ئامېرىكىدىكى دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتىنىڭ ياردىمى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئاۋسترالىيىدە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان 5-نۆۋەتلىك ئۇيغۇر رەھبەرلىرىنى تەربىيىلەش كۇرسنىڭ سېدنىي شەھىرىدىكى ئىككى كۈنلۈك بىرىنچى باسقۇچى بۈگۈن 3-ئاينىڭ 22-كۈنى تاماملاندى.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز بەختىيار
2011.03.22
rabiye-awstraliye-uyghur-rehberlirini-terbiyilesh-305.jpg5-نۆۋەتلىك ئۇيغۇر رەھبەرلىرىنى تەربىيىلەش كۇرسنىڭ سېدنىي شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى. 2011-يىلى 22-مارتى.

Photo: RFA

كۇرس 3-ئاينىڭ 21-كۈنى نېۋساۋىس ۋەلىس New South Wales پارلامېنت زالىدا باشلانغان بولۇپ، كۇرسقا ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم يېتەكچىلىكىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن رەھبەرلىرىدىن سېيىت تۈمتۈرك، ئەسقەرجان ۋە ھۈسەن ھەسەن قاتارلىقلار، دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لۇ ئىسا خانىم قاتارلىقلار قاتناشتى.

رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئىچىلىش نۇتقى بىلەن باشلانغان بۇ پائالىيەتتە ئاۋسترالىيە پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى جاناب مايكول داندىنىڭ تەبرىك خېتى ئوقۇپ ئۆتۈلدى. پائالىيەتنىڭ كۈنتەرتىپى بويىچە ئاۋسترالىيىنىڭ گىرىفېن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىسى دوكتور مايكول كىلارك «ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ خەلقئارالىشىش ئەھۋالى»، ئاۋسترالىيە ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ باش كاتىپى پاۋېل ھۇۋەس ئۇزىنىڭ «خەلقئارا سودا تەشكىلاتلىرى ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇر مۇستەقىللىقىدىكى تۇتقان ئورنى»، دوكتور مەھەىممەت ئەلا «خىتاينىڭ دېموكراتىيىلىشىش جەريانىدا ئۇيغۇر دەۋاسى ھەققىدە ئىزدىنىش» دېگەن تېمىلاردا ئىلمىي ماقالىلىرىنى ئوقۇپ ئۆتتى. پائالىيەت ناھايىتى دوستانە مۇھىت ئىچىدە ئۇز-ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇش، مەسىلىلەر ئۈستىدە سوئاللار بېرىش قاتارلىق قىزغىن كەيپىياتتا ئاخىرلاشتى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى پائالىيەت ھەققىدە مۇنداق دېدى: بىز ئاۋسترالىيىگە كەلگەن ئۈچ كۈندىن بۇيان پائالىيەتلىرىمىزنى جىددىي باشلىۋەتتۇق. بولۇپمۇ، سېدنىيدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىككى كۈنلۈك ئۇيغۇر رەھبەرلىرىنى تەربىيىلەش كۇرسى ناھايىتىمۇ ياخشى ئۆتتى، پائالىيەت جەريانىدا 10 دىن ئارتۇق مۇتەخەسسىسلەر ئىلمىي دوكلاتلارنى بەردى، دوكلاتلارنىڭ مەزمۇنى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مۇستەقىللىق ھەرىكىتىدە كەسىپلەشكەن رەھبەرلەرنى يېتىشتۈرۈش، تەشۋىقاتنى كۈچەيتىپ دەۋانى خەلقئارالاشتۇرۇش قاتارلىقلارغا مەركەزلەشتى.