5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن نۇرغۇن تېلېۋىزىيە پروگراممىسى رىياسەتچىلىرى «شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى» تېمىسىدا مەخسۇس پروگراممىلارنى ئىشلەپ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئاڭلاتماقتا.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2011.04.07
sadik-yalsiz-uchanlar-305.jpgتۈركىيە ئۈلكە تېلېۋىزىيىسىدىكى «ئاچىق دېڭىز» پروگراممىسىنىڭ رىياسەتچىسى سادىق يالسىز ئۇچانلار.

RFA/Erkin Tarim

بۇلاردىن بىرى ئۈلكە تېلېۋىزىيىسىدىكى «ئاچىق دېڭىز» پروگراممىسىنىڭ رىياسەتچىسى سادىق يالسىز ئۇچانلار. بۈگۈنكى پروگراممىمىزدا ئۇنىڭ بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىمىزنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

مۇخبىر: ھۆرمەتلىك سادىق يالسىز ئۇچانلار ئەپەندى، ئۇيغۇرلار سىزنى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن ئۈلكە تېلېۋىزىيىسىدە ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئىشلىگەن ت ۋ پروگراممىڭىز بىلەن تونۇدى. سىز ئۇيغۇر مەسىلىسىنى قاچاندىن بېرى بىلىسىز؟

سادىق: مەن 1977-78 يىللىرىدا ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى تۈركولوگىيە بۆلۈمىدە ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدا، مۇسۇلمان تۈركلەرنىڭ ئاتا يۇرتى بولغان شەرقىي تۈركىستاندىكى ئەدەبىياتچىلارنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇغىنىمىزدا شەرقىي تۈركىستاننى تونۇشقا باشلىغان ئىدىم. ئەمما كېيىنكى ۋاقىتلاردا شەرقىي تۈركىستاننىڭ، يەنى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زۇلۇمى ئاستىدا قالغانلىقىنى،مەرھۇم ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن بىلەن ئېلىپ بېرىلغان بىر زىيارەت سۆھبىتىنى ئوقۇغاندىن كېيىن تەپسىلىي بىلدىم.

مۇخبىر: شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى كېيىنكى ۋاقىتلاردا، بولۇپمۇ 5-ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن تۈركىيىدە ئالاھىدە دىققەت تارتىشقا باشلىدى. سىز «ئاچىق دېڭىز» پروگراممىسىدا 3 سائەتكە يېقىن بىر پروگرامما ئىشلىدىڭىز. سىز بۇ پروگراممىنى ئىشلەش ئۈچۈن بىر نەچچە ئاي بۇرۇن تەييارلىق قىلىشقا باشلىدىڭىز، ئۇيغۇرلار ھەققىدە كۆپ ئىزدەندىڭىز، ماتېرىياللارنى توپلىدىڭىز، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم، دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ۋە ئارسلان ئالىپتېكىن ئەپەندىلەرنى پروگراممىدا نەق مەيداندا كۆرۈنۈشكە ئالدىڭىز، يەنى ناھايىتى تەپسىلىي ئىشلىگەن بىر پروگرامما ئىدى، ۋە بۇ پروگرامما تۈركىيىدە بولسۇن ياكى دۇنيادا بولسۇن ئۇيغۇرلارنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتقان ئىدى. بۇنداق ئەتراپلىق بىر پروگرامما ئىشلەش پىكرى سىزدە قانداق پەيدا بولغان؟

سادىق: ئەلۋەتتە تۈركىيىدە ياشاۋاتقان مۇسۇلمان تۈركلەرنىڭ ئانا يۇرتى شەرقىي تۈركىستان ۋە شەرقىي تۈركىستاندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن بېسىم ۋە زۇلۇمغا ئۇچرىغانلىقى ئۈچۈن تۈركىيىدىكى تۈركلەر ھەر زامان ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىق بىلدۈرۈپ كەلدى. مەنچە شەرقىي تۈركىستان داۋاسى تۈركىيىدە قانچىلىك توسالغۇلارغا ئۇچرىسىمۇ خەلق يەنىلا داۋاملىق ھالدا خىتايغا بولغان نارازىلىقىنى بىلدۈرۈپ كەلدى. 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىكى ئۇ ئېچىنىشلىق كۆرۈنۈشلەرنى كۆرگەندىن كېيىن شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە ئەتراپلىق بىر پروگرامما ئىشلەش پىكرى مەندە پەيدا بولدى. كېيىن كۆپ ئىزدىنىش نەتىجىسىدە ئىككى ئۇيغۇرنى ئىستانبۇلدىكى تېلېۋىزىيە ئىستانسىمىزدا تېلېۋىزىيىگە چىقاردۇق، شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا تېلېفون ئارقىلىق تېلېۋىزىيە پروگراممىمىزغا چىقتى. 3 سائەتلىك پروگراممىدا شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە كۆپ سۆزلەرنى قىلدۇق. پروگراممىنى كۆرگەن تاماشىبىنلاردىن كۆپ ساندا خەت كەلدى. بۇنىڭدىن تۈرك خەلقىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە قانچىلىك كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى كۆردۇق. ھەتتا ئوسمانلى پادىشاھىنىڭ نەۋرىسىمۇ تېلېفون قىلىپ مېنى تەبرىكلىدى.

مۇخبىر: بۇ پروگراممىغا قارشى چىققانلارمۇ بولدىمۇ؟

سادىق: بەزى توسالغۇلار بولدى ۋە بۇ پروگراممىنى ياقتۇرمىغان كىشىلەرمۇ بولدى. چۈنكى خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ مەسىلىدە سىستېمىلىق ھالدا سىياسىي تەشۋىقاتلارنى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. يەنى ساختا تەشۋىقاتلار ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بارغان زۇلۇملارنى يېپىش ئۈچۈن ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق تۈرك خەلقىنىڭ تۈرك سىياسەتچىلەرنىڭ كۆزىنى بوياشقا تىرىشىۋاتىدۇ. خىتاي تىجارىي ئارتۇقچىلىقىدىن پايدىلىنىپ تۇرۇپ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى تۈرك ھۆكۈمىتىگە دېگۈزمەسلىككە تىرىشىۋاتىدۇ. ئەمما بىز خۇدايىم بۇيرۇسا شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە پروگرامما ئىشلەشكە داۋام قىلىمىز. نۇرغۇنلىغان كىشىلەرگە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئاڭلىتىشقا تىرىشىمىز.

مۇخبىر: «ئاچىق دېڭىز» پروگراممىسىنى ھەر شەنبە كۈنى ئاخشىمى ئىشلەۋاتىسىز. ئۇيغۇرلار بىلەن مۇناسىۋەتسىز پروگراممىلىرىڭىزدىمۇ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتۈۋاتىسىز، بۇنىڭ سەۋەبىنى ئېيتىپ ئۆتسىڭىز.

سادىق: ئەسلىدە شەرقىي تۈركىستان تۇپراقلىرى بىز بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك شۇنداقلا مەتبۇئاتلارنىڭ ئىنسانلاردا ئادىل بولۇش تۇيغۇسىنى ئويغىتىشى كېرەك دەپ ئويلايمەن. ھازىر دۇنيادا نۇرغۇن يەرلەردە ئۇرۇش بولۇپ قان ئېقىۋاتىدۇ، مەزلۇم ئىنسانلار ئازاب چېكىۋاتىدۇ. دۇنيادا ئەڭ ئېغىر ئازاب -ئوقۇبەت تارتىۋاتقان يەرلەردىن بىرى شەرقىي تۈركىستان. خىتاي ھۆكۈمىتى شىنجاڭ دەپ ئاتىۋالغان ئو شەرقىي تۈركىستان تۇپراقلىرىدا بىر نەچچە مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە بولغان مۇمىيالار تېپىلدى ۋە بۇ مۇمىيالار بۇ تۇپراقلارنىڭ ئەزەلدىن بېرى ئۇيغۇرلارغا ئائىت ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىماقتا. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنى قاتتىق يوشۇرماقتا. شۇڭا بىز بۇ ئادالەتسىزلىكلەرگە قارشى كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك دەپ ئويلايمەن. مېنىڭ شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە ھازىرغىچە قىلغان ئىشلىرىم تېخى يېتەرلىك ئەمەس، ئەمما خۇدايىم بۇيرۇسا بۇنىڭدىن كېيىن بۇ ھەقتە تېخىمۇ چوڭقۇر مەزمۇندا تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرى ئىشلەپ شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنىڭ سىياسىي سەھنىلەردە مۇھىم ئورۇنغا چىقىشى ئۈچۈن تىرىشىمىز.

مۇخبىر: ھۆرمەتلىك سادىق ئەپەندى، سىز شەرقىي تۈركىستاننىڭ تۈرك دۇنياسى ۋە ئىسلام دۇنياسى ئۈچۈن مۇقەددەس زېمىن ئىكەنلىكىنى چۈنكى شەرقىي تۈركىستاندا سۇلتان ساتۇق بۇغراخان، مەخمۇت قەشقىرى ۋە يۈسۈپ خاس ھاجىپتەك ئۇلۇغ زاتلارنىڭ يېتىشكەنلىكىنى دەپ ئۆتتىڭىز ئەمدى پۈتۈن ئىسلام دۆلىتىنىڭ دىققىتىنى بۇ زۇلۇم تارتىۋاتقان خەلققە بۇراش ئۈچۈن ئۇيغۇرلار نېمىلەرنى قىلىشى كېرەك؟

سادىق: بۇ ھەقىقەتەن ناھايىتى مۇھىم بىر مەسىلە. بۇنىڭغا نۇرغۇن ئۆرنەكلەر بار. مەسىلەن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە ئۆزىنى ئاتىغان مۇھىم ئىنسانلار بار. بۇلارنىڭ بەزىلىرى جېنىنى پىدا قىلىپ شېھىت بولدى، ئۇلار ئۆلۈم ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستان داۋاسى ئۈچۈن خىزمەت قىلدى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىندەك يالغۇز بىرقانچە دوستلىرى بىلەنلا بۇ داۋانىڭ تۈركىيىدە ۋە دۇنيادا تونۇلۇشى ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم خىزمەتلەرنى قىلغان كىشىلەرمۇ بار. شەرقىي تۈركىستاندا بولۇۋاتقان ۋەقەلەرنى ۋە ئۆزگىرىشلەرنى دۇنياغا جامائەتچىلىكىگە ئاڭلىتىش كېرەك. شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنى دۇنياغا ئاڭلىتىشتا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىن ئىنتېرنېتتىن ئاكتىپ پايدىلىنىشىمىز كېرەك. ۋەقىپ، جەمئىيەت ۋە سىياسىي تەشكىلاتلار ئىلمىي بىر شەكىلدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ دەۋاغا مۇناسىۋەتلىك پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇشى كېرەك. سىياسەتچىلەرگە بۇ داۋانى ياخشى ئاڭلىتىشىمىز كېرەك. مەسىلەن تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاخمەت داۋۇتوغلىمۇ كونيا ۋىلايىتىنىڭ تاشكەنت يېزىسىدا تۇغۇلغان بولۇپ ئاتا بوۋىلىرى شەرقىي تۈركىستاندىن كەلگەن ئىكەن. بۇ كىشىلەر شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا سەمىمىي كۆڭۈل بۆلىدۇ. يەنە بۇ داۋا ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ تېخىمۇ ئىتتىپاقلىشىپ شەرقىي تۈركىستاندا بولۇۋاتقان ۋەقەلەرنى،ناھەقچىلىكلەرنى ۋە زۇلۇملارنى رەسىم، سىنئالغۇ كۆرۈنۈشلىرىگە ئوخشاش ماتېرىياللار ئارقىلىق تېخىمۇ تەسىرلىك قىلىپ دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئاڭلىتىشىمىز كېرەك. مۇشۇنداق قىلغاندىلا دۇنيا دۆلەتلىرى بۇ مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە باشلايدۇ. مەن ت ۋ پروگرامما رىياسەتچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن قولۇمدىن كەلگەننى قىلىمەن.

مۇخبىر: ئاخىردا قوشۇپ قويماقچى بولغان گېپىڭىز بارمۇ؟

سادىق: مەن تۈرك مىللىتىنىڭ ھەر ۋاقىت ئۇيغۇرلارنى قوللاپ قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلەپ ئۆتمەكچىمەن. مەن «ئاچىق دېڭىز» ت ۋ پروگراممىسىدا بەزى ماتېرىيال ۋە رەسىملەرنى كۆرسەتكىنىمدە خىتاي ھۆكۈمىتى ناھايىتى بىئارام بولغان ئىدى. دېمەك خىتاي ھەقسىز بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ ماتېرىياللارنىڭ ئاشكارا بولۇشىدىن بىئارام بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈچۈن مەن پۈتۈن ئۇيغۇرلارنىڭ مەيلى تۈركىيىدىكى بولسۇن مەيلى ياۋروپادىكى بولسۇن پۈتۈن ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ داۋا ئۈچۈن تېخىمۇ سىستېمىلىق ھالدا خىزمەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.