ئاۋسترالىيىدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى كامبىرادىكى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ 3-ئاينىڭ 24-كۈنى ئادىلايىد شەھىرىگە يىتىپ كەلگەن ئىدى.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز بەختىيار
2011.03.25
rabiye-yaponiyede-sozde-305.jpgرابىيە قادىر خانىم ياپونىيىدە ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ھەققىدە سوز قىلدى.

NTD news

ئاۋسترالىيە شەرقى تۈركىستان جەمئىيىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن باشلانغان ئۇيغۇر سىياسىي رەھبەرلىرىنى تەربىيىلەش كۇرسنىڭ ئىككىنچى باسقۇچى 25-مارت كۈنى ئاياغلاشتى.

كۇرستا ئۇيغۇر سىياسىيونلىرى، تەشكىلاتچىلىرى، جۈملىدىن دولقۇن ئەيسا، نۇرى تۈركەل، مەمەت توختى قاتارلىقلار ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر داۋاسى ھەققىدىكى ئىلمىي دوكلاتلىرىنى ئوقۇپ ئۆتتى. ئاخىرىدا رابىيە قادىر خانىم يېپىلىش نۇتقى سۆزلەپ، كۇرسنى تەشكىللىگەن ۋە ساھىبخانىلىق قىلغان تەشكىلات ۋە شەخسلەرگە مىننەتدارلىقىنى بىلدۈردى.