2011.04.12
ئۇ باياناتىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنى خالىغانچە تۇتقۇن قىلىشنى توختىتىشقا، ئەي ۋېيۋېي قاتارلىق تۇتقۇنلارنى دەرھال قويۇپ بېرىشكە چاقىردى. بۈگۈن خىتاي تاشقى باياناتچىسى مۇخبىرلارغا «نېمە ئۈچۈن بەزى دۆلەتلەر جۇڭگودىكى جىنايەتچىلەرنى قەھرىمان دەپ تونۇيدۇ؟» دەپ سوئال قويۇپ، ياۋروپا بىرلىكىنىڭ مەزكۇر چاقىرىقىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن.
خىتاي باياناتچى يەنە «بىر كىشى مەيلى بۇرۇن قانچىلىك نام-شۆھرىتى بولسۇن، ئۇ قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان چېغىدا قانۇنىي جازاغا تارتىلىشى كېرەك» دېيىش ئارقىلىق خىتاي سەنئەتكار ئەي ۋېيۋېينىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىنى ئاقلىغان.
ئەي ۋېيۋېينىڭ ئايالى بۈگۈن مۇخبىرلارغا قىلغان سۆزىدە، ئۆزىنىڭ باج ئىدارىسى تەرىپىدىن چاقىرتىلغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئەي ۋېيۋېي قۇرغان شىركەتنىڭ ھېساباتىنى تەكشۈرگەنلىكىنى ئېيتقان.
بۇ شىركەت ئەسلىدە ئەي ۋېيۋېينىڭ سەنئەت ئەسەرلىرىنى سېتىش مۇلازىمىتىنى قىلىدىغان شىركەت بولۇپ، باجگىرلەر شىركەتنىڭ باجغا ئالاقىدار بولمىغان پائالىيەتلىرىنىمۇ تەكشۈرگەن. ئادەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆكتىچى كۈچلەرنى جازالاشقا پاكىت تاپالمىغاندا، ئۇلارنىڭ ئىقتىسادى پائالىيىتىدىن قۇسۇر تېپىپ، باج ئوغرىلىدى دېگەن باھانە بىلەن جازالاپ كېلىۋاتقانلىقى كۆزەتكۈچىلەرگە سىر ئەمەس.
ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئوغۇللىرى ئابلىكىم ۋە ئابدۇرېھىملارمۇ مۇشۇ خىل تەدبىر بىلەن جازاغا تارتىلغان.
ياۋروپا بىرلىكىنىڭ تاشقى سىياسەتكە مەسئۇل خادىمى ئاشتون خانىم بۈگۈنكى باياناتىدا «مەن يېقىنقى ھەپتىلەردىن بېرى خىتايدا داۋام قىلىۋاتقان كۆپ ساندىكى ئادۋوكات، يازغۇچى، سەنئەتكار، ئەرزدار ۋە تور باشقۇرغۇچىلارنىڭ خالىغانچە تۇتقۇن قىلىنىش ۋە غايىب بولۇپ كېتىش ئەھۋالىدىن ئەندىشە ئىچىدىمەن» دېگەن