18-ئىيۇل خوتەن ۋەقەسى» دىكى زوراۋانلىقى ۋە ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتىگە قارشىلىق بىلدۈردى.
نامايىشچىلار باشتىن ئاخىرى شوئار توۋلاپ ئۆزىنىڭ خىتاي دىكتاتورىلىقى ۋە تاجاۋۇزچىلىقىغا بولغان نارازىلىقىنى ئىپادىلىدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ياشلار كومىتېتىنىڭ باشلىقى غەيۇر ئەپەندى ۋە گوللاندىيىدىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ يېتەكچىسى سادىقجان سەلەي ئەپەندىلەر نامايىش ۋە پائالىيەت ھەققىدىكى پىكىر قاراشلىرىنى بايان قىلدى.
18-ئىيۇل خوتەن قىرغىنچىلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرۈش يۈزىسىدىن گېرمانىيىدە نامايىش ئۆتكۈزۈلدى
26-ئىيۇل گېرمانىيىدىكى ئۇيغۇرلار 18-ئىيۇل يۈز بەرگەن خوتەندىكى قانلىق قىرغىنچىلىققا نارازىلىق بىلدۈرۈش يۈزىسىدىن ميۇنخېندا يەنە بىر قېتىم نامايىش ئۆتكۈزدى.
نامايىشنى د ئۇ ق، ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتى، خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتى ۋە تىبەت تەشكىلاتى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان.
بۇ خىلدىكى نامايىشلار يەنە 7-ئاينىڭ 24-كۈنى تۈركىيىنىڭ 3-چوڭ شەھىرى ئىزمىردا، 7-ئاينىڭ 27-كۈنى ئەزەربەيجاننىڭ پايتەختى باكۇدا ئۆتكۈزۈلگەن. ئىزىمىزدىكى بۇ نامايىشنى «كۆك بۆرىلەر» ياشلار تەشكىلاتى ئۇيۇشتۇرغان.
باكۇدىكى نامايىش خىتاينىڭ باكۇدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ نامايىشقا ئەزەربەيجاندىكى بىر نەچچە پارتىيە تەشكىلات ئەزالىرى قاتناشقان.
كۈرەش ئۆلمەيدۇ!
25-ئىيۇل مەرھۇم كۈرەش كۈسەن تۇغۇلغانلىقنىڭ 52-يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن شۋېتسىيىدە ياشاۋاتقان بىر قىسىم ياشلار ئۆزلۈكىدىن تەشكىللىنىپ، شۋېتسىيە ئۇيغۇر كومىتېتى مەسئۇللىرىنىڭ ھەمراھلىقىدا مەرھۇمنىڭ قەبرىسىنى يوقلىدى.
قەبرە يوقلاش جەريانىدا مەرھۇمنىڭ روھىغا ئاتاپ قۇرئان قىرائەت قىلىندى ۋە مەرھۇمنىڭ ھاياتى تونۇشتۇرۇلدى.
مەرھۇم كۈرەش كۈسەن ئەپەندىنى قازاقىستاندىكى ۋاقىتلىرىدىن تارتىپ تونۇيدىغان ۋە پائالىيەتلىرىگە ئىشتىراك قىلغان، ھازىر شۋېتسىيىدە ياشاۋاتقان يۈسۈپ ئەپەندى مەرھۇمنى ئەسلەپ ئۆتتى.
ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى خىتاينىڭ خوتەندىكى باستۇرۇش ھەرىكىتىنى ئەيىبلىدى
ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى 25-ئىيۇل بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ خوتەن ۋەقەسىدىكى باستۇرۇش ھەرىكىتىنى ئەيىبلىدى.
باياناتتا مۇنداق دېيىلدى «شەرقى تۈركىستاننىڭ خوتەن شەھىرىدە 18 -ئىيۇلدىكى قانلىق ۋەقەدە 20 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتىدۇ، ئەمما خىتاي تەرەپ ۋەقە ھەققىدىكى ئۇچۇرلارغا چەكلىمە قويۇپ، ۋەقەنى ئۆز مۇددىئاسى بويىچە تونۇشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ.»
باياناتتا خوتەندىكى ۋەقە ئۈستىدە مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلىشى كېرەكلىكى تەكىتلەندى. رابىيە قادىر خانىم خوتەن ۋەقەسىدە قولغا ئېلىنغانلارنىڭ تەقدىرىدىن ئەندىشە قىلماقتا.
مەلۇم بولۇشىچە، خوتەندىكى ۋەقە شەھەردىكى خىتايلارنىڭ تىجارىتىگە ئېغىر تەسىر كۆرسەتكەن.
پاكىستاننىڭ راۋالپىندى شەھىرىدىكى بىر تىجارەتچىلەر ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسلىكىگە يەنە ئۇيغۇر سايلاندى
مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ ئىشچانلىقى، ئىنتىزامچانلىقى ۋە دۇرۇسلۇقى بىلەن ئۆز دۆلەتلىرىدىكى يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ قىزغىن قۇچاق ئېچىشىغا ۋە ئىززەت-ھۆرمىتىگە ئېرىشىپ كەلمەكتە.
ئۆتكەن ھەپتە پاكىستاننىڭ راۋالپىندى شەھىرىدىكى بىر چوڭ بازاردا ئۆتكۈزۈلگەن تىجارەتچىلەر ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىس سايلىمىدا غەنىجان روزى ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر رەئىسلىككە سايلانغان.
غەنىجان روزى، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بورتالا شەھىرىدىن، ئۇ 1982-يىلى 12 ياش ۋاقتىدا، ئاتا-ئانىسى بىلەن بىرلىكتە پاكىستانغا كۆچمەن بولۇپ كېلىپ يەرلەشكەن. ئۇ بۇ جەرياندا راۋالپىندىدىكى تىجارەتچىلەر ئارىسىدا ھۆرمەتكە ئېرىشكەن.
بىر ئاي داۋام قىلغان سايلام پائالىيىتى توغرىسىدا ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپىنىڭ مەسئۇلى ئەكبەرجان بىلىدىغانلىرىنى بايان قىلدى ۋە غەنىجان روزىنى تەبرىكلىدى.