مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2011.04.22

خىتاي ئۈرۈمچىنى خەلقئارالىق ھاۋا قاتناش تۈگۈنى قىلماقچى

ئۈرۈمچىنى نوپۇسى بەش مىليونغا يەتكەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئەڭ چوڭ شەھەر قىلىپ قۇرۇپ چىقىش پىلانى ئېلان قىلىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە خىتاي ھاۋا قاتناش ساھەسى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ياۋرو-ئاسىيا قۇرۇقلۇقىنىڭ مەركىزىگە جايلىشىشتەك ئەۋزەل جۇغراپىيىلىك شارائىتىغا ئاساسەن ئۇنى خىتاينىڭ مۇھىم خەلقئارالىق ۋە رايون خاراكتېرلىك ھاۋا قاتناش تۈگۈنى قىلىش نىشانىنى بەلگىلەپ، ئىش باشلىغان.

شىنخۇانىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھازىر، ئۈرۈمچى بىلەن خىتاينىڭ كۆپلىگەن شەھەرلىرى ۋە بىر قانچە ياۋرو-ئاسىيا مەملىكەتلىرى ئارىسىدا ھاۋا قاتنىشىنى يولغا قويۇلغان بولۇپ، 2015-يىلىغىچە يەنە يېڭى يوللارنى ئېچىش ۋە كۈچەيتىش بېكىتىلگەن.

ئۈرۈمچىدە بىر سودا بازىرىغا ئوت كەتتى

18-ئاپرېل كۈنى ئۈرۈمچى جەنۇبىي پويىز ئىستانسىسىغا يېقىن جايدىكى تيەنباۋ خەلقئارا سودا بازىرىغا ئوت كەتكەن بولۇپ، 170 تىن ئارتۇق ئوت ئۆچۈرۈش خادىمى ئىشقا سېلىنىپ، ئاخىرىدا ئوت ئۆچۈرۈۋېلىنغان.

مىنپاۋ گېزىتىنىڭ يېزىشىچە، بۇ بىناغا زىبۇزىننەت بۇيۇملىرى دۇكانلىرى، تۇرالغۇ ئۆي ۋە ھەر خىل شىركەتلەرنىڭ ئىشخانىلىرى ھەم ئىسكىلاتلىرى جايلاشقان ئىكەن. بۇنىڭدىن ئۈچ يىل ئىلگىرىمۇ،مۇشۇ كوچىدىكى دېخۇي سودا بازىرىغا ئوت كەتكەن بولۇپ، زور زىيان كۆرۈلگەن ئىدى.

قەشقەردە بىر كىشى 6 كىشىنى پىچاق تىقىپ يارىلاندۇرۇپ، ئارقىدىن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان

مۇخبىرىمىزنىڭ ئىگىلىشىچە، 19-ئاپرېل كۈنى قەشقەر شەھىرىدە 20 نەچچە ياشلاردىكى بىر ئۇيغۇر ياش 6 نەپەر خىتاينى پىچاق تىقىپ يارىلاندۇرۇپ، ساقچىلار قورشاۋغا ئالغان چاغدا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالدى.

بۇ ھەقتە ئالدى بىلەن شىنخۇا ئاگېنتلىقى ئۇچۇر تارقاتقان، ئەمما خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىسى پىچاق بىلەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنى سادىر قىلغۇچى ۋە يارىلانغۇچىلارنىڭ مىللەت تەركىبى ھەم ۋەقەنىڭ سەۋەبلىرى ھەققىدە تەپسىلىي ئۇچۇر بەرمىگەن ئىدى.

بۇ ۋەقەنىڭ سەۋەبلىرى ھەققىدە خەلقئارالىق ئاخبارات ئاگېنتلىقلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدە ھەمدە ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ ئىنكاسلىرىدا رايوندىكى مىللىي زىددىيەتلەر مەسىلىسى قەيت قىلىندى.

ئۇيغۇر ئېلىدە ھەر يىلى 3000 دىن ئارتۇق سەرگەردان بالا يىغىۋېلىنىدۇ

خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھازىر ئۇيغۇر ئېلىدە ھەر يىلى 3000 دىن ئارتۇق سەرگەردان بالا يىغىۋېلىنىدىكەن.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون پارتكوم سېكرېتارى جاڭ چۈنشەن، 21-ئاپرېل كۈنى ئۈرۈمچى ئۆتكۈزۈلگەن بىر مەخسۇس يىغىندا خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى ئۇيغۇر ئېلىدىن كەتكەن سەرگەردان بالىلارنى قايتۇرۇپ كېلىشنى چاقىرىق قىلغان.

بۇنىڭ ئۈچۈن 50 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، يېڭىدىن بىر قۇرامىغا يەتمىگەن سەرگەردان بالىلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە تەربىيىلەش مەركىزى قۇرۇش قارار قىلىنغان.

دائىرىلەر يەنە خىتاي ئۆلكىلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، قەيەردە سەرگەردان بالىلار كۆرۈلسە دەرھال ئۇلارنى يىغىۋېلىشنى بېكىتكەن. خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئالداپ ئېلىپ كېتىلگەن سەرگەردان بالىلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكى مەلۇم.

شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇر ئالىي كېڭىشىنىڭ يىغىن پروگراممىسى ئېلان قىلىندى

2011-يىلى، 2-مايدىن -8-مايغىچە ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندا چاقىرىلىدىغان شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇر ئالىي كېڭىشى يىغىنىنىڭ تەييارلىق كومىتېتى ئۆزىنىڭ خىزمەتلىرىنى يەكۈنلەپ، يىغىن كۈن تەرتىپى ۋە پروگراممىسىنى ئېلان قىلدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ پروگراممىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، دۇنيانىڭ ھەر قايسى دۆلەتلىرىدىن كېلىدىغان ئۇيغۇر ۋەكىللىرى يىغىننىڭ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىدۇ.

بۇ مۇراسىمدا ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم ئېچىلىش نۇتقى سۆزلەيدۇ، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىدىن فرانك ۋولف، ئامېرىكا دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندىنىڭ رەئىسى كارىل گرىشمەن قاتارلىق بىر قىسىم دۆلەت مەجلىس ئەزالىرى ۋە دېموكراتىيە ھەم كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى سۆز قىلىدۇ.

بىر ھەپتە داۋاملىشىدىغان مەزكۇر يىغىن جەريانىدا ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتى ۋە تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك تۈرلۈك مەسىلىلەر كەڭ دائىرە بويىچە مۇھاكىمە قىلىنىدۇ.

ناتو دۆلەتلىرى لىۋىيە ئۆكتىچىلىرىگە ياردەم بېرىشنى داۋاملاشتۇرماقچى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەردىن ئىتالىيە، فرانسىيە ۋە ئەنگلىيە ئۆزلىرىنىڭ لىۋىيىدىكى قوزغىلاڭچىلارغا ھەربىي مەسلىھەتچىلەرنى ئەۋەتىپ، ياردەم بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇنىڭ ئىچىدە ئىتالىيە ئون نەپەر مەسلىھەتچى ئەۋەتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى بولسا ئۆكتىچى كۈچلەرگە 25 مىليون دوللار قىممىتىدىكى ھەربىي ياردەملەرنى بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

22-ئاپرېل كۈنى ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئامېرىكىنىڭ ياردەم ئۈچۈن لىۋىيىگە راكېتا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىككى دانە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ئەۋەتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.