2011.07.15
پاكىستاندىكى ئۇيغۇر ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىدىن ئۆمەر ۋەخپىنىڭ مەسئۇللىرى ئۆمەرجان ۋە ئەكبەرجان ئاكا-ئۇكىلار پاكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئۇچۇشى چەكلەنگەن كىشىلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزۈپ، يېقىندا ئايروپىلاندىن چۈشۈرۈۋېتىلگەن ئىدى.
پاكىستان دائىرىلىرى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن ئۇلارنى تىزىملىككە كىرگۈزگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ھەم خىتاي ئەلچىخانىسىدىن خەت ئېلىپ كەلسە، تىزىملىكتىن ئۆچۈرۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۆمەرجان، ئەكبەرجەن ئۇكا-ئۇكىلار بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنغان ئىدى.
سوت مەھكىمىسى جۈمە كۈنى ئۇلارنىڭ ئەرزىنى ئاڭلىغان ۋە پاكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى دائىرىلىرىنى دۈشەنبە كۈنى سوت مەھكىمىسىگە كېلىپ چۈشەنچە بېرىشكە بۇيرۇغان.
راۋالپىندىدىكى ئۇيغۇرلارغا ئېچىلغان تېلېفون يىغىنى دەل سوت ئېچىلغان كۈنى چاقىرىلغان ئىدى. رابىيە خانىم يىغىلىش، ئۆزىنى ئىپادىلەش، ساياھەت قىلىش، تەشكىلات قۇرۇش ھوقۇقىنىڭ خەلقئارا جەمئىيەت بىردەك ئېتىراپ قىلغان ئۇنىۋېرسال ھەق-ھوقۇق ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ پاكىستان قانۇنلىرىدىمۇ ئېتىراپ قىلىنغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، خىتاينىڭ بۇ ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلغانلىقىنى ۋە پاكىستان دائىرىلىرىنىڭ بۇنىڭغا يېشىل چىراغ يېقىپ بەرگەنلىكىنى تەنقىدلىگەن.
ئۇلارنىڭ، پاكىستان قانۇنلىرىدىن پايدىلىنىپ ۋەتەنداشلىق ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشنى تەلەپ قىلىش ۋە بۇ يولدا زۆرۈر قانۇنى دەۋا-دەستۇرلاردا بولۇش ھوقۇقى بارلىقىنى بىلدۈرگەن.