ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم ئىسپانىيە زىيارىتىنىڭ 3-كۈنى شۇنداقلا ئاخىرقى كۈنى ئىسپانىيىدىكى بىر قىسىم پارلامېنت ۋەكىللىرى بىلەن ئۇچرىشىپ ئۇلار بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ھەققىدە سۆھبەت ئۆتكۈزگەن.
مۇخبىرىمىز ئىرادە
2011.04.07

رابىيە قادىر خانىم شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن يەنە ئىسپانىيىدىكى باسىك پارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇلار بىلەن ئىسپانىيىنىڭ ئۆز ئىچىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر مەسىلىسىنى قانداق ھەل قىلىۋاتقانلىقى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇرغان.

بۇ رابىيە قادىر خانىمنىڭ 3-قېتىم ئىسپانىيىدە زىيارەتتە بولۇشى بولۇپ، ئۇ بۇ نۆۋەت خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ئىسپانىيە پايتەختى مادرېددا ئۆتكۈزگەن 2010-يىللىق تاشقى سىياسەت دوكلاتىنى ئېلان قىلىش يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن ئىدى.

رابىيە خانىم يىغىن مۇناسىۋىتى بىلەن ئېچىلغان مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش مۇراسىمىدا مەخسۇس ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە دوكلات قىلدى ھەم مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

ئىگىلىنىشىچە، رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئىسپانىيىدىكى زىيارىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاياغلاشقان.