خۇ جىنتاۋ «شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭ خىزمىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتايلى» دەپ يوليورۇق بەرگەن ئىدى.
مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2011.05.17
rabiye-xanim-aliy-kengesh-305.jpgئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى يېتەكچىسى رابىيە قادىر خانىم. 2011-يىلى 3-ماي

RFA

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بېيجىڭدا شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى چاقىرغىنىغا بىر يىل بولدى. مەزكۇر يىغىن بۇلتۇر 17-مايدىن 19-مايغىچە داۋام قىلغان بولۇپ، خۇ جىنتاۋ يىغىندا «شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭ خىزمىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتايلى» دەپ يوليورۇق بەرگەن ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى، شىنجاڭ خىزمىتى يىغىنى ئېچىلغاندىن بۇيانقى بىر يىلدا شانلىق نەتىجىلەر ياراتتۇق، شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرى يېڭى بىر تەرەققىيات باسقۇچىغا كىردى دەپ تەنتەنە قىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى يېتەكچىسى رابىيە قادىر خانىم بۇ ھەقتە رادىئومىزدا مەخسۇس بايانات ئېلان قىلدى.

ئۇنداقتا، ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى نەزىرىدە، بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇر ئېلى قانداق يېڭى ۋەزىيەتكە كىردى؟ شىنجاڭ خىزمىتى يىغىنىنىڭ مۇددىئاسى ۋە نىشانى ئۇيغۇر ئېلىدە بىر يىل ئىچىدە قايسى تەرەپلەردە ئۆز ئەكسىنى تاپتى؟

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشى ئارقىلىق ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم بىلەن مۇخبىرىمىزنىڭ سۆھبىتىنى ئاڭلىغايسىلەر.