يېقىندا ئامېرىكا بىلەن خىتاي بېيجىڭدا كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگى ئۆتكۈزۈپ، پىكىر ئەركىنلىكى، تۇتقۇنغا ئۇچرىغان ئۆكتىچى ۋە ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغانلار مەسىلىسى قاتارلىق بىر قاتار مەسىلىلەر ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ بارغان ئىدى.
مۇخبىرىمىز ئەركىن
2011.05.04
sofiye-richardson-305.jpgكىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئاسىيا ئىشلىرى مەسئۇلى سوفىيە رىچاردسون خانىم ئۇيغۇر ئالىي كېڭىشىنىڭ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلدى. 2011-يىلى 2-ماي.

RFA

يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان ئامېرىكا-خىتاي ئىستراتېگىيە ۋە ئىقتىساد دىئالوگى كېلەر دۈشەنبە كۈنى ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندا باشلىنىدۇ. بۇ ئامېرىكا تەرەپكە دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى كلىنتون خانىم بىلەن مالىيە مىنىستىرى گەيتنېر، خىتاي تەرەپكە مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ۋاڭ چىشەن بىلەن دۆلەت كومىسسارى دەي بىڭگو يېتەكچىلىك قىلىدىغان مەزكۇر دىئالوگنىڭ 3‏-قېتىم ئۆتكۈزۈلىشىدۇر. 2009‏-يىلدىن باشلاپ ئۆتكۈزۈلۈشكە باشلىغان مەزكۇر دىئالوگ ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى تاۋار ئېكسپورتى، خەلق پۇلىنىڭ كۇرسى، پاتېنت ھوقۇقى، ھاۋا كىلىمات، مۇھىت، بىخەتەرلىك، تېررورىزم، قىرغۇچى قوراللارنىڭ كونترولى قاتارلىق كەڭ دائىرىلىك مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنىدىغان قەرەللىك بىر سۆھبەت. بۇ دىئالوگ 27-ئاپرېل كۈنىدىكى ئامېرىكا-خىتاي كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگىنىڭ ئارقىسىدىنلا ئۆتكۈزۈلمەكچى.

بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن 27 ئاپىرىلدىكى 2 كۈنلۈك دىئالوگ كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنى ئۈمىدىسىزلەندۈرگەن. كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى قاتارلىق ئورگانلار بايانات ئېلان قىلىپ، كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگىنى يەنە داۋاملاشتۇرۇشنىڭ ئەھمىيىتىگە گۇمان بىلەن قارايدىغانلىقى، ئامېرىكا دىئالوگنى داۋاملاشتۇرۇشنىڭ زۆرۈرىيىتى بار -يوقلۇقىنى ئويلىشىدىغان ۋاقىت كېلىپ قالغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

لېكىن ئامېرىكا ۋەكىللەر ئۆمىكىگە رەھبەرلىك قىلىپ، يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن ئامېرىكا-خىتاي كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگىغا قاتناشقان ئامېرىكا ياردەمچى دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى مايكېل پوزنېرنىڭ، ئالدىنقى كۈنى ئامېرىكا دېموكراتىيىنى ئالغا سۈرۈش فوندى جەمئىيىتىنىڭ خەلقئارا ئاخبارات ياردەم مەركىزى ئۇيۇشتۇرغان بىر يىغىندا، ئامېرىكا تەرەپنىڭ 9 ۋە 10 ‏-چېسلا ئۆتكۈزۈلىدىغان دىئالوگدا كىشىلىك ھوقۇقنى ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقى، بولۇپمۇ ئاخبارات ئەركىنلىكى، كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرىنىڭ مەسىلىسى شۇنداقلا ئەي ۋېيۋېي دېلوسىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بەزى تەشكىلات ۋە شەخسلەرنىڭ قارىشىچە، 9-چېسلا باشلىنىدىغان ئامېرىكا-خىتاي ئىستراتېگىيە ۋە ئىقتىساد دىئالوگى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشتىكى ياخشى پۇرسەت. بۇ قاراشتىكى تەشكىلات ۋە شەخسلەر يەنە، ئامېرىكا رەھبەرلىرىنى ئىستراتېگىيە ۋە ئىقتىساد دىئالوگى باشلىنىشتىن بۇرۇن رابىيە قادىر خانىم بىلەن كۆرۈشۈپ، بۇ ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىگە كۈچلۈك سىگنال بېرىشكە چاقىرىدۇ. ئامېرىكىنىڭ بوز ھۆكۈمىتى دەۋرىدىكى دېموكراتىيە‏-كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىغا مەسئۇل سابىق ياردەمچى دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى رەندى شىرايۋېر بولسا، دىئالوگدا كىشىلىك ھوقۇقنىڭ قانائەتلىنەرلىك دەرىجىدە مۇزاكىرە قىلىنماي قېلىشىدىن ئەنسىرەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ كېلەر ھەپتىدىكى دىئالوگ ھەققىدە توختىلىپ، «ئۇلار ئىستراتېگىيە‏-ئىقتىساد دىئالوگى دەپ ئاتالغان بۇ يىغىندا نۇرغۇن مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىدۇ. لېكىن ئۇلارنىڭ دىئالوگدا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى بىز قانائەتلىنەرلىك دەرىجىدە مۇزاكىرە قىلماسلىقى، بولۇپمۇ بىزنىڭ ھۆرمەتلىك ئۇيغۇر دوستلىرىمىزنىڭ شىنجاڭدا دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەرنى تىلغا ئالماسلىقىدىن ئەندىشە قىلىمەن. ئۇلار بۇ مەسىلىنى نېمە ئۈچۈن ئىستراتېگىيىلىك دىئالوگدا ئوتتۇرىغا قويمايدۇ ؟ بۇ پەقەتلا بىر تەرەپكە خاس بولغان يېتۈك ئەھۋال ئەمەس. بۇ ھەر ئىككى پارتىيىنىڭ ھۆكۈمەتلىرىدە مەۋجۇت ھادىسە. بىز كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنىڭ تۈرلۈك دىئالوگلاردا دائىم ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىنى قوللايمىز. لېكىن كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنىڭ شىمالى كورىيە، ئىران، ۋە ھەتتا جەنۇبىي جۇڭگو دېڭىزى مەسىلىسى قاتارىدا مۇھىم ئورۇنغا قويۇلمايدىغان بىر تىندىنسىيە بار. لېكىن شۇ نەرسىنىڭ ئىستراتېگىيىلىك مەسىلە ئىكەنلىكىنى بىلىش كېرەككى، ئەگەر خىتايدا دەپسەندىچىلىك ۋە باستۇرۇش داۋاملاشسا، بىزنىڭ خىتاي بىلەن ئىجابىي ۋە ئۈنۈملۈك ھەمكارلىقىمىز بولمايدۇ» دەپ كۆرسەتتى. رەندى شىرايۋېر يۇقىرىقى مەسىلىلەرنىڭ دۈشەنبە كۈنكى ئىستراتېگىيىلىك دىئالوگدا ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، يۇقىرىقى مەسىلىلەرنىڭ بىر ئىستراتېگىيىلىك مەسىلە ھېسابلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ بۇ سۆزلەرنى دۇنيا ئۇيغۇر ئالىي كېڭىشىنىڭ ئالدىنقى كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى بىناسىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئېچىلىش مۇراسىمىدا قىلغان سۆزىدە تەكىتلەيدۇ.

ئامېرىكا ياردەمچى دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى مايكېل پوزنېر، ئامېرىكا -خىتاي ئىستراتېگىيە ۋە ئىقتىساد دىئالوگىدا كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ مەسىلىلەرنىڭ قانداق يوسۇندا ئوتتۇرىغا قويۇلىدىغانلىقى، ئوتتۇرىغا قويۇلۇدىغان مەسىلىلەر ئارىسىدا ئۇيغۇرلارغا دائىر مەسىلىلەرنىڭ بار-يوقلۇقىنى چۈشەندۈرمىگەن. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قاتارلىق تەشكىلاتلار بولسا ئامېرىكا-خىتاي ئىستراتېگىيە دىئالوگىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇر سىياسىي ئۆكتىچىلىرىگە ئۆلۈم جازاسى بېرىش، «5‏-ئىيۇل ۋەقەسى» دە ئىز دېرەكسىز غايىب بولغان ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ۋە شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ قورۇ-جاي ۋە تېرىلغۇ يەرلىرىنى چېقىش ۋە تارتىۋېلىش مەسىلىسىنىڭ ئەڭ مۇھىم مەسىلە قاتارىدا ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ۋاشىنگتون شۆبىسىنىڭ مەسئۇلى ت. كۇمار «شىنجاڭ» نىڭ سىياسىي مەھبۇسلارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدىغان بىردىن بىر رايون ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، باشقا دۆلەتلەرنىڭ بۇنىڭغا سۈكۈت قىلىۋاتقانلىقىنى تەنقىد قىلدى.

ت. كۇمار دۇنيا ئۇيغۇر ئالىي كېڭىشىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆزلىگەن نۇتقىدا ئەسكەرتىپ، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: شىنجاڭ خىتايدا سىياسىي مەھبۇسلارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدىغان بىردىن بىر رايون. لېكىن باشقا دۆلەتلەرنىڭ بۇنىڭغا سۈكۈت قىلىشى كىشىنى چۆچۈتىدۇ. شىنجاڭ يەنە مەھبۇسلار تەن جازاسىغا ئۇچۇۋاتقان بىر يەر. ئۇلار يەنە ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغانلىقى سەۋەبلىك جازالىنىۋاتقان خەلقتۇر.

ت. كۇمار، يۇقىرىقى سەۋەبلەر تۈپەيلى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققەت نەزىرىنى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە قارىتىشنىڭ ناھايىتى مۇھىملىقى ۋە شۇنداقلا پرېزىدېنت ئوباما خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە باشلىغانلىقىنىڭ 1‏-قەدىمى سۈپىتىدە رابىيە قادىر خانىم بىلەن كۆرۈشۈشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن. ت. كۇمار يەنە ئەسكەرتىپ، رابىيە قادىر خانىم ئوبامانىڭ ئىقتىسادى ۋە ئىستراتېگىيە دىئالوگى باشلىنىشتىن 2-3 ھەپتە بۇرۇن ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈشىنى ئۈمىد قىلغانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئاسىيا ئىشلىرى مەسئۇلى سوفىيە رىچاردسون خانىم بولسا پرېزىدېنت ئوباما ئامېرىكا-خىتاي ئىقتىسادى-ئىستراتېگىيە دىئالوگى دۈشەنبە كۈنى باشلىنىشتىن بۇرۇن رابىيە قادىر خانىم بىلەن كۆرۈشۈشىنى تەلەپ قىلغۇچى كىشىلىك ھوقۇق مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ بىرىدۇر.

ئۇ ئالدىنقى كۈنى ئۇيغۇر ئالىي كېڭىشىنىڭ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆزلىگەن نۇتقىدا تەكىتلەپ، «پرېزىدېنت نېمە ئۈچۈن ھازىردىن كېلەر دۈشەنبە كۈنىگىچە ۋاقىت چىقىرىپ، جاۋ يوڭكاڭ، شى جىنپىڭغا ئوخشاش كىشىلەرنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشۈشتىن بۇرۇن رابىيە قادىر خانىم بىلەن كۆرۈشمەيدۇ؟ شۇنداقلا يەنە دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى كلىنتون خانىم بۇنىڭدىن 18 ئاي بۇرۇن ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقى ئۈچۈن ھەر كۈنىنىڭ دېگۈدەك كىشىلىك ھوقۇق كۈنى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى. ئەگەر دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقى ئۈچۈن ھەر كۈنى كىشىلىك ھوقۇق كۈنى بولسا، ئۇ ھالدا مەن خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان ھەرقانداق دىئالوگنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگى بوماسلىقىغا بىر سەۋەب تاپالمىدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە مەن يەنە كېلەر ھەپتىدىكى سۆھبەتكە قاتنىشىدىغان ھەر بىر ئامېرىكا ھۆكۈمەت ئورگىنىنىڭ مەيلى مۇھىت بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسۇن، مەيلى ئەمگەك، مەيلى دىنىي ئەركىن بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسۇن، بىر سىياسىي مەھبۇسنىڭ دېلوسى ۋە ياكى بىر كىشىلىك ھوقۇق ۋەقەسىنى بولسىمۇ، ئوتتۇرىغا قويماسلىقىغا ھېچقانداق سەۋەب يوقتۇر» دېگەن.

لېكىن ئىقتىسادى مەسىلە دۈشەنبە كۈنى باشلىنىدىغان ئامېرىكا-خىتاي ئىقتىساد ۋە ئىستراتېگىيە دىئالوگىنىڭ ئەڭ مۇھىم قىسمى. ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى تىم گەيتنېر تۈنۈگۈن دىئالوگدا ئوتتۇرىغا قويۇلىدىغان ئىقتىسادى مەسىلىلەر ھەققىدە توختىلىپ، خىتايغا پۇل-مۇئامىلە ئىسلاھاتى، خەلق پۇلىنىڭ كۇرسى ۋە خىتاي بانكىلىرىنىڭ پۇل -ئامانەت قەرز سىياسىي قاتارلىق جەھەتلەردە داۋاملىق بېسىم ئىشلىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.