2011.04.08

ئۇ ئىسپانىيىدىكى زىيارىتى جەريانىدا خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتى مەسئۇللىرى، سىياسىي پارتىيە مەسئۇللىرى ۋە پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن ئۇچراشقاندىن باشقا، باسىك پارتىيىسى مەسئۇللىرى بىلەنمۇ ئۇچرىشىپ ئىسپانىيىنىڭ باسىك مەسىلىسى ھەققىدىمۇ مەلۇمات ئىگىلىگەن. باسىك مەسىلىسى قانداق بىر مەسىلە؟
باسىك رايونى ئىسپانىيىنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا جايلاشقان 2 مىليون 100 مىڭ نوپۇسقا ئىگە سانائەتلەشكەن باي بىر رايون. 3 ۋىلايەتتىن تەركىب تاپقان بۇ رايون 11 475 كۋادرات كىلومېتىر زېمىنغا ئىگە. باسىك مىللىتى ئۆزلىرىنى ئىبەر يېرىم ئارىلىدا باشقا مىللەتلەرگە ئارىلىشىپ كەتمىگەن ئىرق دەپ قارايدىكەن. مۇستەقىللىق، ئەركىنلىككە ئىنتىلىش ئارزۇلىرى كۈچلۈك بولۇشى قويۇق كاتولىك دىنىدىن بولۇشى ئۇلارنى ئالاھىدە قىلىپ تۇرغان ئامىللار ئىكەن.
ئىسپانىيە 1936-1939-يىللىرى ئارىسىدا مىللەتچى ۋە دىندارلار بىلەن كوممۇنىستلار ئوتتۇرىسىدىكى جېدەل - ماجىراغا سەھنە بولغان. 1939-يىلىدا گېنېرال فرانكونىڭ غەلىبىسى بىلەن ئىچكى ئۇرۇش ئاخىرلاشقان. 40 يىل داۋاملاشقان فرانكو ھاكىمىيىتى كوممۇنىزمغا ۋە دېموكراتىيىگە قارشى دىكتاتورىلىق تۈزۈمى ئىدى. فرانكو ھاكىمىيەت بېشىدىكى مەزگىلدە باسىك مىللەتچى پارتىيىسى پارىژ بىلەن لوندوندا پائالىيەت ئېلىپ بارغان.
فرانكو مەزگىلىدە باسىك رايونىغا قاتتىق بېسىم سىياسىتى ئېلىپ بېرىلغان. باسىك تىلى، باسىك مەدەنىيىتى مەنئى قىلىنغان. 1952-يىلىدا بىر گۇرۇپپا ياش ئېكىن ئىسمىدا بىر ژۇرنال چىقارغان. 1958-يىلى بۇ تەشكىلات ئەتا يەنى باسىك دۆلىتى ۋە ئەركىنلىك ئىسمىنى ئالغان. باشلانغۇچتا باسىك تىلىنى، مەدەنىيىتىنى قوغداپ قېلىشنى نىشان قىلغان ئەتا تەشكىلاتى، 1960-يىلىدىن تارتىپ مۇستەقىل باسىك دۆلىتى قۇرۇش مەقسىتى بىلەن زوراۋانلىققا تايىنىپ پائالىيەت ئېلىپ بېرىشقا باشلىغان.
1968-يىلىدىن بېرى تېررور پائالىيىتىنى باشلىغان ئەتا، 10 قېتىم ئۇرۇش توختىتىش توختامنامىسى تۈزگەن. بۈگۈن سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت ۋە دېموكراتىيىلىك پۈتۈن ھەق ۋە ھوقۇققا ئىگە بولغان باسىك خەلقىنىڭ مىللىي مارشى ۋە ئۆز بايرىقىمۇ بار ئىكەن.
سىياسىي كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ئەتا تەشكىلاتىنى بۇرۇن 90% باسىك خەلقى قوللاپ قۇۋۋەتلەيدىغان بولسا، بۇ سان بۈگۈنكى كۈندە 15%ge چۈشۈپ قالغان. ئىسپانىيە باسىك مەسىلىسىنى ھەل قىلدىمۇ؟ قانداق قىلىپ ھەل قىلدى؟ بۇنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسى بىلەن ئوخشاشلىقى بارمۇ دېگەنگە ئوخشاش سوئاللارغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن پروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت ۋە دوكتور ئەركىن ئەكرەملەرگە مىكروفونىمىزنى ئۇزاتتۇق.