دۇنيا مىقياسىدىكى مۇسۇلمانلار ئۈچۈن بۈگۈن ئىسلام دىنىنىڭ روزا تۇتۇش ۋە دۇئا قىلىدىغان رامىزان ئېيىنىڭ باشلانغان كۈنى. خىتاينىڭ غەربىي شىمالدىكى شەرقىي تۈركىستان رايونىدىكى يەرلىك ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا نىسبەتەن ، رامىزاننى تەبرىكلەش – خىتاي كومپارتىيىسى  تەرىپىدىن چەكلەنگەن.

ئامېرىكا چوڭ قىرغىنچىلىق خاتىرە مۇزېيى (USHHM) پەيشەنبە كۈنى بېيجىڭنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەمدە  تۇتۇپ تۇرۇش مەركەزلىرىنى15 تۈرلۈك مەملىكەتلىك دېلو تەتقىقاتى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈپ ، 3 يىللىق لاگېر سىستېمىسىنىڭ «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» كە ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

بۇ مەركەز يەنە ھۆكۈمەتنىڭ «مۇرەككەپ ئىجتىمائىي ۋە تېخنىكا نازارەت سىستېمىسىنى ئىشلىتىپ ، ئۇيغۇرلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىنىڭ ھەممە تەرەپلىرىگىچە كونترول قىلىدىغانلىقى» نى ئوتتۇرىغا قويغان.

مەركەز دېلو تەتقىقاتىدا يەنە مۇنۇلار بىلدۈرۈلگەن : «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەتلەرگە دىنى ۋە مىللىتىگە قاراپ سىستېمىلىق زىيانكەشلىك قىلماقتا. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلىۋاتقانلىقىغا يېتەرلىك دەلىل- ئىسپاتلار بار.  خىتاي قۇرغان كەڭ كۆلەملىك نازارەت قىلىش ۋە تۇتۇپ تۇرۇش ئۇل ئەسلىھەلىرى ئۇيغۇر خەلقىگە زور تەھدىد ئېلىپ كەلدى ، ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتى، دىنىي ئېتقادى،  ئۇلارنىڭ ئۆزگىچە كىملىكى ئېغىر دەخلى-تەرۇزغا ئۇچرىدى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىنسانىيەتكە زىيانكەشلىك قىلىش ، تۈرمىگە تاشلاش ياكى جىسمانىي ئەركىنلىكتىن مەھرۇم قىلىش قاتارلىق جىنايەتلەرنى سادىر قىلماقتا.»

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەمىنلىگەن ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستاندا قۇرئاننىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسىنى كۆيدۈرۈش ، ھالال يېمەكلىك مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەش ۋە  رامزان مەزگىلىدە ئاشخانىلارنى ئوچۇق ھالەتتە تۇرۇشقا مەجبۇرلاش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ دىنىي ئېتقادىنى چەكلىمەكتە.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئۆتكەن يىلى يازدا ئېلان قىلغان دوكلاتتا مۇنداق دېيىلگەن: « تاڭ ئاتقاندىن كۈن پاتقۇچە تاماق يېمەسلىك رامىزاننىڭ ئالامەتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ ،خىتاي ھاكىمىيىتى رۇزا تۇتۇشنى شەرقىي تۈركىستاندىكى «ئاشقۇنلۇقنىڭ بەلگىسى» دەپ قارىغان. ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، رامىزان مەزگىلىدە ، «ئاشقۇنلۇق» نىڭ باشقا ئالامەتلىرىدىن يەنە ئاشخانىلارنىڭ كۈندۈزى تىجارەت قىلماسلىقى، دىنىي كىيىملەرنى كىيىشى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. مۇسۇلمان ئۇيغۇرلارنى خەنزۇلار بىلەن پەرقلەندۈرىدىغان ھەر قانداق قىلمىش خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن «ئاشقۇن ھەرىكەت» قىلىپ بېكىتىلگەن بولۇپ ، تۈرمىگە قاماش جازاسى بېرىلىدىكەن. رامزان مەزگىلىدە رۇزا تۇتۇشمۇ ئاشقۇن ھەرىكەت ھېسابلىنىپ لاگىرغا ياكى تۈرمىگە سولىنىشىغا  يېتەرلىك باھانە بولالايدىكەن.

 

مەنبە: