ئاشكارىلىنىشىچە، دائىرىلەر لاگېردىكىلەرنى تۈرمىگە يۆتكەشتە خوتەندە جازا مۇددىتىنىڭ ئەڭ تۆۋەن چېكىنى 5 يىل 6 ئاي دەپ بېكىتكەن. قاراقاشنىڭ قارىساي ۋە خوتەن شەھىرىنىڭ ئىلچى يېزىلىرىدا جازا مۇددىتىنىڭ تۆۋەن چېكىنىڭ 5 يىل 6 ئاي بولغانلىقى كەنت كادىرلىرى تەرىپىدىن دەلىللەنگەن ئىدى. ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تەتىقىقاتچىسى زۇبەيرە شەمشىدىن خانىم بۇ مەھكۇملارنىڭ خىتاي دېگەندەك ئاتالمىش «جىنايەت ئۆتكۈزگەن» ياكى «جىنايەت ئۆتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغان» كىشىلەر ئەمەس، پەقەت ۋە پەقەت مەۋجۇت ۋەزىيەتكە قارىتا نارازىلىق كەيپىياتى بايقالغان ياكى نارازى بولۇش ئېھتىماللىقى بار دەپ قارالغان كىشىلەر ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
ئېنىقلاشلار داۋامىدا گۇما ناھىيەسىنىڭ پىيالىما ۋە ياۋا يېزىسىدىمۇ جازا مۇددىتىنىڭ تۆۋەن چېكىنىڭ بەش يىل ئالتە ئاي بولغانلىقى ئاشكارىلانغان ئىدى. نورۋېگىيەدىكى پائالىيەتچى، سابىق ئادۋوكات بەختىيار ئۆمەر ئەپەندى بۇ دېلولاردا بىگۇناھ پۇقرالارنىڭ مىللىي كىملىكى سەۋەپلىكلا «جىنايى ئىشلار جىنايەتچىلىرى» قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ.
يەنە ئاشكارىلىنىشىچە، قەشقەر پەيزىۋاتتا لاگېرلارغا ئادەم توپلاش جەريانىدا تۇتۇلغانلارنىڭ بىر قىسمىنى، يەنى ئاتالمىش گەۋدىلىك بىر جىنايىتى بايقالغانلارنى لاگېرغا ئاپارماستىنلا قولىغا جازا ھۆكۈمنامىسى تۇتقۇزۇپ ئۇدۇللا تۈرمىلەرگە يوللىغان. يېزا ياكى ناھىيەلىك سىياسىي-قانۇن ئىشخانىلىرى ئالدىن تەييارلىغان بۇ ھۆكۈمنامىلەرنى ساقچىلار سومكىسىدا كۆتۈرۈپ يۈرگەن. پەيزىۋاتنىڭ شاپتۇل يېزىلىق ساقچى خادىمى ئۆزىنىڭ يېنىدا 13 كىشىلىك جازا ھۈكۈمنامىسى بارلىقى، ھۆكۈمنامىگە ئىسىم-فامىلىسىنى تولدۇرسىلا كۈچكە ئىگە بولىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان ئىدى.
بەختىيار ئۆمەر ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، لاگېردىكىلەرنىڭ سانى پەۋقۇلئاددە كۆپ بولغانلىقى ئۈچۈن ھەم پىلاندىكى تۈرمىگە تاشلىماقچى بولغان كىشىلەرنىڭ نىسبىتى يۇقۇرى بولغانلىقى ئۈچۈن خىتاي دائىرىلىرى ھەر بىر كىشىگە ئايرىم يىل كېسىمى بېكىتىشكە ۋە سوت ئېچىشقا ئۈلگۈرمىگەن.
خوتەندە لاگېرلاردا كېسىلىپ تۈرمىلەرگە يۆتكىلىشكە «كۈچەيتىپ تەربىيەلەش» دەپ نام بەرگەن ۋە ئاھالىلەر بۇ جازانى «كۈچەيتىپ تەربىيەلەش» دەپ ئاتاشقا ۋە باشقىچە ئاتىماسلىققا بۇيرۇلغان. قاراقاشتا بوستانكۈل «تەربىيەلەش مەركىزى» دە كۈچەيتىپ تەربىيەلەش نامى ئاستىدا 14 يىللىق كېسىۋېتىلگەن بانىخان دېگەن ئايال تۈرمىدە ھاياتىدىن ئايرىلغان. گۇما ناھىيەسىنىڭ زاۋا يېزىسىدىكى بىر تۇتقۇنمۇ «كۈچەيتىپ تەربىيەلەش» نامى ئاستىدا لاگېردىن تۈرمىگە يۆتكەلگەن.
ئەسلىدە ئېغىرلىيتىپ جازالاش ماھىيىتىدىكى بۇ ئىجرائاتنىڭ «كۈچەيتىپ تەربىيەلەش» دەپ ئاتىلىشىنى كۆزەتكۈچى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى مەھكۇم ئاىلە-تاۋابىئاتلىرىغا جازانى سىلىق شەكىلدە يەتكۈزۈش، يەنى ئالداش ئۈچۈن بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن يەنىلا لاگېرنىڭ ئەسلى ماھىيىتىنى خەلقئارا جامائەت پىكرىدىن يوشۇرۇش ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
قازاقىستاندىكى لاگېر شاھىتى باقىتئالىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۇ چاپچالدا لاگېردا ياتقان مەزگىلىدە «كۈچەيتىپ تەربىيەلەش» دېگەن بۇ ئاتالغۇنى ئاڭلىمىغان، ئەمما لاگېردىن چىققاندىن كېيىن ئالتايدا بىر تۈركۈم قازاق تۇتقۇنلارنىڭ «كۈچەيتىپ تەربىيەلەش» نامى ئاستىدا 15 يىللىقتىن كېسىلگەنلىكىدىن خەۋەر تاپقان.
كانادادا ياشاۋاتقان پائالىيەتچى مەمەت توختى ئەپەندى بۇ غەلىتە ئىجرائاتلارنى ئىرقىي قىرغىنچىلىقتىن باشقا ئاتالغۇ بىلەن ئىپادىلەشنىڭ مۇمكىنسىزلىكىنى تەكىتلەيدۇ.
مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى