بېيجىڭدىن تۇتۇپ كېتىلگەن كۇچالىق 3 نەپەر دەۋاگەر، 4 كۈندىن بېرى كۇچادىكى بىر قاماقخانىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئىدى.
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2011.04.14
rabiye-rfa-15-yilliq-305.jpgرابىيە قادىر خانىم جان-دىلى بىلەن ئۇيغۇرلار داۋاسىنى داۋاملاشتۇرماقتا. 2011-يىلى 14-ئاپرېل.

RFA

بۈگۈن ساقچى خادىملىرى تۇتقۇنلارنىڭ ئائىلە تاۋاباتىغا ئۇلارنىڭ قاماققا ئېلىنىش سەۋەبى ھەققىدە تۇنجى قېتىم مەلۇمات بەرگەن. بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ 3 نەپەر دەۋاگەر بېيجىڭدا كۇچا ھۆكۈمەت خادىملىرى بىلەن تېلېفوندا سۆزلەشكەندە، ئەگەر داۋاسى ئادىل بىر تەرەپ بولمىسا، ئادالەت ئىزدەپ چەتئەلگە چىقىپ كېتىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇلار بۇ جەرياندا «رابىيە قادىر خانىمنىڭ قېشىغا كېتىمىز» دېگەنلىكى ئۈچۈن 10 كۈنلۈك قاماق جازاسى بېرىلگەن.

تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىلەر.