مۇخبىرىمىز جۈمە
2011.04.08

رابىيە قادىر خانىم ئىسپانىيە ئاخبارات ساھەسىگە ئۇيغۇر داۋاسىنى ئاڭلاتتى

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئىسپانىيە شۆبىسىنىڭ 2010-يىللىق كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىنى ئېلان قىلىش يىغىنىدا رابىيە قادىر خانىم مۇخبىرلارنىڭ ئاساسلىق زىيارەت ئوبيېكتى بولدى.

يىغىن 6-ئاپرېل، ئىسپانىيە پايتەختى مادرىتتا چاقىرىلغان. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ مەزكۇر كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىدا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىگىمۇ ئالاھىدە ئورۇن بېرىلگەن بولۇپ، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم مۇخبىرلارنىڭ ئاساسلىق زىيارەت ئوبيېكتى بولغان.

رابىيە قادىر خانىم نۆۋەتتىكى ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتى توغرىسىدا تەپسىلىي توختالغان.

رابىيە قادىر خانىم 4-ئاپرېل چۈشتىن كېيىن ئامېرىكىدىن ئىسپانىيىگە قاراپ يولغا چىققان ئىدى

بارىن ئىنقىلابىنىڭ 21 يىللىقى تەبرىكلەندى

دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار بارىن ئىنقىلابىنىڭ 21 يىللىقىنى خاتىرىلىدى. خاتىرىلەش پائالىيىتى تۈركىيە ۋە ئاۋسترالىيىدە بىر قەدەر كۆلەملىك ئېلىپ بېرىلدى.

تۈركىيىدىكى شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى 2-ئاپرېل ئىستانبۇلدا، 3-ئاپرېل ئەنقەرەدە ۋە 4-ئاپرېل قەيسىرىدە پائالىيەت ئۇيۇشتۇرۇپ، «بارىن ئىنقىلابى» نى خاتىرىلىدى.

5‏-ئاپرېل، ئاۋسترالىيە شەرقى تۈركىستان جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئادېلايدتىكى ئۇيغۇرلار «بارىن ئىنقىلابى» نىڭ 21 يىللىقىنى خاتىرىلىدى ۋە شېھىتلەرنى ئەسلەپ ئۆتتى.

1990-يىلى 5‏-ئاپرېل بارىن يېزىسىدىكى ئۇيغۇرلار مەرھۇم زەيدىن يۈسۈپ رەھبەرلىكىدە خىتاي مۇستەملىكىچىلىرىگە قارشى قوزغالغان. يېقىنقى زامان ئۇيغۇر تارىخىدىكى بۇ مەشھۇر ئىنقىلاب «بارىن ئىنقىلابى» دەپ ئاتالغان ئىدى.

قاغىلىقتا ئىككى نەپەر ئايال ئوقۇتقۇچى يۇقىرىغا ئەرز قىلغانلىقى ئۈچۈن قاماقتا ياتقان

قاغىلىق ناھىيىسىدىكى ئىككى نەپەر ئوقۇتقۇچى خىتاينىڭ قوش تىل سىياسىتى ئۈستىدىن شىكايەت قىلغانلىقى ئۈچۈن 35 كۈن قاماقتا ياتقان. بۇلار قاغىلىق ناھىيىسىنىڭ تېتىر ۋە كۆكيار يېزىسىدىن كەلگەن ئايشەمگۈل ۋە خەيرىگۈلدۇر.

خەيرىگۈل 7 يىل، ئايشەمگۈل 20 يىل ئوقۇتقۇچىلىق قىلغاندىن كېيىن، 2004-يىلى ئۇشتۇمتۇت بىر ئۇقتۇرۇش بىلەن خىزمىتىدىن قالدۇرۇلغان.

خىتاي تىلى بىلمەسلىك ئۇلارنىڭ خىزمەتتىن قالدۇرۇشىنىڭ بىردىن-بىر سەۋەبى بولغان.

ھاياتىنىڭ ياشلىق باھارىنى مائارىپ ئىشلىرىغا بېغىشلاپ، ئاخىرىدا ئىشسىز ۋە ماكانسىز قالغان بۇ ئوقۇتقۇچىلار ئۆزلىرى يولۇققان ناھەقچىلىك ئۈستىدىن شىكايەت قىلىپ، يۇقىرى-تۆۋەن ھەرىكەت قىلغان بولسىمۇ، ھېچنېمىگە ئېرىشەلمىگەن. ئەكسىچە، ئىككى قېتىم تۇتقۇن قىلىنىپ جەمئىي 35 كۈن قاماپ قويۇلغان.

ئامېرىكىنىڭ شەرقى قىرغىقىدىكى رادىئاتسىيىلىنىش ئالامىتىنى ئۇيغۇر مۇتەخەسسىس ئابدۇراخمان بايقىدى

«بالتىمور قۇياشى» گېزىتىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ياپونىيىدىكى فۇكۇشىما يادرو ۋەقەسىدىن كېيىن، ئامېرىكىنىڭ شەرقى قىرغىقىدىكى رادىئاتسىيىلىنىش ئالامەتلىرىنى تۇنجى بولۇپ بايقىغان ۋە رادىئاتسىيە مىقدارىنىڭ سالامەتلىككە زىيان يەتكۈزگۈدەك دەرىجىدە ئەمەسلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن مۇتەخەسسىس ئۇيغۇردۇر.

بۇ مۇتەخەسسىس نۆۋەتتە ئامېرىكا مارىلاند شتاتلىق سەھىيە باشقارمىسىنىڭ رادىئاتسىيە تەجرىبىخانىسىدا ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇر لابورانت ئابدۇراخمان ئابلىمىتتۇر.

«بالتىمور قۇياشى» گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە ئابدۇراخمان ئابلىمىتنىڭ بايقاش جەريانى ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان.

ئابدۇراخمان ئابلىمىت ئامېرىكىغا كېلىشتىن ئاۋۋال ياپونىيىدە ئىلىم تەھسىل قىلغان بولۇپ، ئۇ 2005-يىلدىن باشلاپ مەزكۇر تەجرىبىخانىدا تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانماقتا.

خىتاي دائىرىلىرى قەشقەردىن ئەركەشتام چېگرا ئېغىزىغا تۇتىشىدىغان بىر يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول ياسىماقچى

دائىرىلەرنىڭ مەزكۇر پىلانى قەشقەرنى جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىدىكى شېنجېن قىلىپ قۇرۇپ چىقىش قۇرۇلۇشى باشلانغان مەزگىلگە توغرا كەلدى.

كانادادىكى بىر ئۇيغۇر زىيالىيسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ مەزكۇر يۇقىرى سۈرەتلىك تاش يولى، بىر تەرەپتىن سىرتتىن كېلىدىغان ھەربىي مۇداخىلىلەرگە تاقابىل تۇرۇشىنى مەقسەت قىلغان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن، قىرغىزىستان ۋە تاجىكىستاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىگە كېڭەيمىچىلىك قىلىشنى غەرەز قىلغان ئىكەن.

خىتايلار ئارىسىدا ئۈرۈمچىدىن يەرلىك سېتىۋېلىش شامىلى پەيدا بولغان

ئۈرۈمچىدە خىتاي نوپۇسىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، خىتايلار ئارىسىدا ئۈرۈمچىدىن يەرلىك سېتىۋېلىش شامىلى پەيدا بولۇشقا باشلىغان. ھەتتا ئۈرۈمچىدە يەرلىك ساتىدىغان شىركەتلەرمۇ يەرلىك سېتىش تەشۋىقاتىنى كۈچەيتكەن.

«ئۈرۈمچى تورىدا» خەۋەر قىلىشىچە، نۆۋەتتە ئۈرۈمچىدە بىر كىشىلىك يەرلىك باھاسى ئەڭ تۆۋەن بولغاندا 8 مىڭ 600 يۈەن، يۇقىرى بولغاندا 10 مىڭ يۈەندىن ئاشىدىكەن.

خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، ئۈرۈمچىدىكى بەزى خىتاي پۇقرالىرى ئۈرۈمچىدە يەرلىك باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ، يەرلىكنى ئالدىن سېتىۋېلىشقا ئالدىرىماقتا ئىكەن.

ئامېرىكا ئاۋام پالاتا رەئىسى جون بېينىر خىتاينىڭ دىنىي ئەركىنلىكىنى ئىككىلەنمەي قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

جۇمھۇرىيەتچى ئاۋام پالاتا رەئىسى جون بېينىر چارشەنبە كۈنى خىتايدا دىنىي ئەركىنلىكنى قوللايدىغانلىقى ۋە بۇ جەھەتتىكى قوللىشىنىڭ ئۈزۈل-كېسىل ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ، شۇ كۈنى خوڭكوڭ كاتولىك چېركاۋىنىڭ پوپى چېن رىجۈننى قوبۇل قىلغاندا ئۆزىنىڭ خىتاي دىنىي ئەركىنلىك مەسىلىسىدىكى قارىشىنى شەرھلەپ: دىنىي ئەركىنلىك ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇقتۇر. ئەگەر ھۆكۈمەت خەلقنىڭ بۇ ھوقۇقىغا تاجاۋۇز قىلسا، ئامېرىكا بۇنىڭغا سۈكۈت قىلماسلىقى كېرەك ۋە شەرت، دېدى.

جون بېينىر بۇ يىل 1-ئايدا ئاۋام پالاتا رەئىسلىك ۋەزىپىسىگە ئولتۇرغان ئىدى.

گوللاندىيىدە لاگېرلاردىكى ئۇيغۇرلارغا كۆڭۈل بۆلۈش ئالاھىدە بولماقتا

6-مارت گوللاندىيىدىكى مەلۇم بىر لاگېردا بۇ يەردە تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئالاھىدە بىر يىغىن ئۇيۇشتۇرۇلدى.

يىغىنغا مۇساپىرلار ئىشلىرىغا مەسئۇل خادىملار ۋە ئادۋوكاتلار تەكلىپ قىلىنغان بولۇپ، مۇساپىرلارنىڭ ھازىرقى ۋە كەلگۈسىدىكى ئەھۋاللىرىغا مۇناسىۋەتلىك ساۋاتلار چۈشەندۈرۈلدى.

مۇساپىر ئۇيغۇرلارمۇ ئۆزلىرى دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەر ھەققىدە سوئال قويۇپ، ھەل قىلىنىش چارىلىرى ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇردى. يىغىن قاتناشقۇچىلىرى يىغىندىن رازى بولغانلىقىنى بىلدۈردى.