دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ئىسپانىيە پايتەختى مادرىددا ئۆتكۈزۈلىدىغان 2010-يىللىق تاشقى سىياسەت دوكلاتىنى تونۇشتۇرۇش يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن تۈنۈگۈن يەنى 4-ئاپرېل كۈنى چۈشتىن كېيىن ئامېرىكىدىن ئىسپانىيىگە قاراپ يولغا چىقتى.
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2011.04.05

رابىيە خانىم بۇ قېتىمقى يىغىنغا ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن قاتناشقان مۇھىم شەخسلەردىن بىرىدۇر.

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، رابىيە خانىم، 5-ئاپرېلدىن 8-ئاپرېلغا قەدەر 4 كۈن داۋام قىلىدىغان بۇ قېتىمقى يىغىندا نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدە مەلۇمات بېرىدۇ. يىغىندىن كېيىن بىر قىسىم ياۋروپالىق دىپلوماتلار ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى بىلەن ئۇچرىشىدۇ، شۇنداقلا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزىدۇ.

رابىيە خانىم ئىككى ھەپتە داۋام قىلغان ئاۋسترالىيە زىيارىتىدىن چارشەنبە كۈنى قايتىپ كەلگەن ۋە ئارىلىقتا نيۇيوركتا ئېچىلغان خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق فوندى جەمئىيىتىنىڭ يىغىنىغا قاتناشقان ئىدى.

بۇ قېتىمقىسى رابىيە خانىمنىڭ ئاۋسترالىيە زىيارىتىدىن قايتىپ كەلگەن بىر ھەپتە ۋاقىت ئىچىدىكى ئىككىنچى قېتىملىق خەلقئارالىق پائالىيىتىدۇر.

مەلۇم بولۇشىچە، رابىيە خانىم ئىسپانىيە زىيارىتى داۋامىدا ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلار ئۈستىدىن ئىجرا قىلىنىۋاتقان ئۆلۈم جازالىرى ھەققىدە مەخسۇس تەپسىلىي توختىلىدۇ.