2011.06.07

كېيىنكى بىر قانچە يىلدىن بۇيان دۇنيا مىقياسى بويىچە كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنىڭ ئىزچىل ھالدا كەينىگە چېكىنىۋاتقانلىقى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنى ئەندىشىگە سېلىۋاتقان بىر مەسىلىگە ئايلىنىپ قالدى. كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى غەرب دېموكراتىك ئەللىرىنىڭ بولۇپمۇ دۇنيادا زور تەسىرگە ئىگە بولغان ئامېرىكىنىڭ ئۆز پرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، كىشىلىك ھوقۇقنى ئۆز تاشقى سىياسىتىنىڭ مۇھىم بىر قىسمى قىلىشىنىڭ بۇ خىل ۋەزىيەتنى ئۆزگەرتىشتە ئىنتايىن زور رول ئوينايدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغان بولۇپ، بۇ ئورگانلار ئامېرىكىنىڭ چوقۇم ئۆز پرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، دىكتاتور ئەللەرگە قارىتىلغان بۇ ھەقتىكى بېسىمىنى ئاشۇرۇشى كېرەكلىكىنى ئىزچىل تەكىتلەپ كەلمەكتە. بولۇپمۇ ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە تىلغا ئېلىنىۋاتقانلىقى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ۋە كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغايدىغان بىر مەسىلىدۇر.
كىشىلىك ھوقۇق ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدە ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئىزچىل ھەل بولماي كېلىۋاتقان تالاش-تارتىشتىكى نازۇك مەسىلىلەرنىڭ بىرى. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى داۋاملىق ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىنىڭ ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ خىتايغا بېسىم ئىشلىتىپ، خىتايدىن كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى ياخشىلاشنى جىددىي تەلەپ قىلىش ھەققىدىكى بېسىمىغا ئۇچراپ كەلگەن ئىدى. ئامېرىكا ئىقتىسادىدا كەينىگە چېكىنىش بولۇۋاتقان بىر مەزگىلدە ۋەزىپىگە ئولتۇرغان ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوبامۇ كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى كۈچلۈك بېسىمىغا دۇچار بولدى. 2009-يىلى نويابىردا پرېزىدېنت بولغاندىن كېيىنكى تۇنجى خىتاي زىيارىتىنىڭ ئالدىدا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ئۇنىڭغا خىتايدىكى تىبەت ۋە ئۇيغۇرلار مەسىلىسى، كىشىلىك ھوقۇقنىڭ دەپسەندە قىلىنىش ئەھۋالى ھەققىدە خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشنى چاقىرىق قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ قېتىملىق زىيارىتىدە يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان مەسىلىلەرنى ئوچۇق بىر شەكىلدە تىلغا ئالماي ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن، بۇ كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ۋە بىر قىسىم كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچرىدى. ئەركىنلىك سارىيى، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتلىرى بۇ يىلنىڭ بېشىدا ئېلان قىلغان دوكلاتلىرىدا ئوباما ھۆكۈمىتىنى كىشىلىك ھوقۇققا يېتەرلىك دەرىجىدە كۆڭۈل بۆلمەسلىك بىلەن ئەيىبلىدى. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ بەزىلىرى ئۇنىڭ بۇنداق قىلىشىنى ئىقتىسادىي سەۋەبلەرگە باغلاپ چۈشەندۈرگەن بولۇپ، دۇنيادا ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت بولۇۋاتقان ئىقتىسادىي كرىزىس ۋە ئامېرىكا ئىقتىسادىدىكى كەينىگە چېكىنىش سەۋەبلىك ئالدى بىلەن ئىقتىسادنى ياخشىلاشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويغان ئوبامانىڭ خىتايدەك چوڭ ئىقتىسادىي كۈچنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى كۆرمەسكە سالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئەمما يەنە بەزى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ خىل ئەھۋال ئىقتىسادىي سەۋەبكىلا ئەمەس، بەلكى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا بولغان خاتا تونۇشىدىن كېلىپ چىققان.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئاسىيا ئىشلىرى دىرېكتورى سوفى رىچاردسون، ئوبامانىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرغان ئىككى يىلدىن بۇيان ئىلگىرىكى ھۆكۈمەتلەر سادىر قىلغان ئوخشاش خاتالىقنى سادىر قىلغانلىقىنى، يەنى، ئۇلارنىڭ خىتايغا يۇمشاق قول بولۇپ، ئۇنىڭ بىلەن ياخشى ھەمكارلىق ئورنىتىش ئارقىلىق خىتايدىكى مەسىلىلەرنى ئۆزگەرتىش دەيدىغان خاتا يولنى تاللىغانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ.
يېقىندا ئامېرىكا مەتبۇئاتلىرىدا ئېلان قىلىنغان بەزى ماقالىلەردە، ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ تاشقى سىياسىتى تەنقىد قىلىنىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ لىدىرى بولغان رابىيە قادىر خانىمنىڭ 2008-يىلى سابىق ئامېرىكا پرېزىدېنتى بوز تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغانلىقى، ئەمما ئوباما مەزگىلىدە بولسا رابىيە قادىر خانىمنى پەقەتلا ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقىدىكى بىر قىسىم تۆۋەن دەرىجىلىك ئەمەلدارنىڭ قوبۇل قىلغانلىقىنى ئېيتىپ، بۇنى ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا ئەھمىيەت بەرمەيۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسى دەپ كۆرسەتكەن. ئەمما ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەھبەرلىرىدىن ئالىم سېيىتوف ئەپەندى ئوبامانىڭ ھازىرچە رابىيە قادىر خانىمنى قوبۇل قىلماسلىقىغا قاراپ، ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە بولغان مەيدانىغا باھا بېرىشكە بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
دەرۋەقە، ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ ئىككىنچى يىلىدا ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا جىددىي سۈركىلىشلەر كېلىپ چىقتى. تەيۋەنگە قورال سېتىپ بېرىشنى قارارلاشتۇرۇش، ئوبامانىڭ دالاي لامانى قوبۇل قىلىشى ۋە جەنۇبىي دېڭىزدىكى ئىگىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىدە ئامېرىكا ئۆزىنىڭ مەيدانىنى كەسكىن ئىپادە قىلدى. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھىللارىي كىلىنتون خانىممۇ بىر قانچە قېتىملىق باياناتلىرىدا خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى قاتتىق تەنقىد قىلدى. سوفى رىچاردسون خانىم بۇ ھۆكۈمەتنىڭ ئىلگىرىكى تۇتقان يولىنىڭ خاتالىقىنى تونۇپ يەتكەندىن كېيىن سىياسىتىدە ئۆزگىرىش ياسىغانلىقىنى، بۇ يەردە ئوبامانىڭ مەلۇم كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرىنى قوبۇل قىلىشىدىن بەك، ئۇنىڭ خىتايدىكى مەسىلىلەرنى ئوچۇق بىر ئىپادە بىلەن ئاشكارا ھالدا ئوتتۇرىغا قويۇشىنىڭ ھەممىدىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئالىم سېيىتوف ئەپەندى ئوتتۇرا شەرقتە ھازىر ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان ۋەزىيەت بىلەن بىرلىكتە، ئۇيغۇر ۋە تىبەت قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى ئۈستىدە ئامېرىكىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە قاراتقان بېسىمىنىڭ ئارتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.