مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2011.04.15

ئاۋسترالىيە تاشقى ئىشلار باياناتچىسى جا چىڭلىنغا ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ئاۋسترالىيىدىكى پائالىيەتلىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي، خىتاي سىياسىي كېڭىشىنىڭ رەئىسى جا چىڭلىن باشچىلىقىدىكى ۋەكىللەر ئۆمىكى ئاۋسترالىيىنى زىيارەت قىلىپ، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كېۋن رۇد ۋە باش مىنىستىر گلارد خانىملار بىلەن كۆرۈشكەن.

«ئاۋسترالىيىلىكلەر» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تاشقى ئىشلار باياناتچىسى 9-ئاپرېل كۈنى كېۋن رۇدنىڭ جا چىڭلىنغا ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.

كېۋن رۇدنىڭ ئۇيغۇر ۋە تىبەت مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىغا جاۋابەن جا چىڭلىن خىتاينىڭ تىبەت ۋە ئۇيغۇر رايونىغا مەبلەغ سېلىپ تەرەققىي قىلدۇرۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

ئاۋسترالىيە باش مىنىستىرى گلارد خانىممۇ جا چىڭلىن بىلەن كۆرۈشكەندە ئوخشاشلا خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

خىتاي ئامېرىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلدى

ئۆتكەن ھەپتىنىڭ ئاخىرى ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقى 2010-يىللىق كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتى ئېلان قىلىپ، خىتاي، رۇسىيە، ئىران قاتارلىق بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋاللىرىدىكى چېكىنىشلەرنى كۆرسەتكەن ئىدى.

دوكلاتتا خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىنىڭ تېخىمۇ ناچارلاشقانلىقى، جۈملىدىن ئۇيغۇر، تىبەت قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كىشىلىك ھوقۇقلىرىنىڭ زەربىگە ئۇچرىغانلىقى تەكىتلەنگەن.

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى ھىللارىي كلىنتون خانىممۇ خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىدىكى مەسىلىلەرنى تىلغا ئالغان ئىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە 10-ئاپرېل كۈنى ئامېرىكىنىڭ 2010-يىللىق كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكىدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى ھەتتا ئامېرىكىنىڭ دېموكراتىيىسىنى ئەيىبلىدى.

قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئىتتىپاق جەمئىيىتى قۇرۇلتاي ئۆتكۈزدى

قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى ئىتتىپاق جەمئىيىتىنىڭ 7-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيى 9-ئاپرېل كۈنى بىشكەك شەھىرىدىكى چىڭگىز ئايتماتوف نامىدىكى تىياتىرنىڭ چوڭ زالىدا تەنتەنىلىك ئۆتكۈزۈلدى.

بىشكەك، قارا بالتا، توقماق قاراقول، ئوش، جالال ئاباد قاتارلىق شەھەرلەردىن كەلگەن 650 دىن ئارتۇق ۋەكىل قاتناشقان مەزكۇر قۇرۇلتايدا، قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى ئىتتىپاق جەمئىيىتىنىڭ يېڭى رەئىسى ۋە باشقا رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى سايلاپ چىقىلدى.

قىرغىزىستان دۆلەت گىمنى بىلەن باشلانغان مەزكۇر قۇرۇلتاينىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا ئالدى بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ تەبرىك تېلېگراممىسى ئوقۇپ ئۆتۈلدى.

دېموكراتىك ئۇسۇلدا ئېلىپ بېرىلغان ئەركىن سايلام نەتىجىسىدە، ئارتىق ھاجىم ئابدىراخمانوف ئىتتىپاق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسلىكىگە، ئايبېك پولات باش تەپتىشلىككە سايلاندى.
قۇرۇلتاي ۋەكىللىرى يەنە 31 كىشىدىن تەركىب تاپقان مەركىزى كومىتېتىنى ھەمدە 7 كىشىدىن تەركىب تاپقان ئاقساقاللار كېڭىشىنى سايلاپ چىقتى.

ئۇيغۇر ئېلىدە «پارتىيىنىڭ ياخشى بالىسى بولۇش» پائالىيىتى باشلاندى

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىلىرى تۈرلۈك تەربىيە ھەرىكەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان بولۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى 6-قېتىملىق «شىنجاڭنى سۆيۈش، پارتىيىنىڭ ياخشى بالىسى بولۇش» پائالىيىتىنى باشلىغان.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى 2006-يىلدىن باشلاپ، باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپ بالىلىرىغا يازلىق لاگېر نامىدا ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيىسى ئېلىپ بېرىۋاتقان بولۇپ، بۇ يىلقى پائالىيەتكە «پارتىيىنىڭ ياخشى بالىسى» بولۇش شوئارى قېتىلغان.

مۇنداق تەربىيە ھەرىكەتلىرى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بولۇپ، بالىلارنى خىتاي ۋەتەنپەرۋەرلىك ئىدىيىسى بىلەن تەربىيىلەشكە مائارىپ ئورگانلىرىدىن باشقا يەنە ئاياللار بىرلەشمىسى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭمۇ قاتنىشىۋاتقانلىقى مەلۇم.

ناتو بېرلىندا يىغىن ئاچتى

لىۋىيىدىكى كازافىي كۈچلىرى بىلەن قوزغىلاڭچىلار ئارىسىدىكى جەڭلەرنىڭ كەسكىن داۋاملىشىشىغا ئەگىشىپ، 14-ئاپرېل كۈنى شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى گېرمانىيىنىڭ بېرلىن شەھىرىدە جەم بولۇپ، لىۋىيىدىكى ۋەزىيەت ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ باردى.

مەزكۇر يىغىنىدا لىۋىيىدىكى خەلقنى قوغداش ئۈچۈن يەنىمۇ كۆپ كۈرەشچى ئايروپىلانلارغا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈلدى.

ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئەنگلىيە ۋە فرانسىيە ناتونىڭ لىۋىيىدىكى ھەرىكەتلىرىدە يېتەرلىك بولمىغانلىقىنى، ناتوغا ئەزا 28 دۆلەتتىن ئاران 6 سىنىڭ كازافىي كۈچلىرىگە قارشى ھاۋادىن ئېلىپ بېرىۋاتقان بومباردىمانلىرىغا قاتناشقانلىقى، لىۋىيىدىكى خەلقنى قوغداش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ئەزا دۆلەتلەرنىڭ كۈچ چىقىرىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

جورجى ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىدا شىنجاڭ ياكى شەرقىي تۈركىستان تېمىسىدا يىغىن ئىچىلدى

13-ئاپرېل جورگى ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئېللىئۇت خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ئىنستىتۇتىدا «شىنجاڭ ياكى شەرقىي تۈركىستان» تېمىسىدا بىر يۇمىلاق ئۈستەل شەكلىدىكى مۇھاكىمە يىغىنى بولۇپ ئۆتتى.

يىغىننى ئۇيۇشتۇرۇشتا مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ دوتسېنتى، خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ۋە ياردەملەر پروگراممىسىنىڭ مۇدىرى، ئۇيغۇرشۇناس شون روبېرتس ئەپەندى مۇھىم رول ئوينىدى شۇنىڭدەك ئۇ يىغىندا ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ كېلىپ چىقىشى، خەلقئارا ئورنى ۋە تەسىرى قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە توختالدى.

بۇ يېقىندىن بۇيان ئامېرىكا پايتەختىدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئۇيۇشتۇرۇلغان ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئائىت مۇھىم مۇھاكىمە يىغىنلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، يىغىندا ئۇيغۇر مۇتەخەسسىسلىرىدىن ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرى جەمئىيىتىنىڭ سابىق رەئىسى نۇرى تۈركەل، ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئالىم سېيىتوف قاتارلىقلارمۇ ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلدى.

11-ئاپرېل كۈنى بولسا، مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئېللىئۇت خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ئىنستىتۇتىدا رابىيە قادىر خانىم ھەققىدە ئىشلەنگەن «مۇھەببەتنىڭ ئون شەرتى» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىم ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارغا كۆرسىتىلگەن ئىدى.

ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ 15 يىللىقى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

14-ئاپرېل كۈنى ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 15 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندىكى خىزمەت بىناسىدا زىياپەت پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.

پائالىيەتكە ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ بارلىق ئىشچى-خىزمەتچىلىرى ھەم ئامېرىكا رادىئو-تېلېۋىزىيە باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن كەلگەن رەھبەرلەرمۇ ئىشتىراك قىلدى.

ئامېرىكا رادىئو-تېلېۋىزىيە باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋالتېر ئىساكسىن سۆز قىلىپ، ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ خىزمەتلىرىگە، بولۇپمۇ ئۇنىڭ خەۋەرچىلىككە قوشۇۋاتقان تۆھپىسىگە يۇقىرى باھا بەردى.

ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ مىللىي تاماق زىياپەت پائالىيىتى يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، بۇنىڭدا ھەر قايسى بۆلۈم ئۆز مىللىي تاماقلىرىنى ئېلىپ كېلىپ، داستىخان ھازىرلايدۇ.

بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىممۇ شەرەپ مېھمىنى سۈپىتىدە قەدەم تەشرىپ قىلدى.

ئۇ ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ، ئاۋازىنى ئاڭلىتالمايۋاتقان خەلقنىڭ ئاۋازى بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى شۇنىڭدەك رادىئونىڭ ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ دەردىنى دۇنياغا ئاڭلىتىشتا مۇھىم رول ئويناۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇيغۇر رەسسام مەرۋايىت ھاپىز خانىمنىڭ رەسىم كۆرگەزمىسى ئېچىلدى

2011-يىلى 4-ئاينىڭ 10-كۈنى چۈشتىن كېيىن، گېرمانىيىنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدىكى پسىخولوگىيە ئاكادېمىيىسىنىڭ بىناسىدا، تونۇلغان ئۇيغۇر رەسسام مەرۋايىت ھاپىز خانىمنىڭ رەسىم كۆرگەزمىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.

ئېچىلىش مۇراسىمىغا، گېرمانىيە زامانداش رەسساملار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى كنۇتىڭگەر ئەپەندى ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى، ميۇنخېن پسىخولوگىيە ئاكادېمىيىسى كۆرگەزمە ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇدىرى كرۈگەر ئەپەندى ۋە ئادۋوكات ئالبېرت گورىڭ ئەپەندىلەر قاتناشقان ۋە سۆز قىلغان.

بۇلاردىن باشقا فرانسۇز سەنئەتكار فرانكىرا خانىم، نېمىس رەسساملار، رەسىم ھەۋەسكارلىرى ۋە ميۇنخېندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن بولۇپ 200 ئەتراپىدا كىشى قاتناشقان.

54 پارچە ماي بوياق رەسىم كۆرگەزمىگە قويۇلغان بولۇپ، رەسىملەرنىڭ كۆپىدە، شەرقىي تۈركىستاندىكى تارىخى جايلار، ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشى، مەدەنىيىتى، ئۆرپ-ئادىتى، كارۋانلار ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ئۆيلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. بۇ كۆرگەزمە جەمئىي 6 ھەپتە داۋاملىشىدىكەن.