2011.05.23

بۇ سۆھبەتتە، شەرقى تۈركىستان ئاۋسترالىيە جەمئىيىتى جامائەتچىلىكنى كېڭەشنىڭ ئېچىلىش جەريانى ۋە ئىلىنغان قارارى بىلەن خەۋەرلەندۈردى.
ئالىي كېڭەشكە قاتناشقان شەرقى تۈركىستان ئاۋسترالىيە جەمئىيىتىنىڭ ۋەكىللىرى جەمئىيەت رەئىسى ئابدۇلغوپۇر مۆمىن ھاجى، جەمئىيەت كاتىپى نۇرمۇھەممەت تۈركىستانى ئەپەندى ۋە جەمئىيەت ھەيئەت ئەزاسى سۇلتان ھەبىبۇللا ئەپەندىلەر دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ۋە كېڭەشكە قاتناشقان ۋەكىللەرنىڭ سالىمىنى يەتكۈزدى ۋە 5-ئاينىڭ 2-كۈنىدىن 7-كۈنىگىچە ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن شەرقى تۈركىستان ئۇيغۇر ئالىي كېڭىشى ھەققىدە يىغىن قاتناشقۇچىلىرىغا دوكلات بېرىپ، كېڭەشنىڭ ناھايىتى كۆڭۈللۈك، مول مەزمۇنلۇق ۋە باراۋەرلىك ئاساستا ئۆتكۈزۈلگەنلىكى، ھەرقايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن ئوخشىمىغان پىكىردىكى ۋەكىللەرنىڭ ۋەتەننى ئازاد قىلىش تىن ئىبارەت ئورتاق غايىلىرى مەزمۇن قىلغان قىممەتلىك تەكلىپ ۋە تەلەپلىرى دىققەت بىلەن ئاڭلانغانلىقىنى، قىزغىنلىق ئىچىدە مۇزاكىرە قىلىنغانلىقىنى يەتكۈزدى. يىغىندا ئابدۇلغوپۇر ھاجى ئۆز تەسىراتىنى ئىپادىلىدى.
ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى تەرىپىدىن كېڭەش جەريانىدا ئىنتېرنېت تېلېۋىزىيىسى ئارقىلىق مەخسۇس تارقاتقان نەق مەيدان كۆرۈنۈشىنى كەڭ ئېكران ئارقىلىق كۆرسەتتى. ئېچىلىش مۇراسىمى، خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدىكى نامايىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ھاياجان ۋە ئۇلۇغ ئۈمىدلەر ئىچىدە كۆرۈۋاتقان يىغىن ئەھلى، رابىيە قادىر خانىمنىڭ يېپىلىش نۇتقى جەريانىدا توختىماي چاۋاكلار چېلىپ، ئۇزلىرىنىڭ رەھبىرىگە ئىشەنچ ۋە ھۆرمىتىنى بىلدۈردى.
جەمئىيەت تەپتىشى دىلزات دىمىيان ئەپەندى ئالىي كېڭەش ماقۇللىغان يەتتە ماددىلىق قارارنى ئوقۇپ ئۆتتى. شەرقى تۈركىستانلىق جامائەتچىلىكنى ئاساس قىلغان مەسچىتنىڭ ئىمامى، دىنىي زات يۈسۈپ ھۈسەيىن قارىم ئىسلامدىكى ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە مەجبۇرىيەت ھەققىدە جامائەتچىلىككە تەلىمات بەردى. بىر قىسىم يىغىن قاتناشقۇچىلىرىمۇ ئۆز تەسىراتلىرىنى ئىپادىلىدى.