مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ياشلىرى تۇنجى قېتىملىق «دۇنيا ئۇيغۇر رابىيە قادىر لوڭقىسى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسى» ئۈچۈن، جىددىي تەييارلانماقتا.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز پىدائىي
2011.06.07
rabiye-qadir-longqisi-talishish-putbol-305.jpgئالغاباس كوماندىسى مەشىق قىلماقتا. 2011-يىلى 5-ئىيۇن.

RFA/Pidaiy

مۇسابىقە تەشكىللىگۈچىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر مۇسابىقە دۇنيا ئۇيغۇر ياشلىرى ئارىسىدىكى بىرلىك ۋە ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مەقسەت قىلىدىكەن.
ئۇنداقتا بۇ ھەقتىكى خىزمەتلەرنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى قانداق بولۇۋاتىدۇ؟

ھەرخىل پەرەز ۋە گۇمانلار بىلەن مۇنازىرە قىلىنىۋاتقان بۇ مۇسابىقىنىڭ بۇ يىل 7-ئاينىڭ 27-كۈنى گوللاندىيىدە ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغانلىقى ئىنتېرنېت، تېلېۋىزور ۋە رادىئولاردا ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، تەييارلىق خىزمەتلىرى ھەققىدە ئۇچۇر ئىگىلەش ۋە ساھىبخانا كوماندىلاردىن ھال سوراش مەقسىتىدە، 5-ماي يەكشەنبە كۈنى گوللاندىيىدىكى «ئالغا باس پۇتبول كوماندىسى» نىڭ ھەپتىلىك مەشىق مەيدانىغا باردۇق. يىگىتلەر يېغىۋاتقان يامغۇرغا قارىماستىن مەشىق قىلىۋاتقان بولۇپ، يېتەكچىسىنىڭ بۇيرۇقلىرىنى تەكرارلاۋاتقان ئىكەن. كوماندا يېتەكچىسى مەشىق ئەھۋالى ھەققىدە ئۇچۇر بەرگەندىن كېيىن: مۇسابىقىدە ئۇتۇپ چىقىشقا ئىشەنچىمىز بار. ئەمما، ھەممىدىن دوستلۇقىمىز مۇھىم، دېدى.

rabiye-qadir-longqisi-talishish-putbol-wekiller-385.jpg
بېلگىيە ۋە گوللاندىيە پۇتبول ۋەكىللىرى. 2011-يىلى 5-ئىيۇن.
RFA/Pidaiy

 

بۇ قېتىم ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان مۇسابىقىنىڭ ساھىبخانىلىقىنى بېلگىيە ۋە گوللاندىيىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قوللاپ-قۇۋۋەتلىشى بىلەن جايلاردىكى پىداكار ياشلار ئۆز ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، ئارىلىقىنىڭ بىر قەدەر يېقىنلىقى ۋە ئۆز-ئارا ئالاقىنىڭ زىچلىقىدىن، ئىككى دۆلەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ دوستلۇقى تەرەققىي قىلىپ ھەمكارلىقىنى قولغا كەلتۈرگەن.

تەييارلىق خىزمەتلىرى مۇزاكىرىسى ئۈچۈن كەلگەن «بېلگىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى» نىڭ رەئىسى ئابدۇلمۇتەللىپ ۋە «بېلگىيە ئۇيغۇر ياشلىرى كومىتېتى» رەئىسى ئىسكەندەر ئەپەندىلەر، گوللاندىيىدىكى كوماندا ۋەكىللىرىدىن ئابدۇسالام، ئىپتىخار ۋە بەختىيار قاتارلىق ئەپەندىلەر بىلەن بىرلىكتە ئولتۇرۇپ بۇ توغرىلىق مەلۇمات بەردى.

ئابدۇلمۇتەللىپ ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مۇسابىقە گوللاندىيە بىلەن بېلگىيىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ساھىبخانىلىقىدا 7-ئاينىڭ 27- كۈنى گوللاندىيىدە ئۆتكۈزۈلىدىكەن.

مۇسابىقە پائالىيىتىگە 10 ئەتراپىدا رىقابەتچى كوماندىدىن جەمئىي 100 دىن ئارتۇق ئادەم قاتنىشىدىغان بولۇپ، 4 كۈن داۋام قىلىدىكەن.

ئۇ يەنە ئەمەلىي مەسىلىلەر ھەققىدە توختىلىپ، مۇسابىقىگە كېتىدىغان چىقىمنىڭ كۆپلۈكىدىن ھەرقايسى دۆلەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تەڭ مەدەت بېرىشى ۋە قوللاپ-قۇۋۋەتلىشى لازىملىقىنى ئەسكەرتتى ۋە: مۇسابىقە پائالىيىتىدىن كۆزلەنگەن مەقسەت، دۇنيا ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە بىرلىكى قولغا كەلتۈرۈش، ئەۋلادلارنىڭ مىللىي كىملىكىنى ساقلاپ قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىش ئۈچۈندۇر، دېدى.

گوللاندىيە ياشلار ۋەكىلى ئابدۇسالاممۇ بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلدى.