مۇخبىرىمىز جۈمە
2011.07.22

خوتەندىكى بىر ساقچىخانا ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

18-ئىيۇل دۈشەنبە كۈنى چۈشتە بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلار خوتەن شەھىرىدىكى ناۋاغ ساقچىخانىسىغا ھۇجۇم قىلىپ، 4 خىتاي ساقچىسىنى ئۆلتۈرگەن.

كېيىن خەلقئارا ئاخباراتلاردا ھۇجۇمغا قاتناشقانلاردىن 14 ئادەمنىڭ خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرگەنلىكى خەۋەر قىلىنغان. بۈگۈنكى خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ھۇجۇمچىلار ساقچىخانا ئۆگزىسىگە ئېسىقلىق خىتاي بايرىقىنى ئېلىپ تاشلاپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ كۆك بايرىقىنى ئېسىشقا مۇۋەپپەق بولغان.

ۋەقە بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 12 دىن 10 مىنۇت ئۆتكەندە باشلىنىپ، 1 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە ئاخىرلاشقان. خىتاي دائىرىلىرى مەزكۇر ھۇجۇمنى «پىلانلىق، تەشكىللىك ئېلىپ بېرىلغان تېررورلۇق ھەرىكىتى» دەپ كۆرسەتكەن، ئەمما، ۋەقەنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبى ھەققىدە ھېچنېمە دېمىگەن.

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم ۋەقە ھەققىدە بايانات بېرىپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ خوتەندە قانلىق قىرغىنچىلىق بىلەن دۆلەت تېررورلۇقى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

پاكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپىنىڭ ئەرزىگە ئاساسەن سوتقا چاقىرىلدى

پاكىستان ئالىي سوتى بۈگۈن پاكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنى سوتقا چاقىرىپ، ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپى سۇنغان ئەرزدىن خەۋەرلەندۈردى ۋە مىنىستىرلىقتىن ئەرزدىكى شىكايەتكە جاۋاب بېرىشنى تەلەپ قىلدى.

ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپى ئالدىنقى ھەپتە سۇنغان ئەرزىدە ئۆزلىرىنىڭ تۈركىيىدە ئېچىلغان «شەرقى تۈركىستانلىقلار ئۇچرىشىشى» نامىدىكى يىغىنغا كېتىۋاتقىنىدا ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بۇيرۇقىغا ئاساسەن چېگرادىن ئۆتكۈزۈلمىگەنلىكى ۋە بۇ سەۋەبلىك كىشىلىك ۋە ۋەتەنداشلىق ھوقۇقىنىڭ دەخلى-تەرۇزغا ئۇچرىغانلىقى ھەققىدە شىكايەت قىلغان ئىدى.

خوتەندىكى خىتاي ئاممىسى ساراسىمىگە چۈشۈپ قالغان

«ئالما» كۈندىلىك گېزىتىنىڭ 19-ئىيۇلدىكى خەۋىرىدە بايان قىلىشىچە، 7-ئاينىڭ 18-كۈنى خوتەندىكى ساقچىخانىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدىن كېيىن خوتەندىكى خىتاي ئاممىسى ساراسىمىگە چۈشۈپ قالغان.

مەزكۇر گېزىتنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان خوتەندىكى خىتاي پۇقرالىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆچ ئېلىشىدىن قورقۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. بىر نەپەر خىتاي پۇقراسى مۇنداق دېگەن: «بۇ يەردە خەنزۇ پۇقرالىرى دائىم تاياق يەيدىغان ۋە ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كېتىدىغان ئىشلار بولۇپ تۇرۇۋاتىدۇ. ئالدىنقى ئايدا ئۈچ نەپەر خەنزۇ قىزى ئۆلتۈرۈلدى. ھازىرغىچە بۇ دېلو پاش قىلىنمىدى.»

خوتەندىكى ئوقۇتقۇچىلار يازلىق تەتىلگە قويۇپ بېرىلمىدى

بۇ يىل رامزان ۋاقتى يازلىق تەتىلگە توغرا كەلگەچكە، بۇ مەزگىلدە ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ دىنىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن خوتەندە ئوقۇتقۇچىلار تەتىلگە قويۇپ بېرىلمىگەن.

ئوقۇتقۇچىلار تەربىيىلەشكە ئورۇنلاشتۇرۇلغاندىن باشقا يەنە ئوقۇغۇچىلارنىمۇ تەتىلدە قەرەللىك مەكتەپكە بېرىپ يوقلىمىدىن ئۆتۈشكە ئورۇنلاشتۇرغان ئىكەن.

بۇ نۆۋەتلىك تەربىيىلەش خوتەن ۋىلايەتلىك پېداگوگىكا تېخنىكومىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ۋىلايەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن يىغىلغان ئوتتۇرا-باشلانغۇچ ئوقۇتقۇچىلىرى تەتىلگە چىقماي بۇ مەكتەپتە قايتا تەربىيىلەشكە قاتناشماقتا ئىكەن.

بىر قىسىم دۆلەتلەردە نامايىشلار ئۆتكۈزۈلۈپ خىتاينىڭ 18-ئىيۇل خوتەن ۋەقەسىدىكى زوراۋانلىقى ئەيىبلەندى

تۈركىيە، شۋېتسىيە ۋە ئاۋسترالىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە ھەرخىل نامايىشلار ئۆتكۈزۈلۈپ خىتاينىڭ 18-ئىيۇل خوتەن ۋەقەسىدىكى زوراۋانلىقى ئەيىبلەندى.

20-ئىيۇل ئىستانبۇلدا ئېلىپ بېرىلغان نامايىشتا بىر قىسىم ئۇيغۇر نامايىشچىلار خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىكى ساقچى توسۇقلىرىنى بۇزۇپ ئۆتۈپ خىتاي كونسۇلخانىسىغا ھۇجۇم قىلدى.

بۇ خىلدىكى نامايىشلار يەنە 21-ئىيۇل ئەنقەرەدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدىمۇ ئۇيۇشتۇرۇلدى.

بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغان شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئەنقەرە شۆبىسى باشلىقى خەيرۇللاھ ئەفەندىگىل ئەپەندى مۇخبىرلارغا بايانات بەرگەندىن كېيىن خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ دەرۋازىسىغا قارا گۈلچەمبىرەك قويدى.

21-ئىيۇل شۋېتسىيىدىكى ئۇيغۇرلار شۋېتسىيە مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن شۋېتسىيە پارلامېنتى ئالدىدا نامايىش قىلىپ، شۋېتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينىڭ زوراۋانلىقىغا قارىتا ئىنكاس قايتۇرۇشىنى تەلەپ قىلدى.

ئاۋسترالىيىنىڭ ئادېلەيد شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلار 22-ئىيۇل كەچتە شەرقى تۈركىستان ئاۋسترالىيە جەمئىيىتىنىڭ مەركىزىگە يىغىلىپ خوتەن شەھىرىدە 18-ئىيۇل يۈز بەرگەن ۋەقەدە ئۆلگەنلەرنىڭ روھىيغا ئاتاپ دۇئا-تىلاۋەت قىلدى.

پۇتبول مۇسابىقىسى تەييارلىقلىرى پۈتتى

ئۇيغۇرلار تارىخىدىكى تۇنجى نۆۋەتلىك دۇنياۋى پۇتبول مۇسابىقىسى مۇشۇ ئاينىڭ 27-كۈنى گوللاندىيىنىڭ روتتېردام شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ. پائالىيەت مەسئۇللىرىدىن بىرى فارۇق ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ بارلىق تەييارلىقلىرى پۈتكەن.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ پائالىيەتنىڭ مەقسىتى ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى ئىتتىپاقلىق ۋە بىرلىكنى قولغا كەلتۈرۈش بولۇپ، پائالىيەتكە د ئۇ ق نىڭ رەھبەرلىرىدىن رابىيە قادىر خانىم ۋە سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندىلەرمۇ قاتنىشىدىكەن.