2011.07.06
2009-يىلى «5-ئىيۇل ۋەقەسى» دىن كېيىن، ھۆكۈمەت دائىرىلىرى مەزكۇر سودا سارىيىدىكى بارلىق ئۇيغۇر تىجارەتچىلەرنى قوغلاپ چىقىرىپ، بىناغا پېچەت سالغان. دائىرىلەرنىڭ بىر مەزگىل بىنانى چېقىپ تاشلاپ، باغچىغا ئۆزگەرمەكچى بولغانلىقىغا دائىر گەپ-سۆزلەر تارقالغان بولسىمۇ، لېكىن بىنا ھازىرغا قەدەر پېچەت سېلىنغان پېتى تۇرۇۋاتقان ئىدى.
خوڭكوڭدا چىقىدىغان «ئەينەك» گېزىتىنىڭ چارشەنبە كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر گېزىتنىڭ مۇخبىرلىرى خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىدىن سودا ساراينى خىتاي ئالاھىدە ساقچى قىسىملىرىنىڭ گازارمىسىغا ئۆزگەرتمەكچى بولۇۋاتقانلىقىنى ئىگىلىگەن.
مەزكۇر خەۋەر دەل چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار «5-ئىيۇل ۋەقەسى» نىڭ ئىككى يىللىقىنى خاتىرىلەپ نامايىش قىلغان، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنىڭدىن ئىككى يىل بۇرۇن ئۇيغۇر نامايىشچىلىرىغا قارشى ئېلىپ بارغان «قىرغىنچىلىقى» غا نارازىلىق بىلدۈرگەن كۈننىڭ ئەتىسى ئېلان قىلىنغان ئىدى.