2011.05.06
شەرقى تۈركىستان ئالىي كېڭىشىگە قاتنىشىش ئۈچۈن يولغا چىققان ئۇيغۇر ۋەكىللەر، قازاقىستان ۋە قىرغىزىستاندىكى ئايرودرومىدا توسۇپ قېلىندى
توسۇپ قېلىنغانلار جەمئىي 5 كىشى بولۇپ، بۇلار قازاقىستاندىكى مەشھۇر سىياسىي پائالىيەتچى قەھرىمان غوجامبەردى ۋە قىرغىزىستاندىكى سىياسىي پائالىيەتچىلەردىن تەركىب تاپىدىكەن.
قىرغىزىستاندىكى ۋەكىللەر، ئايروپىلاندىن چۈشۈرۈۋېتىلگەن. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە ئامېرىكىغا جايلاشقان خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى قاتارلىق تەشكىلاتلار بايانات ئېلان قىلىپ، مەزكۇر دۆلەتلەرنى ئەيىبلىدى.
شەرقىي تۈركىستان ئالىي كېڭىشىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى بىناسىدا ئۆتكۈزۈلدى
شەرقىي تۈركىستان ئالىي كېڭىشى 2-ماي ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندا باشلاندى. يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى بىناسىدا ئۆتكۈزۈلدى. شۇ كۈندىكى يىغىنغا ئامېرىكىنىڭ ھەر قايسى جايلىرى ۋە دۇنيادىكى 20 گە يېقىن دۆلەتتىن كەلگەن 150 دەك ئۇيغۇر قاتناشتى.
ئېچىلىش مۇراسىمىدا ئۇيغۇر ھەرىكىتىنى قوللاپ كېلىۋاتقان ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىدىن فرانك ۋولف ۋە جەيمس مىكگوۋېرن قاتارلىقلار قاتنىشىپ مۇھىم سۆز قىلدى ۋە يىغىننى تەبرىكلىدى.
فرانك ۋولف مۇراسىمدىكى سۆزىدە ئوتتۇرا شەرقتىكى خەلق ئىنقىلابلىرىغا ئوخشاش، ئۇيغۇر خەلقى ئېلىپ بېرىۋاتقان كۈرەشلەرنىڭمۇ ھامان بىر كۈنى غەلىبە قىلىدىغانلىقىنى، بۇ غەلىبىنى ئۆزىنىڭ كۆرەلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ۋاشىنگتوندىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش
2011-يىلى 2-ماي ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇر ئالىي كېڭىشىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئۇيغۇر ۋەكىللىرى ۋاشىنگتوندىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزدى.
نامايىشقا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم يېتەكچىلىك قىلدى. ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق كۆتۈرۈشكەن ھالدا خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىغا توپلانغان نامايىشچىلار ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىل داۋاسىدىن ھەرگىز ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.
ئوساما بىن لادېننى ئامېرىكىنىڭ ئالاھىدە ھەرىكەت گۇرۇپپىسى پاكىستاندا ئېتىپ ئۆلتۈردى
ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما يەكشەنبە كۈنى كەچتە، ئەل-قائىدە تەشكىلاتى رەھبىرى ئوساما بىن لادېننىڭ 1-ماي كېچىدە پاكىستاندا ئېتىپ ئۆلتۈرگەنلىكىنى جاكارلىدى.
مەلۇم بولۇشىچە، بىن لادېننى ئۆلتۈرۈش ۋەزىپىسىنى ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسىڭ ئالاھىدە ھەرىكەت گۇررۇپىسى تاماملىغان.
ئۇلار، 1- ماي كېچىدە ئىككى تىكئۇچار بىلەن بىن لادېن يوشۇرۇنغان پاكىستاننىڭ ئاببوتئاباد رايونىدىكى تۇرالغۇغا ئۇچۇپ بېرىپ، بىن لادېننىڭ قوغدىغۇچىلىرى بىلەن توقۇنۇشقان ۋە بىن لادېن قاتارلىق تۆت ئادەمنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن.
ئوسما بىن لادېن 2001- يىلدىكى « 11- سېنتەبىر ۋەقەسى» نىڭ باش پىلانلىغۇچىسى بولۇپ، ئامېرىكا شۇندىن بېرى ئۇنى ئىزدىمەكتە ئىدى.
شەرقى تۈركىستان ئۇيغۇر ئالىي كېڭىشى بۈگۈن ئاخىرقى كۈنىگە قەدەم قويدى
شەرقى تۈركىستان ئۇيغۇر ئالىي كېڭىشى بۈگۈن ئاخىرقى كۈنىگە قەدەم قويدى. يىغىن ۋەكىللىرى ئۆتكەن بىر ھەپتىدىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ كەلگۈسى تەقدىرىنى قانداق ھەل قىلىش چارىسى ئۈستىدە كەسكىن مۇنازىرىلەرنى ئېلىپ باردى.
يىغىندا ئوخشاش بولمىغان پىكىرلەر كۆپ بولغان بولسىمۇ، يىغىن ۋەكىللىرى ئاساسەن ئۇيغۇر مۇستەقىللىقىنى قانداق قولغا كەلتۈرۈش تېمىسىنى چۆرىدىگەن ئاساستا پىكىر ئالماشتۇرغان.
ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يىغىن ئاخىرىدا ھەممەيلەن ئورتاق قوللىغان پىكىر بىرلىكى ئاساسىدا يىغىننىڭ قارارى ماقۇللىنىدىكەن.
دۇنيا ئاخبارات ئەركىنلىكى كۈنى ئامېرىكىدا خاتىرىلەندى
دۇنيا ئاخبارات ئەركىنلىكى كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتونغا جايلاشقان ئاخبارات مۇزېيدا 1-مايدىن 3-مايغىچە خاتىرىلەش قۇرۇلتىيى ئېلىپ بېرىلدى.
قۇرۇلتاينىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئاممىۋى مۇناسىۋەت ۋە خەلق ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن مىنىستىرى جۇدىتھ مكھالې قاتناشتى. ئۇ مۇنداق دېدى: بىز بۈگۈن ئاخبارات ئەركىنلىكى قەيەردە تەھدىتكە ئۇچرىغان بولسا ئۇنى قوغداش ۋە ئىلگىرى سۈرۈشكە ئۆزىمىزنى قايتا بېغىشلىدۇق.
ئۇنىڭدىن باشقا، دۇنيا ئاخبارات ئەركىنلىكى كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى ھىلارىي كلىنتون خانىممۇ بايات ئېلان قىلىپ، ئاخبارات ئەركىنلىكىنى قوغداش ئۈچۈن قۇربان بولغان بارلىق مۇخبىرلارغا ئېھتىرام بىلدۈردى.