23-ئاپرېل دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە «يەرشارى قانۇنىي ھەرىكەت بىرلىكى» (Global Legal Action Network) بىرلىشىپ، كۈچلۈك دەلىل ئىسپاتلارنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئارقىلىق ئەنگلىيەنىڭ تاموژنا ئورگانلىرىدىن خىتايدا مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ئىشلەپچىقىرىلغان پاختا مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىشنى توختىتىشنى تەلەپ قىلغان. بۇ تەلەپنامە خان جەمەتى تاموژنا ئىدارىسىگە سۇنۇلغان.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئەنگلىيەدە تۇرۇشلۇق ۋەكىلى رەھىمە مەھمۇت خانىم بۇ تەلەپنامە ھەققىدە قىسقىچە توختىلىپ: ئەنگلىيە قانۇنى ئارقىلىق مىليونلىغان مەجبۇرىي قۇللۇققا ئىشلىتىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى قوغداش ئۈچۈن بۇ تەلەپنامىنى تەييارلىدۇق، دېگەن.
بۇ تەلەپنامىدە ئۇيغۇرلارنىڭ Muji، Uniqlo، Ikea ۋە H&M قاتارلىق پاختىنى مەھسۇلات مەنبەسى قىلغان ئىشلەپچىقىرىش شىركەتلىرىدە مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقىغا دائىر دەلىل-ئىسپاتلار كۆرسىتىلگەن. تەلەپنامىدە، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش ئارقىلىق ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىش ئەنگلىيەنىڭ «تۈرمىلەردە ياسالغان بۇيۇملارنى ئىمپورت قىلىشنى چەكلەش» نى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قاتار قانۇنلىرىغا خىلاپ بولۇپ، بۇنى دەرھال توختىتىشى كېرەكلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
«يەرشارى قانۇنىي ھەرىكەت بىرلىكى» نىڭ ئادۋوكاتى ۋە «بىندمەنس چېكىلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى» نىڭ قانۇنىي مەسلىھەتچىسى دىرۋېئىلا مىنوگ خانىم: «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر خەلقىگە مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ ئازاب-ئوقۇبەتلىرىنى سىستېمىلىق يۈكلەۋاتىدۇ. بۇ قىلمىش شەرتسىز سودا بىلەن مۇكاپاتلانماسلىقى كېرەك، بۇنداق شارائىتتا ياسالغان پاختا مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئەمدى ئەنگلىيەگە كىرىشىگە يول قويۇلمايدۇ»، دېگەن. ئۇ يەنە بۇ تەلەپنامە ھەققىدە مۇنۇلارنى ئېيتقان: «بارلىق ئىسپاتلار ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئىشلىتىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بولۇپمۇ پاختا مەھسۇلاتلىرى بىۋاسىتە يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدىكى ئۇيغۇرلارغا چېتىلىدۇ. شۇڭا بىز شەرقىي تۈركىستاندا ئىشلەپچىقىرىلىش ئېھتىماللىقى بولغان بارلىق مەھسۇلاتلارنى ئىمپورت قىلىشنى چەكلەشنى تەلەپ قىلدۇق. مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش خەلقئارا قانۇندا ئېتىراپ قىلىنغان جىنايەت. خەلقئارالىق قانۇن بويىچە ھەر قانداق بىر كىشىنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشقا بولمايدۇ. شۇڭا بۇنى چەكلەش كېرەك، بولمىسا خەلقئارا قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلىق بولىدۇ».
ئەنگلىيە قانۇنىغا ئاساسلانغاندا، مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىش ئەنگلىيەنىڭ 1897-يىلى ماقۇللىغان «تۈرمىدە ئىشلەپچىقىرىلغان ماللارنى ئىشلىتىشنى چەكلەش» قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغانلىق بولىدىكەن. ھەتتا ئېغىرراق بولغاندا جىنايى ئىشلار قانۇنىغىمۇ خىلاپلىق قىلغانلىق بولىدىكەن.
ئەگەر ئەنگلىيە تاموژنا ئورگانلىرى بۇ تەلەپنامىنى قوبۇل قىلماي، خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلغان مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق مەھسۇلاتلارنى ئىمپورت قىلىشنى توختاتمىسا» يەرشارى قانۇنىي ھەرىكەت بىرلىكى «يەنە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قاتارلىق ئورگانلار بىلەن بىرلىشىپ سوتقا ئەرز قىلىش باسقۇچىغا ئۆتىدىكەن. بۇ ھەقتە دىرۋېلا خانىم مۇنداق دېگەن: «بىزنىڭ ئىسپاتلىرىمىز بەك كۈچلۈك، ئەگەر ئۇلار يەنىلا پەرۋا قىلمىسا قانۇنىي يول بىلەن يۇقىرى سوتقا ئەرز قىلىمىز».
دىرۋېلا بۇ تەلەپنامىنىڭ يەتمەكچى بولغان نىشانى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېگەن: «بىزنىڭ مەقسىتىمىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنى ئىمپورت قىلىش مەسىلىسىگە جىددىي مۇئامىلە قىلىپ، خىتاي، يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنى قۇللۇق ئەمگىكىگە سېلىشنى توختاتقۇچە خىتايدىن پاختا مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىشنى چەكلەش. ئاخىرقى نىشانىمىز خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئەگەر ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشنى توختاتمىسا، بۇنىڭ پەقەت ئۇنىڭ دۆلىتىنىڭ ئىناۋىتى مەسىلىسىگە تاقىشىپلا قالماستىن بەلكى ئېغىر ئىقتىسادىي ئاقىۋەت كېلىپ كېلىدىغانلىقى ھەققىدە بېسىم ئىشلىتىشتۇر».
رەھىمە مەھمۇت خانىم مۇشۇنداق تەلەپنامىلەر ئارقىلىق ئۈنۈملۈك يوللار بىلەن ئۇيغۇرلارغا پايدىلىق سىياسەتلەرنىڭ تۈزۈلۈپ چىقىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ ئاخىرىدا يەنە مۇنداق دېگەن: «مەن ئەركىن دۇنيادا ياشايمەن، لېكىن ئەتراپىمدىكى مەھسۇلاتلارنىڭ ئاشۇ قېرىنداشلىرىمنىڭ خورلۇقتىكى ئەمگىكىنىڭ مەھسۇلى ئىكەنلىكىنى ئويلىغىنىمدا كۆڭلۈم بەكمۇ يېرىم بولىدۇ».
خىتاي ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ۋە ئامېرىكادىن قالسىلا ئەڭ چوڭ سودا شېرىكى بولۇپ، ئالدىنقى يىلىدىكى سودا سوممىسى 70 مىليارد فوندستېرلىڭغا يەتكەن.
مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى