مۇخبىرىمىز جۈمە
2011.07.08

بۇ يىل «5-ئىيۇل ۋەقەسى» گې ئىككى يىل بولدى

«5-ئىيۇل ۋەقەسى» نىڭ ئىككى يىللىقى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ھەرخىل شەكىلدە خاتىرىلەندى. 2009-يىلى 5-ئىيۇل مىڭلىغان ئۇيغۇر ياشلىرى «26-ئىيۇن شاۋگۇەن ۋەقەسى» گە ئادالەت تەلەپ قىلىپ، ئۈرۈمچىدە نامايىش قىلغان.

تىنچ يوسۇندا نامايىش قىلىۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرى خىتاي ساقچىلىرىنىڭ زوراۋانلىقىغا ئۇچرىغاندىن كېيىن، نامايىشنىڭ خاراكتېرى ئۆزگەرگەن ۋە قانلىق توقۇنۇشقا ئايلانغان ئىدى.

ۋەقەدىن كېيىن ئاشكارىلانغان مەلۇماتلارغا قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى دۆڭكۆۋرۈك ئەتراپىدا توكنى پۈتۈنلەي كېسىۋېتىپ، نامايىشچىلارنى ئوققا تۇتقان ۋە نۇرغۇن ئۇيغۇرنى تۇتقۇن قىلغان. شۇ كۈنى قانچىلىك ئۇيغۇرنىڭ ئۆلگەن ۋە تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ھازىرغىچە مەلۇم ئەمەس.

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار، «5-ئىيۇل ۋەقەسى» نى «ئۇيغۇرلارنىڭ زوراۋانلاردىن قورقمايدىغانلىقى ئىسپاتلانغان كۈن» دەپ ئىپتىخار بىلەن خاتىرىلىسە، بۇ كۈننى يەنە ئۆلگەن، تۇتۇلغان ئۇيغۇرلار سانىنىڭ كۆپلۈكى، تۈرمىلەردىكى ئۇيغۇرلار يولۇققان قىيىن-قىستاقلارنىڭ ئېغىرلىقى سەۋەبلىك، ئۇيغۇر تارىخىدىكى ئەڭ پاجىئەلىك كۈنلەرنىڭ بىرى سۈپىتىدە ئېچىنىش بىلەن ئەسلىمەكتە.

«5-ئىيۇل ۋەقەسى» نىڭ ئىككى يىللىقى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا خاتىرىلەندى

«5-ئىيۇل ۋەقەسى» نىڭ ئىككى يىللىقىغا ئاتالغان نامايىشلار ئامېرىكا، كانادا، گېرمانىيىدە، گوللاندىيە، نورۋېگىيە، شۋېتسىيە، ئەنگلىيە، فرانسىيە، ئاۋسترالىيە ۋە تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا ئېلىپ بېرىلدى.

ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشقا ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم ئۆزى يېتەكچىلىك قىلدى.

رابىيە خانىم، دۇنيا جامائەتچىلىكىنى، «5-ئىيۇل ۋەقەسى» نى ئۇنتۇپ قالماسلىققا، 5-ئىيۇلدا تۇتۇلغانلارنىڭ تۈرمىلەردە تارتىۋاتقان ئازابلىرى ۋە 5-ئىيۇلدا ئۆلگەن ۋە تۇتۇلغانلارنىڭ يىغا-زارىغا قۇلاق سېلىشقا چاقىردى.

رابىيە خانىم يەنە، 5-ئىيۇل نامايىشچىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئۆگىنىش ئۈلگىسى ئىكەنلىكىنى، يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى.

قىرغىزىستاندا ئۇيغۇرلار 5‏-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنى خاتىرىلىدى

2009-يىلىدىكى «5-ئىيۇل ۋەقەسى» نىڭ ئىككى يىللىقى قىرغىزىستان ۋە قازاقىستان قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىدىمۇ خاتىرىلەندى.

قىرغىزىستاندىكى پائالىيەتكە بېشكەك، توقماق ۋە قاراپالتا شەھەرلىرىدە ئولتۇرۇشلۇق 300 گە يېقىن ئۇيغۇر قاتناشتى. پائالىيەتنى قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى ئىتتىپاق جەمئىيىتى ئۇيۇشتۇرغان.

7-ئىيۇل ئالمۇتادا ئۆتكۈزۈلگەن خاتىرىلەش پائالىيىتىگە ئىككى يۈزگە يېقىن ئادەم قاتناشتى ۋە 5-ئىيۇلدا قۇربان بولغانلارغا ئاتاپ قۇرئان ئوقۇپ نەزىر بەردى. مۇراسىمغا ئۇيغۇرلاردىن باشقا بىر قىسىم قازاق زىيالىيلىرىمۇ قاتناشقان بولۇپ، ئىقتىساد پەنلىرىنىڭ دوكتورى، پروفېسسور ئابېن نۇرمانوف، «پارتىيە» گېزىتىنىڭ باش مۇھەررىرى خېلىل قارپىقوف ئۇيغۇرلارغا بولغان ھېسداشلىقىنى بىلدۈردى.

گېرمانىيىدىكى ئۇيغۇر ئاياللىرى 7-ئىيۇل ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى نامايىشنى خاتىرىلىدى

7-ئىيۇل، گېرمانىيىدىكى ئۇيغۇر ئاياللىرى گېرمانىيە ئۇيغۇر ئاياللار كومىتېتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ميۇنخېن شەھىرىدە نامايىش قىلىپ، 2009-يىلى 7-ئىيۇل ئۇيغۇر ئاياللىرى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزگەن نامايىشنى خاتىرىلىدى.

2009-يىلى 5 -ئىيۇل ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ نامايىشى قانلىق باستۇرۇلغاندىن كېيىن، خىتاي دائىر مىڭلىغان ئۇيغۇر ئەر-ئوغۇللارنى ئۆيمۇ-ئۆي كىرىپ تۇتقۇن قىلغان.

7-ئىيۇل ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇر ئاياللىرى نامايىش قىلىپ قېرىنداشلىرىنىڭ دەۋاسىنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئاڭلاتقان ۋە قەلبلەرنى لەرزىگە سالغان ئىدى.

گېرمانىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشقا قاتناشقان ئۇيغۇر ئاياللىرى 2009-يىلى 7-ئىيۇل خىتاي تانكىلىرىنىڭ ئالدىغا ئېتىلغان ئۇيغۇر ئانىلىرىنىڭ قەھرىمانلىقلىرىغا ئاپىرىن ئوقۇشتى.

خىتاي دائىرىلىرى رابىيە قادىر سودا سارىيىنى ئالاھىدە ساقچى قىسىملىرى تۇرۇشلۇق گازارمىغا ئايلاندۇرماقچى ئىكەن

خوڭكوڭ ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دائىرىلەر ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئۈرۈمچىدىكى «رابىيە قادىر» سودا سارىيىنى خىتاي ئالاھىدە ساقچى قىسىملىرى تۇرۇشلۇق گازارمىغا ئايلاندۇرماقچى ئىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى رابىيە قادىر 2006-يىلى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسلىك ئورنىغا چىققاندىن باشلاپ، رابىيە قادىر سودا سارىيىنىڭ باشقۇرۇش ھوقۇقىنى ئۇنىڭ ئوغۇللىرىدىن تارتىۋالغان.

2009-يىلى «5-ئىيۇل ۋەقەسى» دىن كېيىن، ھۆكۈمەت دائىرىلىرى مەزكۇر سودا سارىيىدىكى بارلىق ئۇيغۇر تىجارەتچىلەرنى قوغلاپ چىقىرىپ، بىناغا پېچەت سالغان.

خوڭكوڭدا چىقىدىغان «ئەينەك» گېزىتىنىڭ چارشەنبە كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر گېزىتنىڭ مۇخبىرلىرى خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىدىن سودا ساراينى خىتاي ئالاھىدە ساقچى قىسىملىرىنىڭ گازارمىسىغا ئۆزگەرتمەكچى بولۇۋاتقانلىقىنى ئىگىلىگەن.

كانادادىكى «بىر ئەركىن دۇنيا» تەشكىلاتى ئۇيغۇر داۋاسىنى ئاكتىپ قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

5-ئىيۇل كانادادىكى «بىر ئەركىن دۇنيا» تەشكىلاتى «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» نىڭ 2 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن بىر چېركاۋدا يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ، ئۇيغۇرلارنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

يىغىلىش شۇ كۈنى تورونتو ۋاقتى كەچ سائەت 7 دە باشلانغان بولۇپ، يىغىلىشتا ئۇيغۇرلارنىڭ ھال ئەھۋالى تەپسىلىي تونۇشتۇرۇلغان ھۆججەتلىك فىلىم كۆرسىتىلدى.

شۇ كۈندىكى يىغىلىشتا «بىر ئەركىن دۇنيا» تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى مەجېد ئەل شافىئە، يەھۇدىيلار تەشكىلاتىنىڭ ئاقساقاللىرىدىن راباي قاتارلىقلار سۆز قىلدى.

يىغىلىشتا يەنە كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى رۇقىيە تۇردۇش سۆز قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكى، قانداق قىلىپ خىتاي مۇستەملىكىسىدە بولۇپ قالغانلىقى شۇنداقلا ئۇيغۇرلار ھازىر دۇچ كېلىۋاتقان زۇلۇملار ھەققىدە مەلۇمات بەردى.