دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم خوتەندىكى ساقچىخانىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدە يارىلىنىپ، قولغا چۈشكەنلەرنىڭ ئاقىۋىتىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
مۇخبىرىمىز ئىرادە
2011.07.26
ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرىغا بەرگەن باياناتىدا، 18-ئىيۇل خوتەن ۋەقەسىدىن يارىلانغان ھالدا قولغا چۈشكەن 70 كە يېقىن ئۇيغۇرنىڭ ھەربىي تۈرمە دوختۇرخانىسىغا ئېلىپ كېتىلگەنلىكىنى ئېيتقان. ئۇ مۇنداق دېگەن:

-خىتاي دائىرىلىرى ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى يىغىپ، ھەربىي تۈرمە دوختۇرخانىسىغا ئەپكەتكەن. بۇ يەردە شۇنىسى ئېنىقكى، ھەربىي تۈرمە دوختۇرخانىسىغا ئېلىپ كېتىلگەن ھېچقانداق بىر ئۇيغۇرنىڭ ساق قايتىپ چىققىنى يوق.

رابىيە قادىر خانىم خىتايدىكى بۇ خىل ھەربىي تۈرمە دوختۇرخانىلىرىدا جىنايەتچىلەرنىڭ سەۋەبسىزلا ئۆلۈپ قېلىش ۋەقەلىرىنىڭ خىتايدىكى ئىچكى ئورگان ئەتكەسچىلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتقان.

خوتەن ناۋاغ ساقچىخانىسىدا يۈز بەرگەن ۋەقەدە، خىتاي دائىرىلىرى 18 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى. ئەمما رابىيە قادىر خانىم خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ سانىنىڭ تېخىمۇ كۆپ بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ھەر قېتىملىق ۋەقەدە غەربنىڭ تومۇرىنى تۇتىدىغانلىقىنى، ئەگەر ئۇلاردىن كۈچلۈك ئىنكاس كەلمىگەن تەقدىردە، تېخىمۇ ھەددىدىن ئېشىپ كېتىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ۋە دېموكراتىك دۆلەتلەرنى ۋەقەگە دىققەت قىلىشقا چاقىرغان.