تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئابدۇراخمان ۋە ئۇ خىتايدىن تارقىتىلغان سىن كۆرۈنۈشىدىن تونۇۋالغان ئوغلى ئابدۇلئەزىز.

2013-يىلدىن بۇيان تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق ئابدۇراخمان توختىنىڭ ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىغا بىلدۈرۈشىچە، 2015-يىلىدىن بۇيان ئۆلۈك-تىرىكلىكىدىن خەۋەر ئالالمىغان ئاتا-ئانىسى، ئاكا-سىڭىللىرى، ئايالى ۋە بالىلىرى ھەققىدە يېقىندا بىر تونۇشىدىن خەۋەر كەلگەن. ئۇنىڭ خەۋەر تېپىشىچە، 67 ياشلىق دادىسى، 57 ياشلىق ئانىسىدىن تارتىپ تۆت ياشلىق قىزى نادىرەگىچە بارلىق ئائىلە ئەزالىرى لاگېرلارغا ۋە تۈرمىلەرگە ئېلىپ كېتىلگەن.

ئابدۇراخمان 2017-يىلى تۈركىيەگە كەلگەن بىر يېقىن تونۇشىدىن ئۆيىدە ھېچكىمنىڭ قالمىغانلىقىنى، ئۆيىنىڭ چېقىۋېتلگەنلىكىدىن خەۋەر تاپقان بولسىمۇ، يەنىلا «ھېچبولمىسا ياشىنىپ قالغان ئانام باردۇ» دەپ سۈرۈشتۈرۈشنى داۋام قىلغان.

2019-يىلى ئۆكتەبىردە ئابدۇراخمان ئۆز ئوغلىنى تاسادىپىي توردا تارقىلىپ يۈرگەن بىر ۋىدىيودا كۆرگەن. ۋىدىيودا شۇنداق زېرەك بىر ئوغۇل بالا «ئىسمىم، ئابدۇلئەزىز، بۇ يىل تۆت ياش» دەپ خىتاي مۇئەللىمنىڭ سوئاللىرىغا خىتايچە جاۋاب بېرىۋاتقانىدى. ئابدۇراخماننىڭ دېيىشىچە بۇ، 2016-يىلى ئايالى پەرىدە ئوغلى ئابدۇلئەزىز بىلەن بىللە تۈركىيەدىن يۇرتى ئاقسۇغا كەتكەندىن كېيىن ئوغلىنى تۇنجى قېتىم كۆرۈشى ئىكەن. شۇنىڭدىن كىيىن ئابدۇراخمان خىتاينىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىدىن يەنە باشقا ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى ئۇچرىتىپ قېلىشنى ئۈمىد قىلىپ ئاقسۇغا مۇناسىۋەتلىك بارلىق ۋىدىيولارغا دىققەت قېلىشقا باشلىغان.

تور ئارقىلىق تونۇشقان ئاقسۇدا تۇرۇشلۇق بىرى بەشتۈگمەن يېزىسىدىكىلەرگە ئابدۇراخماننىڭ ئائىلىسى ھەققىدە گەپ قىلماسلىق جېكىلىگەنلىكى، شۇڭا تەپسىلىي مەلۇمات بېرەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئابدۇراخماننىڭ ئاتا-ئانىسى، ئاكىلىرى، سىڭىللىرى ۋە بالىلىرىنىڭ ئىسمىنى ئاتاپ تۇرۇپ يازغان سوئاللىرىغا قارشى تەرەپ: «دادىڭىز، ئاپىڭىز، مەمەتجان (كىچىك ئاكىسى)، ئارزۇگۈل(كىچىك سىڭلىسى) مۇ يوق» دەپ جاۋاب قايتۇرغان. ھەتتا بۇ تونۇشىنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، چوڭ ئاكىسى ئەمەتجاننىڭ خىتايچە ئوقۇغان 14 ياشلىق ئوغلى ئابدۇللامۇ لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەن.

ئابدۇراخمان ئۆزى ھەر خىل ئۇسۇللارنى سىناپ ئائىلىسى بىلەن كۆرۈشەلمىگەندىن كېيىن، خەلقئارالىق ئاخباراتلارغا مۇراجىئەت قىلغان. 2019-يىلى 3-ئايدا ئەنگلىيەنىڭ داڭلىق خەۋەر قاناللىرىدىن بىرى بولغان «ئاسمان خەۋەرلىرى» (Sky News) گە، 12-ئايدا BBC قانىلىغا ئائىلىسىنىڭ تراگېدىيەسىنى ئاڭلاتقان. ئابدۇراخمان خەلقئارالىق خەۋەرلەردە كۆرۈلۈشكە باشلىغاندىن كېيىن ئائىلىسىدىن خەۋەر ئېلىش ئورنىغا، تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق خىتاي ئەلچىخانىسىدىن «ھەددىڭنى بىلىپ يۈر، بولمىسا ماشىنا سوقۇۋېتىشى مۇمكىن» دېگەن تەھدىتىنى تاپشۇرۇۋالغان.

ئابدۇراخمان توختى ئاقسۇ شەھەر بەشتۈگمەن يېزىسى، يېڭى ئۆستەڭ 25-كەنتىدىن بولۇپ، ئۇنىڭ دادىسى توختى ئەمەت 67 ياش، ئانىسى ئاينۇرخان قاسىم 57 ياش بولۇپ، ئابدۇراخمان بەش قېرىنداشنىڭ ئوتتۇرانچىسى ئىكەن. ئۇنىڭ چوڭ ئاكىسى ئەمەتجان توختى، كىچىك ئاكىسى مەمەتجان توختى، چوڭ سىڭلىسى ئايگۈل توختى، كىچىك سىڭلىسى ئارزۇگۈل توختى قاتارلىقلار 200 مو كېۋەزلىكنى تېرىش ۋە قوشۇمچە تىجارەت قىلىپ، ئۆز مېھنىتى بىلەن ھاللىق سەۋىيەدە ياشاپ كەلگەن. مانا مۇشۇ بەرىكەتلىك قورۇدا يەنە ئابدۇراخماننىڭ 3 بالىسى ۋە يەنە 5 نەۋرە بولۇپ چوڭى 14 ياش، كىچىكى 2 ياشلاردىكى 8 نارەسىدىمۇ ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقان ئىكەن.

ئابدۇراخمان خەلقئارا ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق ئائىلىسىنى ئىزدەشنى توختاتمىغان. «ئامېرىكا ھاياتى» رادىيوسىنىڭ 17-ئاپرېل بەرگەن پروگراممىسىدا ئابدۇراخمان توختىنىڭ ئائىلىسىنىڭ تراگېدىيەسى ئاڭلىتىلغان. پروگرامما گۇرۇپپىسى ئابدۇراخماننىڭ ئائىلىسى تۇرۇشلۇق ئادرېستىكى ساقچى ئىدارىسىگە تېلېفون قىلغان بولۇپ، ئابدۇراخماننىڭ ئائىلىسىدە ھېچكىمنىڭ يوقلۇقى دەلىللەنگەن.

ئابدۇراخمان ئاخىرىدا «بىز بىر كۈنى جەم بولىمىز. بالامنى ئىنشائاللا يات مىللەتنىڭ قولىغا قويۇپ قويمايمەن. بالامنى چوقۇم ئۆزۈم تەربىيەلەيمەن»، دېدى. ئۇ يەنە رادىئو دولقۇنلىرى ئارقىلىق بالىلىرىغا يىللاردىن بىرى ئىچىدە ساقلاپ كېلىۋاتقان يۈرەك سۆزلىرىنى ئېيتقان: «جېنىم بالام، سىلەرگە ئاتا بولالمىدىم. . . بىر قېتىم بىرگە بولۇش نېسىپ بولسا قولۇمدىن كېلىدىغان ھەممىنى قىلىپ سىلەرنى باقىمەن».

 

مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى