2011.06.09
مەزكۇر جەمئىيەت پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياننامىسىدە قازاقىستاننىڭ خەلقئارا كېلىشىملەرگە خىلاپلىق قىلغانلىقىنى قاتتىق ئەيىبلەش بىلەن بىرگە، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئەرشىدىن ئىسرائىلنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات بېرىشنى تەلەپ قىلدى.
رافتو كىشىلىك ھوقۇق فوندىنىڭ باش دىرېكتورى تېرىس جېبسىن باياننامىدە «خىتاي ئەرشىدىن ئىسرائىلغا ئىنسانىي مۇئامىلە قىلىشى كېرەك» دەپ ئاگاھلاندۇردى.
تېرىس جېبسىن يەنە، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدە نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنىڭ ياشايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، مەزكۇر ۋەقەنىڭ ئۇلارنى ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرى ئۈستىدە قاتتىق ئەندىشىگە سالغانلىقىنى ئېييتقان. ئۇ مۇنداق دېگەن:
«رافتو فوندى جەمئىيىتى ئۇيغۇرلارنىڭ، بولۇپمۇ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئەزالىرى بولغان خىتاي، رۇسىيە، قازاقىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان ۋە ئۆزبېكىستان قاتارلىق دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىدىن قاتتىق ئەنسىرىمەكتە. ئۇلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن بۆلگۈنچىلىك ۋە تېررورلۇق بىلەن ئەيىبلىنىپ، زىيانكەشلىككە ئۇچراش ئەھۋالى تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ بېرىشى مۇمكىن.»
رافتو جەمئىيىتى يەنە، نورۋېگىيە ھۆكۈمىتىنى مەزكۇر ۋەقە ھەققىدە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرگە ئوچۇق -ئاشكارا نارازىلىق بىلدۈرۈشكە چاقىردى.
رافتو كىشىلىك ھوقۇق فوندى دۇنيا مىقياسىدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىنىڭ ئىزچىل تەقىبچىسى بولغان ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتلىرىنى قوللاپ كەلگەن مۇھىم بىر ئورگان. بۇ ئورگان يىلدا بىر قېتىم كۆزگە كۆرۈنگەن كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرىنى رافتو كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى بىلەن مۇكاپاتلايدۇ. ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم 2004-يىلى رافتو كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.