ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنى ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئىككى نەپەر قانۇن چىقارغۇچىسى تەكلىپ قىلغان.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز بەختىيار
2011.03.23
rabiye-qadir-awstraliye-paaliyet-305.jpgرابىيە قادىر خانىمنىڭ ئاۋسترالىيىدىكى پائالىيەتلىرىدىن كۆرۈنۈش. 2011-يىلى 21-مارت.

RFA/Bextiyar

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە خانىم دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ھۈسەن ھەسەن، باش كاتىپ دولقۇن ئەيسا، باياناتچى ئالىم سېيىتوف ۋە ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى مۇھەممەت ئەلا قاتارلىق ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرىنىڭ ھەمراھلىقىدا 3-ئاينىڭ 23-كۈنى ئاۋسترالىيىنىڭ پايتەختى كانبىرانى زىيارەت قىلدى.

ئاۋسترالىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى، بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقى ۋە ياھو ئاۋسترالىيە خەۋەرلىرى قاتارلىق ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئاۋسترالىيە پارلامېنتىنىڭ ئەزىز مېھمىنى بولغان رابىيە قادىر خانىم ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنى ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئىككى نەپەر قانۇن چىقارغۇچىسى تەكلىپ قىلغان بولۇپ، زىيارەت جەريانىدا ئاۋسترالىيە يېشىللار پارتىيىسىنىڭ رەھبىرى بوب بروۋن Bob Brown بىلەن كۆرۈشكەن ھەمدە پارلامېنت بىناسىنىڭ ئالاھىدە مېھمان كۈتۈش سارىيىدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋالغان.

رابىيە خانىم مۇخبىرلارغا شەرقى تۈركىستان ۋە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بۈگۈنكى ۋەزىيىتىدىن تەپسىلىي مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېگەن: تۇنىس، مىسىر ۋە لىۋىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى ھۆكۈمەتكە قارشى خەلق قوزغىلاڭلىرىدىن چۈچۈپ كەتكەن خىتاي مۇستەبىت ھاكىمىيىتى ئۇيغۇرلار ئۇستىدىن يېڭى تېررورىنى باشلىغانلىقى ئۈچۈن، پۈتۈن شەرقى تۈركىستان، بولۇپمۇ ئۈرۈمچى، قەشقەر ۋە غۇلجا قاتارلىق شەھەرلەر ئۇرۇش مەيدانىغا ئايلىنىپ، ساقچىلار ئۆيلەرنى ئاختۇرۇش، كىشىلەرنى سەۋەبسىز نەزەربەند ئاستىغا ئىلىش، ناھەق تۈرمىلەرگە تاشلاش، يالغاندىن گۇناھ ئارتىپ ئۆلۈم جازاسى بېرىش قاتارلىق رەزىل قىلمىشلىرىنى داۋام قىلماقتا.

خىتايدا ئىنسان ھەقلىرىنى دەپسەندە قىلىش ئومۇمى ئەھۋال، خەلقنىڭ تاقىتى توشتى، خەلق ھامان دىكتاتور ھاكىمىيەتكە قارشى پارتلاپ چىقىدۇ، دېگەن.

ئۇ، مۇخبىرلارغا يەنە: خىتاي ھۆكۈمىتى، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىغا قارشى تۇرۇش، مەدەنىيىتى ۋە كىملىكىنى يوقىتىش، ئەركىنلىكىنى بوغۇش، تىلىنى خىتايچىلاشتۇرۇش ۋە ئىقتىسادتىن ئايرىش قاتارلىق ئىرقىي يوقىتىش ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق، خەلقىمىزنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش پىلانىنى تېزرەك ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، بارلىق كۈچى بىلەن تىرىشماقتا، دېدى.

ئۇ، ئوتتۇرا شەرقتە بولۇۋاتقان خەلق قوزغىلاڭلىرى ھەققىدە توختىلىپ: تۇنىس ۋە مىسىردىكى ھادىسىلەر ئۇيغۇر ۋە خىتاي خەلقىگە زور تەسىر كۆرسەتتى، ئەمما خىتاينىڭ يىللاردىن بۇيان ئىلىپ بېرىۋاتقان رەھىمسىزلەرچە باستۇرۇشلىرى سەۋەبلىك، ھەددىدىن ئاشقان ۋەھىمە ئىچىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر خەلقى ئۇز ھەقلىرىنى تەلەپ قىلىپ كوچىغا چىقالمايۋاتىدۇ. ئۇ ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىدىن خىتاي بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىدە ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشىنى جىددىي تەلەپ قىلدى. ئۇ يەنە ئاۋسترالىيە پارلامېنتى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسان ھەقلىرىنى، دېموكراتىك ئەركىنلىكىنى، تىلىنى، مەدەنىيىتىنى ۋە دىنىي ئەركىنلىكىنى قوغدايدىغان قانۇنلارنى تۈزۈشىنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۈگۈنكى ئاخبارات بايان قىلىش يىغىلىشىغا خىتايغا ۋەكىللىك قىلىدىغان ھېچكىم قاتناشمىغان، ئەمما شىنخۇا ئاگېنتلىقى يىغىن جەريانىنى سىنئالغۇغا ئالغان.