Türkiye'de corona virüs vaka ve can kaybı sayısı kaça yükseldi? 11 ...

ۋۇخەن كورونا ۋىرۇسنىڭ دەسلەپكى مەنبەسى بولغان ۋۇخەندىكى تەجرىبىخانىدىن  قېچىپ چىقىپ كەتكەنلىكى توغرىسىدا ئامېرىكا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقان بولۇپ،  خەلقئارالىق تەكشۈرگۈچىلەرنىڭ تەجرىبىخانىغا كىرىپ تەكشۈرۈش تەلىپىنى خىتاي رەت قىلغان.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى گېڭ شۇاڭ : «بىر قىسىم  ئامېرىكا سىياسىئونلىرىنىڭ خىتاينىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەققىدە يولغا قويغان تىرىشچانلىقلىرىنى يالغانغا چىقىرىپ، ئامىرېكانىڭ يۇقۇمغا قارشى تۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ياخشى ئادا قىلماي، كىشلەرنىڭ دىققىتىنى باشقا ياققا بۇراۋاتقانلىقىنى ، دەپ مەسئۇلىيەتتىن ئۆزىنى قاچۇرغان.

ئامېرىكا ئەلدارلىرى فوكىس خەۋەرلىرىگە ئۆزلىرىنىڭ سۈنئىي ياسالغان كورونا ۋىرۇسنىڭ بىئولوگىيىلىك قورال سۈپىتىدە ئىشلىتىش ئېھتىماللىقىنى يوققا چىقارغانلىقىنى ئېيتقان ھەمدە ۋۇخەن كورونا ۋىرۇسىغا ئوخشاش خەتەرلىك كېسەللىك پەيدا قىلىدىغان باشقا ۋىرۇسلارنىڭ يەنە تاساددىپىي قويۇپ بېرىلمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، خەلقئارالىق تەكشۈرگۈچىلەرنىڭ تەجرىبىخانىلارغا كىرىپ تەكشۈرۈش تەلىپىنى رەت قىلغانلىقىنى ئېيتقان ھەمدە خىتايدا ۋىرۇس تەتقىق قىلىدىغان بۇ خىلدىكى تەجرىبىخانىلارنىڭ بىر نەچچىسى بارلىقىنى، ماتېرىياللارنىڭ تاساددىپىي قويۇپ بېرىلمەسلىكى ئۈچۈن ، بىختەر بىر تەرەپ قىلىنىشنىڭ ناھايىتى مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن.

ئامېرىكا ئىستىخبارات خادىملىرى ۋۇخەن تەجرىبىخانىسى ھەققىدە ئۇچۇر توپلاشقا باشلىغان بولۇپ ، يۇقۇمدىن كېيىنكى ۋەقەلەرنىڭ ۋاقىت جەدۋىلىنى تىزىپ چىققان.

پومپېيو چارشەنبە كۈنى دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىدە: «خىتايدا  تەجرىبىخانىدا ئىشلىتىلگەن ماتېرىياللارنىڭ بىخەتەر ۋە ئىشەنچلىك بىر تەرەپ قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ ، تاسادىپىي ئېقىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.» دېگەن